خىتاينىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.01.06
Raytheon-amerika-bayraq-AP «رايسون» (Raytheon) شىركەت بىناسىنىڭ سىرتىدا ئامېرىكا بايرىقى لەپىلدەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 10-ئىيۇن، ۋوبۇرن
AP/Elise Amendola

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردا ئىزچىل خەلقئارادىكى چوڭ تېمىلاردىن بولۇش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكۈچى مەركىزىي ئامىللاردىن سانىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى زور ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زېھىن قويۇشنىڭ ئورنىغا خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھاكىممۇتلەقلىقنى دۇنياغا كېڭەيتىش ئاساسىدىكى «دۇنياغا خوجا بولۇش» نىڭ كويىغا چۈشۈشى، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلىشىشىگە يول ئاچقان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى.

 خىتاينىڭ ئەنە شۇ خىل «دۇنياغا ھۆكۈمرانى بولۇش چۈشى» نىڭ گەۋدىلىك قۇربانلىرىنىڭ بىرى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا جاۋابەن ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مەزمۇنىدىكى بىر قاتار ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى. خىتايمۇ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر سۈپىتىدە بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى. ئەنە شۇلارنىڭ ئەڭ يېڭىسى 2-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى 28 چوڭ شىركەتكە ئېكسپورت چەكلىمىسى ئېلان قىلىشتا ئەكس ئېتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى يىرىكلىشىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ قالدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى (MOC) ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» 2-يانۋار ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش» ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان 28 شىركەتكە مال ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان. مەزكۇر بۇيرۇق بويىچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى ھەرقانداق شىركەت بىلەن ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە بولۇشىغا، جۈملىدىن شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ خىتاي چېگراسىدىن قەدەم ئېلىشى ياكى خىتايغا مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ خىتاي تەۋەسىدىكى ھەرقانداق سودا شىركىتى ياكى شەخس خىتاي دۆلىتىنىڭ رۇخسىتى بولمىغان ئەھۋالدا بۇ شىركەتلەرگە ھەرقانداق تاۋار ياكى خام ئەشيانى ئېكسپورت قىلىشقا بولمايدۇ؛ خىلاپلىق قىلغۇچىلار بارلىق ئاقىۋەتكە جاۋابكار بولىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلى 28-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، غەرب دۇنياسىدىكى يەتتە شىركەتكە جازا ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق «ئۆچ ئېلىش» ھەرىكىتى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە بەزىلەر بولسا بۇنىڭ 20-يانۋاردىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ھارپىسىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا قاراپ، بۇنى يېڭى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قارىتا ئېغىر تاموژنا بېجى قويماقچى بولغانلىقى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» (CFR) نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى براد سېتسېر (Brad Setser) مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي ھېچقاچان خىتايغا مەبلەغ سالغانلار ۋە خىتاي بازىرى ئۈچۈن مەھسۇلات يارىتىۋاتقانلاردىن باشقىلارنىڭ خىتاي بازىرىغا قول تىقىشىغا يول قويمايدۇ. خىتاي پەقەت ئىچكى ئىستېمال مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغانلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا بازارنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆپلىگەن رىقابەت مەۋجۇت. ھەرقايسى ئۆلكىلەر ۋە ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ئالدىغا مەلۇم بىر شىركەتكە ھامىيلىق قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ بۇ قېتىم نىشان قىلغانلىرىنى ناھايىتى تاللانغان تۈرلەر، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە قانۇن لايىھەلىرى ئۈچۈن دىققەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن ساھەلەردۇر. يەنە كېلىپ بۇلار دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىگە چېتىلىدىغان ھەمدە ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق بولغان تۈرلەر.»

 «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى جازا ئېلان قىلغان شىركەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىگە ۋە ھاۋا بوشلۇقى تېخنىكاسىغا چېتىشلىق شىركەتلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «بويېڭ» (Boeing)، «رايسون» (Raytheon)، «لوكخىد مارتىن» (Lockheed Martin) قاتارلىقلار بار. ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى مايكىل خارت (Michael Hart) نىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە خىتايدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان يېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ خىل جازالىرى ھەمىشە خىتايغا ئىقتىسادىي مەنپەئەت قازىنىپ بېرىدىغان شىركەتلەرنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ كەلگەن. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئالغاندا بۇ قېتىمقى جازامۇ ئوخشاشلا ھېچقانداق خىتاي شىركىتىگە چوڭ بىر زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئەمما ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىشىغا يول ئاچىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم شەكلىدە ئۆچ ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقى نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك بىلىنىۋاتقان بىر رېئاللىقتۇر. بولۇپمۇ ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجى مەسىلىسىگە قارىتا «بىرىنچى باسقۇچ» لۇق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ھەققىدىكى سۆھبەتنى تامام قىلماستىن سوزۇپ يۈرۈپ، بايدېن دەۋرىگە ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى چەكلىمىلەرنى كۆپەيتىپ، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خىتايدىكى 140 شىركەتكە جازا ئېلان قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ ئۆزەك (chip) ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرىنى پالەچ قىلىپ قويغان ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك «ئۆچ ئېلىش» ھەرىكىتى ماھىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ھېچقانداق «ئەجەللىك» زەربە ھېسابلانمايدىغان بولۇپ، ئايلىنىپ كېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا خىتاي بولىدىغانلىقى ئېنىق.

 بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا براد سېتسېر مۇنداق دەيدۇ: «سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بار. خىتاي ھەر ۋاقىت ئامېرىكا ۋە باشقا چەت ئەل مەبلەغ ساھىبلىرىنىڭ مەبلىغىنى خىتاي بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيانقى مۇھىم خىزمەت نىشانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ھازىرقى مەسىلە ئۇنىڭ قايسى سۈرئەتتە بۇ خىزمەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا باغلىق بولۇپ قالماقتا. ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئەھۋال شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن تەخىرسىز، دەپ قارىغان ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ھازىرقى خىتاي تۆت-بەش يىلنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا ئېكسپورتقا تېخىمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ئامېرىكا ھازىر ئىستېمال نۇقتىسىدىن خىتايغا بېقىندى بولۇپ قېلىشنىڭ زىيىنىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. خىتايمۇ شۇ تەرىقىدە ئامېرىكا بازىرىغا بېقىندى بولماسلىقنى قانچىلىك ئارزۇ قىلغان ھالەتتىمۇ شۇنچە كۆپ ساھەلەرنى ئىسلاھ قىلىشقا موھتاج بولۇۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا ئۆزلىرىنىڭ غايەت زور ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ماڭدۇرۇشتا يەنىلا تاشقى ئېكسپورت يولىغا ئېھتىياجلىق.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ساھەسى كۆپىنچە ئەھۋالدا «ئامېرىكا ئۈچۈن ئاساسلىق دۈشمەن» دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي بىلەن سودا قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم جازا ئېلان قىلغان شىركەتلەر بۇنىڭ ھېچقانداق تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن. ئامېرىكا ئىقتىسادىمۇ بۇنىڭ بىرەر تەسىرىگە دۇچ كەلمەيدىغان بولغاچقا، بۇ ھال خىتاينىڭ «سەن قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەن» دېگەن شەكىلدىكى دىپلوماتىك قارشىلىقى، دەپ قارالماقتا. بىز بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرىنى ئېلىش مەقسىتىدە ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېلخەت يوللىغان بولساقمۇ، ئۇلاردىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.