خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى كۈنتاختا شىركىتىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش زەربىسىگە ئۇچرىغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ئالاھىدە ئەترىتى يېقىندا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى (DHS) گە ماسلىشىپ، فىلورىدا شىتاتىنىڭ جېكسون ۋىللى دېگەن يېرىگە جايلاشقان كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ۋە ئۇنىڭ سان-فرانسېسكودىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەن.

ئامېرىكادىكى ئادۋوكاتلار ۋە ئاممىۋى سىياسەت مەسلىھەتچىلىرى مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋىلېي شىركىتى تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەرگە كۆرە، جىنكو شىركىتى (JinkoSolar) خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كۈنتاختا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2010-يىلى سان-فىرانسىسكودىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى قۇرغان ۋە 2018-يىلى جېكسون ۋىللى زاۋۇتىدا تىجارەت باشلىغان.

جىنكو كۈنتاختسى شىركىتىنى تەكشۈرۈش ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي كۈنتاختا سانائىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ سودا قانۇنىدىن قېچىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىكى نەچچە يىللىق تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان.

بىز بۇ تەكشۈرۈش ھەققىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلاشقان بولساقمۇ، ئۇلار بۇ ھەقتە ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى ئېيتتى، ئەمما مەزكۇر مىنىستىرلىققا يازغان خېتىمىز جاۋابسىز قالدى.

دالتوندىكى QCells قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا ياسالغان قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى، 2023-يىلى 2-مارت، جورجىيە
FILE PHOTO: Solar panels are built at the QCells solar energy manufacturing factory in Dalton دالتوندىكى QCells قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا ياسالغان قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى، 2023-يىلى 2-مارت، جورجىيە (REUTERS/REUTERS)

ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى كېڭىشى (AFPC) ئالىي تەتقىقاتچىسى مايكول سوبولىك (Michael Sobolik) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جىنكو شىركىتىنىڭ تۇيۇقسىز تەكشۈرۈلۈشىدە بەزى ئېنىقسىز سەۋەبلەر بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ جىنكو شىركىتى ۋە باشقا كۈنتاختا شىركەتلىرىنىڭ نۇرغۇن زاپچاسلىرى چېگرادا خېلى بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغانىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بازارغا كىرىشىگە يول قويۇلدى. ئەگەر جىنكونىڭ تۇيۇقسىز تەكشۈرۈلۈشى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئالاقىدار بولسا، نېمىشقا نۇرغۇن كۈنتاختا ماللىرى ئامېرىكا بازىرىغا كىرەلەيدۇ؟ دېگەن مەسىلە تۇغۇلىدۇ. شۇغىنىسى مېنىڭ ھازىر بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىم كۆپ ئەمەس، شۇڭا بۇنىڭدا زادى نېمە ئىش بولغانلىقى ھەققىدە كېسىپ بىر نەرسە دېيەلمەيمەن».

رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن يىل 11-ئايدا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) جىنكو كۈنتاختا ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 دىن ئارتۇق كۈنتاختا ماللىرىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ ماللار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دەپ قارالغان.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىگە يازغان خېتىمىزدە مەزكۇر ئىدارىنىڭ خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن كۈنتاختا ئەسلىھەلىرىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكانىڭ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسىدە بۇ قىيىنچىلىقنى قانداق ھەل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇنىڭغا ھازىر جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىل 12-ئايدا بىر قارار چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ كۈن نۇرىلىق باتارېيە ۋە كۈنتاختا زاۋۇتلىرى ئامېرىكانىڭ چېگرا بېجىدىن قېچىش ۋە ماللارنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، كامبودژا، مالايسىيا، تايلاند ۋە ۋېيتنامغا مال چىقىرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئۇ يەردە پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغان. ئەمما ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى جىنكو كۈنتاختىسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزمەي قالغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارا تەشۋىقات بۆلۈمى مۇدىرى لۇئىسا گرېۋ (Louisa Greve) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، كۈنتاختا مەسىلىسىدە بەزى يوچۇقلار ۋە كەمچىلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، جىنكو شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەت ھىمايىلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. شۇڭا بىز بۇ ئىشقا بەك كۆڭۈل بۆلدۇق. ئۇلار زاۋۇت قۇرۇش ياكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەك، بىز بۇنىڭغا نارازى. فىلورىدا شىتاتى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تارتىۋېلىشى كېرەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئارىلاشقان بىر شىركەتنىڭ ئامېرىكادا تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇش ھەرگىز پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ» .

جېكسون ۋىللىدىكى بىر تاراتقۇنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جىنكو شىركىتى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن جېكسون ۋىللى شەھىرى جىنكو شىركىتىنىڭ مەزكۇر شەھەردىكى زاۋۇتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئاتىغان 2 مىليون 300 مىڭ دوللارلىق سايلام ئىئانىسىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان.

ھازىر ئامېرىكادا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش بىلەن يېشىل ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىپ بېرىشى زىددىيەتلىك بىر مەسىلىگە ئايلانغان. لۇئىسا گرېۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئەگەر پاكىز ئېنېرگىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياردەم بەرسە، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق بولسا، ئۇ پاكىز ئەمەس. مانا بۇ بىزنىڭ مەيدانىمىز. مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بۇ ھەقتە بىر يازما دوكلات سۇندۇم. ئۇنىڭدا مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىككى يىلدا كۈنتاختىلارنى ئىمپورت قىلىشقا ئالاھىدە ئىجازەت بەرگەنلىكىنى تەنقىدلىدىم. بۇ ئىككى يىلدا خىتاينىڭ كۈنتاختىلىرى مالايسىيا، تايلاند، ۋېيتنام ۋە باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىردى؛ ئامېرىكانىڭ كۈنتاختىلارغا ئېھتىياجلىق بولۇشى تۈپەيلىدىن، بۇ دۆلەتلەر ھەتتا ئامېرىكانىڭ سودا قانۇنىغىمۇ ئەمەل قىلمىدى» .

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسىنى قانداق ھەل قىلىش، شۇنداقلا ئامېرىكادىكى كۈنتاختا ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن خىتاي بىلەن قانداق سودا قىلىش ئۈستىدە تالاش-تارتىش داۋام قىلماقتا ئىكەن.

مايكول سوبولىك بۇ تالاش-تارتىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، بۇ بىر چوڭ مەسىلە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلدى، بۇ ياخشى ئەھۋال، ئۇلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا، ئەمما بۇنىڭغا ۋاقىت كېرەك. بۇ بىر مۇرەككەپ مەسىلە. پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك سىياسىي مەقسىتى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويدى. بۇ مەسىلىنى قانۇن ۋە ئۇنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى ئىجرا قىلىنىۋاتامدۇ-يوق، قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ دېگەنلەرنى بىلىشى، ئەگەر ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇلارنىڭ پىكرىگە ئوخشىمايدىغان قارار چىقارسا، بۇنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك، شۇڭا بۇ يەردە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، مەن ئۇلارنىڭ بۇنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» .