خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرى خىتاينىڭ قانۇن ئورگانلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان ئىكەن

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى «كۈندىلىك خەۋەرلەر فوندى» 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكا شەھەرلىرىدە يوشۇرۇن ھالدا مەشغۇلات قىلىدىغان ئەدلىيە سىستېمىسى بەرپا قىلدى» سەرلەۋھەلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى «يۇرتداشلار جەمئىيىتى»، «سودىگەرلەر جەمئىيىتى» قاتارلىق قانۇنسىز تەشكىلاتلىرى قارمىقىدا قۇرۇلغان «چەت ئەللەردە مەسىلىلەرنى كېلىشتۈرۈش ئورنى» نامىدىكى يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بولۇپمۇ بۇ قانۇنسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كومپارتىيە بىرلىكسەپ بۆلۈمى، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە قانۇن ئورگانلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى، ھەتتا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن ئورگانلىرىدىن مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىلىپ، ئامېرىكادىكى بۇ يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار تاراتقۇلارنىڭ مۇنازىرە نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 31-يانۋاردىكى «ئامېرىكادىكى قىزىق نۇقتىلار» پىروگراممىسىدا، 2023-يىلى ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى يەر ئاستى «ساقچى پونكىتلىرى»، يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى تارقىلىش ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ كونكرېت خىزمەت دائىرىسى ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئامېرىكادا تۇتقۇن قىلىنغان خادىملىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2023-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى «ساقچى پونكىتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن 61 ياشلىق ليۇ جيەنۋاڭ ۋە 59 ياشلىق چېن جىنپىڭلار خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى «مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرى» نىڭ باشلىقلىرى ئىكەن. چېن جىنپىڭ خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى يوشۇرۇن ساقچى پونكىتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى يەر ئاستى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەن.

ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينى ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن چەتئەللەردە ساقچى پونكىتى قۇرغان دەپ ئەيىبلىگەن. 2022-يىلى 26-ئۆكتەبىر.
ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينى ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن چەتئەللەردە ساقچى پونكىتى قۇرغان دەپ ئەيىبلىگەن. 2022-يىلى 26-ئۆكتەبىر. (rfi.fr)

«كۈندىلىك خەۋەرلەر فوندى» نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ 2022-يىل 11-ئايدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋىرىدە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جياڭمىن شەھىرى شىنخۇي رايونىدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن سان-فرانسىسكودىكى «جياڭمىنلىق خىتاي ياشلىرى قۇرۇلتىيى» نىڭ قارمىقىدا «چەت ئەللەردە مەسىلىلەرنى كېلىشتۈرۈش ئورنى» تەسىس قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكادىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئامېرىكادىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش ۋە خەلقئارالىق نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ھالبۇكى، «كۈندىلىك خەۋەرلەر فوندى» نىڭ نەچچە ئايلىق تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئامېرىكادا قانۇنسىز قۇرۇلغان خىتاي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قارمىقىدىكى يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرى چېتىلىدىغان دائىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكادا پەيدا قىلغان خەۋپلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقى ئاشكارىلانغان.

تەكشۈرۈش دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، ئامېرىكادا قانۇنسىز قۇرۇلغان خىتاي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قارمىقىدىكى «يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرى»، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئورناتقان. ئۇندىن باشقا، خىتاينىڭ بۇ خىل قانۇنسىز تەشكىلاتلىرىدىن ئاز دېگەندە 6 تەشكىلاتنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئامېرىكادا ۋە خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش «چاي سۆھبەتلىرى»، «چاي ئۇچرىشىشلىرى» غا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئىستىخبارات، ئەدلىيە-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن قەرەللىك كۆرۈشۈپ تۇرغانلىقى ئاشكارىلانغان. «چاي سۆھبەتلىرى» دە ئۇلار خىتاي قانۇن ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكادىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچىلەرگە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە تەھدىت سېلىش، كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى يوشۇرۇن نازارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ پېيىغا چۈشۈش، ھەتتا مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان ئىكەن.

تەكشۈرۈش دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى قانۇنسىز تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىككى نەپەر باشلىقىنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكىدىكى خادىملار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. ئۇلارنىڭ بىرى، مارىيلاند شىتاتىدىكى «ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر جەمئىيىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە كالىفورنىيەدىكى «جېجياڭلىق سودىگەرلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ۋېنجۇ شەھەرلىك خەلق سوتىنىڭ كېلىشتۈرگۈچى خادىمى بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىلىك ساقچى مەھكىمىسىنىڭ نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆتىگەن. ئۇ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇيۇشتۇرغان يىغىنلارغا كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، چەت ئەللەردىكى خىتاي ساقچى پونكىتلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى» نىڭ بىر خەۋىرىدە، ئۇنىڭ خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋەكىللىرىنىڭ 2022-يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق چاي ئۇچرىشىشىغا قاتناشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە شۇ قېتىملىق چاي ئۇچرىشىشىدا خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى يەنە فۇجۇدىكى «110 ساقچى تورى» بىلەن ئالاقىسى بولغان چەت ئەللەردىكى «ساقچى پونكىتلىرى» ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر ساقچى تورىنىڭ چەت ئەللەردە 38 ساقچى پونكىتى تەسىس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

«خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى» نىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھېساباتىدا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، چەت ئەللەردىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىككى نەپەر باشلىقى 2024-يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «چاي سۆھبىتى» گە قاتناشقان. يىغىندا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن چەت ئەللەردىكى خىتاي مۇھاجىرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلاپ، خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتىنى يەرشارىلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەكشۈرۈش دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «فۇجۇلۇق يۇرتداشلار جەمئىيىتى»، نيۇ-يوركتىكى «مېيدوڭ خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى»، كالىفورنىيەدىكى «ۋەنجۇلۇق يۇرتداشلار جەمئىيىتى»، ئامېرىكادىكى «فۇجيەنلىك سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقلىرىمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا ئاشكارىلانغان.

«كۈندىلىك خەۋەرلەر فوندى» نىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكادا قانۇنسىز قۇرۇلغان بۇ خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئاتالمىش «مۇھاجىرلار خىزمىتى» نى قىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى ئىستىخبارات ئورگانلىرى، ھەتتا قانۇن-ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، بۇ ئورگانلارنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى مۇتەخەسسىسى، يازغۇچى گوردىن چاڭ «كۈندىلىك خەۋەرلەر فوندى» مۇخبىرىغا بۇ قىلمىشلارنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قانۇن سىستېمىسىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇزچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەھۋال خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ (ئامېرىكانىڭ) ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە، بۇنىڭ باشقىچە ئىزاھاتى يوق».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىخبارات ۋە قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز تەشكىلاتلار ئارقىلىق، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە تەھدىت سالىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە يەنە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان ئىكەن.

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ دىرېكتورى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكادا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ نورۋېگىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى ۋە فىرانسىيەدىكى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمغا ئوخشاش بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاتالمىش «خىتاي مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرى» نىڭ تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىنىشلىق بولغان بۇ خىل قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قارىتا غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەك ئىكەن.