ئامېرىكىدا خىتاينىڭ يەر سېتىۋېلىشنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خىرىس» دەپ قاراش ئامېرىكىنىڭ سىياسەت ۋە دۆلەت مۇداپىئە ساھەلىرىدىن ھالقىپ، ئاۋامنىڭ ئورتاق قارىشىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئالقىشلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا. شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇملار ئارقىلىق «خىتاي تەھدىتى» دىن ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان پىروگراممىلارمۇ تارقىتىلىشقا باشلىدى.
خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ھەقىقىي مەنىدىكى دۈشمەنگە ئايلىنىۋاتقانلىقى داڭلىق تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى، دوكتور فىل ماكگراۋ (Dr. Phil McGraw) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە تارقىتىلىدىغان Merit Street Media سۆھبەت قانىلىنىڭ 2024-يىل 16-ئاپرېلدىكى پىروگراممىسىدا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئالقىشلىق بۇ سۆھبەت پىروگراممىسىنىڭ ئېكرانى «بىزنىڭ زېمىنىمىزغا كىم ھەقىقىي ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتىدۇ؟ خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئىگىلىۋالغانلىقىغا قاراڭ! » دېگەن خەتلەر بىلەن ئېچىلدى.
تېلېۋىزىيە سۆھبەت پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى فىل ماكگراۋ تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى ئېكرانغا يۆتكىدى. ئېكراندا كۆرۈنگەن ئامېرىكا خەرىتىسىدە خىتاي ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ بولغان تېرىلغۇ يەرلەرگە قىزىل بەلگە قويۇلغان ئىدى. بۇ قىزىل بەلگىلەر ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مىسسۇرى، ۋېرجىنىيە، فىلورىدا ۋە كالىفورنىيە قاتارلىق ئىشتاتلارغا تارقالغان ئىدى.
دوكتور فىلنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىغا ئەگىشىپ نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەن. كىشىلەر ئادەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ئۆي مۈلۈك ۋە تېرىلغۇ يەر سېتىۋالغانلىقىدىن خەۋەردار بولسىمۇ، بىر نۇقتىغا كۆپ قىسىم كىشىلەر دىققەت قىلمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ تاماشىبىنلارغا «ھەيران قالارلىقى شۇكى، خىتاي سېتىۋالغان يەرلەر ئىنتايىن كۆپ. يەنە كېلىپ ئۇلار ئامېرىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەتراپىدىن يەر سېتىۋالىدۇ» دەيدۇ.
بۇ پىروگراممىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كۆپ يىللاردىن بۇيان «ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇرنىنىڭ ئاستىدىن ئامېرىكىغا سىڭىپ كىرىۋاتقان» بولسىمۇ، كىشىلەر بۇ ھالغا سەل قارىغان. ئېكراندىكى بۇ خەرىتە بولسا خىتاينىڭ ئامېرىكا زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ھەمدە ئىقتىسادىي مۇشتۇمزورلۇقىنىڭ كىشىلەردىن يوشۇرالمىغۇدەك ھالغا يەتكەنلىكىنى يارقىنلاشتۇرۇپ بەرگەن.
بۇ قېتىمقى تېلېۋىزىيە سۆھبىتىگە تۆت مېھمان تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىمۇ شۇلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان ئەزىز مېھمانلاردىن دېھقان جون بۇ جەھەتتىكى بەزى مەسىلىلەرنى ئالاھىدە شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە بۇنچە كۆپ تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشى سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىش، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ئۈچۈن ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشنى كۆزلىگەن. بۇ بولسا ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا سىياسىيونلىرى خىتاينىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە زور كۆلەمدە تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن تۇرغۇزۇپ چىقىشى لازىم.
سۆھبەتكە قاتناشقا روشەن ئابباس خانىم بۇ ھادىسە توغرىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى ۋە ئەركىنلىكىنى ئىگىلىۋالدى، شۇنىڭدەك مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى.
روشەن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1989-يىلى ئامېرىكىغا يەرلەشكەن ئامېرىكا پۇقراسى بولسىمۇ ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن. ئۇ بۇ ئامېرىكا پۇقراسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوخشىمىغان مۇنبەرلەردە ئەركىن سۆز قىلىشتىن توختىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خىتاي تۈرمىسىدىكى قاماقتىن چىقالمىغان. ئۇ مۇشۇ ھادىسىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى قەبىھ جىنايەتلىرىدىن ئامېرىكىنى ۋە پۈتۈن دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ.
سۆھبەت مېھمانلىرىدىن «خايمان كاپىتال شىركىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دىرېكتورى كايل باس (Kyle Bass) نىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا ھەربىي مۇئەسسەسەلىرى ئەتراپىدىن كۆپلەپ يەر سېتىۋېلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىب قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، شۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان شى جىنپىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ مۇستەملىكە دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. ئۇلار بۇنىڭدا ئامېرىكا تەۋەسىدە يەر ئىگىلەپلا قالماستىن يەنە ئىگىلىۋالغان يەرلىرى ئارقىلىق تەيۋەن ئۇرۇشىغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ھەمدە ئاشلىق ئامبارلىرىنى تولدۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا يەر سېتىۋېلىشى2022-يىلى سىياسىي ساھەدە جىددىي ئەندىشە قوزغىغان ئىدى. شۇ يىلى ئەتىيازدا، «فۇفېڭ گۇرۇھى» دەپ ئاتىلىدىغان يېمەكلىك شىركىتى شىمالىي داكوتا ئىشتاتىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا 12 مىل (تەخمىنەن 20 كىلومېتىر) كېلىدىغان جايدىن 300 گېكتارلىق كۆممىقوناق مەيدانى سېتىۋالغان. بۇ ھال بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى. يېڭى بەلگىلىمىدە «ھەربىي بازىلارغا 100 مىل (تەخمىنەن 160 كىلومېتىر) كېلىدىغان دائىرىدىن يەر سېتىۋالماقچى بولغان ھەر قانداق چەتئەل شىركىتى ياكى شەخس ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىم» دەپ بەلگىلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى قوللىغان نۇرغۇن ئىشتات پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ بۇنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى يەرلەردىن پايدىلىنىپ جاسۇسلۇق قىلىشى ياكى ئامېرىكىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داڭلىق رىياسەتچى دوكتور فىل مەزكۇر پىروگراممىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ ئۈن-تىنسىز يەر ئىگىلىۋېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئۆزىنىڭ بۇ سۆھبەتكە قاتناشقانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن روشەن ئابباس خانىم سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە زېمىن ئىگىلىۋېلىشىنى مىسال قىلغان ھالدا ئاۋامغا «ئەگەر ئالدىنى ئالمىساڭلار ياكى قارشى تۇرمىساڭلار خىتاي ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇم بىر كۈنى سىلەرگىمۇ كېلىشى مۇمكىن» دېگەن سىگنالنى يەتكۈزۈشكە تىرىشقانلىقىنى بايان قىلدى.
روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى تەدبىر ئېلىشىدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئامېرىكىدىكى ھەقسىز تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ياكى مۇھىم تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنى خىتاي بېسىۋالغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاۋامغا بىلدۈرۈش يالغۇز ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنى كۆپەيتىپ قالماي، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي تەھدىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە.