خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى چىرىكلىك خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ تۈپ ئاجىزلىقى دەپ قارالماقتا

0:00 / 0:00

چىرىكلىكى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا داڭ چىقارغان خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يېقىندا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. 23-دېكابىر، ئامېرىكا MSN تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پاراڭلار خىتاي ھەربىي قوماندانلىق مەركىزىنىڭ يەنە بىر قېتىم كىرىزىسقا پاتىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەي تۇرۇپ ۋەزىپە مۇددىتىنى تاماملىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. نۆۋەتتىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دۇڭ جۈندىن ئاۋۋال ۋەزىپە ئۆتىگەن گېنېرال ۋېي فېڭخې بىلەن لى شاڭفۇنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلىشى خىتاينىڭ ھەربىي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ھەر ۋاقىت كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

ھازىرقى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈننىڭ ئىلگىرى خىتاي دېڭىز ئارمىيە قوماندانى بولغان مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن چىرىكلىك قىلمىشلىرى ئۇنىڭ بۇ قېتىم ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدىكەن، گەرچە دوڭ جۈن ھازىر ھېچ ئىش بولمايدىغاندەك نورمال ھالەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇنىڭ ھوقۇقتىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەررەرلىكىگە ئىشىنىدىكەن.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى، دوكتور رايموند كو خىتاي ئارمىيەسىدىكى چىرىكلىك ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى راكېتا قوشۇنىدا ئىزچىل مەسىلە مەۋجۇت. خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بۇ زەربىدار قىسمىدىكى سەتچىلىكلەر داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا. بۇلار شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى كۈچلۈك ۋە زامانىۋى قوشۇن قىلىش خىيالىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي ئارمىيەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي بىخەتەرلىككە قانداق باھا بېرىش ھەمدە ھەربىي ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم».

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي قاتلامدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈشى پەقەت دوڭ جۈن بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. ئەھۋالنى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاز دېگەندە بىر ياكى ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ موللاق ئاتىدىغانلىقىنى ھەم ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. خىتاي ئازادلىق ئارمىيە ئىشلىرىنى يېقىندىن بىلىدىغان مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك ئاساسەن دۆلەت مۇداپىئە ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە ھەربىي قورال سېتىۋېلىش ساھەسىدە كۆرۈلىدىكەن. بېيجىڭدىكى بىر نامسىز ھەربىي ئوبزورچى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئارمىيە ئىچىدە چىرىكلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئۇنى يوقىتىش ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېغىر ۋەزىپىدۇر. نۇرغۇن گېنېراللار دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك توختامدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز پايدا ئېلىشنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ».

دوكتور رايموند كو خىتاينىڭ ھەربىي سىستېمىسىدىكى چىرىكلىكنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چىرىكلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

«ھەر قانداق دۆلەت چىرىكلىككە مۇئەييەن دەرىجىدە قارشى تۇرىدۇ. خىتاينىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلە شۇكى، ئۇلاردا مۇستەقىل تەپتىش يوق، ياكى ئۇلار بۇنداق نازارەت ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ چىرىكلىشىدۇ. سىياسىي چىرىكلىكمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. خىتاي ياكى ھەر قانداق مۇستەبىت دۆلەت يەرلىك ھۆكۈمەت، سودا ساھەسى ياكى خۇسۇسىي تىجارەت ئورۇنلىرىنى نازارەت قىلىدىغان ئورگانلارنى قۇرۇپ چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تېپىپ چىقسا بولىدۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى پاش قىلىشى ئىنتايىن تەس. چۈنكى مۇتلەق ھوقۇق مۇتلەق چىرىكلىك پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور بۇ ھەقتە يوللىغان يازمىچە ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «چىرىكلىك كوممۇنىست دۆلەتلەردىكى ئېغىر مەسىلە، چۈنكى كوممۇنىستلارنىڭ قانۇنلۇق يول بىلەن جان بېقىشى تەس. كوممۇنىزم ئەركىن بازارنى يوقىتىدۇ، ھالبۇكى ئەركىن بازار گۈللەنگەن جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولغان ئەمگەك كۈچلىرىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان بىردىنبىر بازاردۇر» .

خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى ۋە ھەربىي كومىتېت رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، 2035-يىلغىچە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىش، خىتاينىڭ ئاۋىياماتكا ئەترىتىنى ئالتە پاراخوتقا كېڭەيتىش، بۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغا بارغاندا خىتاي ئارمىيەسىنى دۇنيانىڭ بىرىنچى چوڭ ھەربىي كۈچىگە ئايلاندۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن بولسىمۇ، ھەربىي قاتلامدىكى چىرىكلىك ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن. ئەگەر كونترول قىلىنمىسا، خىتاي ئارمىيەسى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن تەڭلىشىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئىچىدىن يىمىرىلىپ ئاجىزلىشىپ كېتىدىكەن. تەيۋەندە جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندىمۇ، خىتاي ئارمىيەسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئاجىز كېلىدىكەن. بۇ ھەقتە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان «2024-يىلدىكى خىتاي ھەربىي كۈچ دوكلاتى» دا مۇنداق دېيىلگەن: «ئازادلىق ئارمىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك ئومۇملاشقان. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ قورال سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە خادىملىرىنىڭ ئىقتىدارى كىشىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ».

ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئەمما خىتايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ئارمىيە ئىچىدە ئەمەس، ھاكىمىيەت (ئوردا) ئىچىدە يۈز بېرىپ كەلگەن.

ئامېرىكا CNN تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاي ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ 2027-يىلدىن بۇرۇن ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش پىلانىنى ئاقسىتىپ قويۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى شى جىنپىڭنىڭ 2027-يىلدىن بۇرۇن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىلا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە مەسئۇل ئەمەلدارلاردىن 15 ئادەم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. شى جىنپىڭ ھەر دائىم ئۆزىگە ساداقەتسىز ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنى تازىلاشنى داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇمۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي قاتلىمىدىكى مۇقىمسىزلىقنى پەيدا قىلغان. دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىپ بۇرنىغا يېگەنلىكى، بۇ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتا تەرەددۇتلىنىپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مۇلاھىزىلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرلىكى، رۇسىيەگە ياردەم بېرىشى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچ جەھەتتە ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلسىمۇ، رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى چىرىكلىك ۋە قالايمىقانچىلىق ئۇنىڭ چوڭراق ھەرىكەت قىلىشىنى چەكلەپ تۇرغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئەگەر خىتاي ھەربىي كۈچ جەھەتتە ئۈستۈنلۈك قازانماقچى بولسا، ئالدى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئارمىيەسىدىكى چىرىكلىك خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسالمايدۇ، ئەمما ئۇنى ھالاكەت گىردابىغا سۆرەپ ئاپىرىشى مۇمكىن ئىكەن.