خىتاي ئارمىيەسىدىكى پارىخورلۇقنى تازىلاش ھەرىكىتى قانداق ئارقا كۆرۈنۈش ۋە مەقسەتتە باشلانغان؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.01.12
xi-jinping-xitay-armiye-bayraq خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئارمىيە بايرىقىنى ئىستراتېگىيەلىك راكېتا قىسمىنىڭ قوماندانى گاۋ چى (سولدا) ئىستراتېگىيەلىك راكېتا قىسمىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ليۇ فۇليەنگە بەرگەن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 31-دېكابىر، بېيجىڭ
chinadaily.com.cn

يېقىندا خىتايدا يۈز بەرگەن راكېتا قىسىملىرىنىڭ كۆپ ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىنىڭ چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق جىنايىتى ئارتىلىپ، جازالىنىشى بىلەن باشلانغان قاتتىق تازىلاش ھەرىكىتى ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارا تاراتقۇلاردىمۇ دىققەت قوزغىماقتا. بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە نۆۋەتتە پۈتكۈل خىتاي ئارمىيەسى ئىچىدە بۇ تۈردىكى قاتتىق تازىلاش كېڭەيمەكتىكەن. تازىلاش ھەرىكىتىدە، ھەتتا تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنىڭمۇ پارىخورلۇق-چىرىكلىك مەسىلىسى بويىچە تەكشۈرۈلۈش، ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئۆز ئارا-نازارەت» ۋە «پاش قىلىش» ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە كېڭىيىشى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان.

خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكادا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راكېتا قىسىملىرىنىڭ كۆپ ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك بويىچە جازالىنىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا پارىخورلۇقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويۇلىدىغان سىياسەت سەۋەبىدىن پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكنىڭ يوقالمايدىغان رېئاللىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خۇ پېڭ ئەپەندى سۆزىدە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇسۇلى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، شى جىپىڭنىڭ قىلىۋاتقىنى پارىخورلۇقنى يىلتىزىدىن تازىلاش بولماستىن، بەلكى «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش بولغىنى ئۈچۈن، 10 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان « «كۆزىتىش چىرىغىنىڭ يورۇقى چۈشكەن نۇقتىلارغا زەربە بېرىش» شەكلىدىكى پارىخورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ پارىخورلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشتا ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پېڭ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇققا زەربە بېرىشى ‹كۆزىتىش چىرىغىنىڭ يورۇقى چۈشكەن نۇقتىلارنى تازىلاش› شەكلىدىكى ‹پارىخورلۇققا زەربە بېرىش› ھەرىكىتى. بۇ دېمەكلىك كۆزىتىش چىرىغى قايسى نۇقتىغا چۈشسە شۇ نۇقتا يورۇيدۇ، كۆزىتىش چىرىغىنىڭ يورۇقى چۈشمىگەن نۇقتىلار يەنىلا قاراڭغۇ بولىدۇ دېگەنلىك. ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇنلىغان تارماقلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ ‹پارىخورلۇققا زەربە بېرىش› ھەرىكىتى، ئارمىيە سېپىدە يۈز بەرمەيدۇ، بۇ جايلاردا بۇ خىل تازىلاش ئېلىپ بېرىلمايدۇ، دېگەن قاراشلار بار ئىدى. شۇڭا بۇ ئەمەلدارلاردا، كۆزىتىش چىرىغىنىڭ يورۇقى ئۆزلىرىگە چۈشمەيدۇ، دېگەن قاراش ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن پارىخورلۇقنى داۋام قىلىپ كەلگەنىدى. ھالبۇكى ھازىر زەربە بېرىلىۋاتقىنى، جياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلار بولماستىن، بەلكى شى جىنپىڭ 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۆزى تەيىنلىگەن ئەمەلدارلاردۇر. بۇ ئەمەلدارلار نېمە ئۈچۈن خاتىرجەم ھالدا پارىخورلۇق قىلمىشى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىدۇ دېگەندە، خىتايدا بۇ ئورۇنلاردىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدىغان ۋە كونترول قىلىدىغان بىر سىستېما يوق. شۇڭا ئۇلار شى جىنپىڭ قوزغىغان پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۇلارنى نىشان قىلمايدۇ، دەپ قارىغانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ».

خۇ پېڭ ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە راكېتا قىسىملىرىنىڭ كۆپ ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك بويىچە جازالىنىشىنىڭ ھەرىكەت شەكلىدە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرىغا، كېڭىيىشىنىڭ ئاقىۋىتى، شى جىنپىڭنى ئارمىيە ئىچىدىكى ھىمايە كۈچلىرىدىنمۇ ئايرىپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىشىگە پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پېڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇ ئاممىۋى ھەرىكەت تۈسىدىكى پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى بۇمۇ كۆزىتىش چىرىغىنىڭ يورۇقى چۈشكەن جايلارنى تازىلاش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. كۆزىتىش چىرىغىنىڭ يورۇقى چۈشكەن جايلار بايقالغان ھامان، ئاممىۋى كۈرەش تۈسىدىكى بىر بىرىنى پاش قىلىش، نازارەت قىلىش ھەرىكىتى داۋام قىلىپ كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەنسىرەش كەيپىياتىنى كۈچەيتمەكتە. ھالبۇكى بۇ ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەسى دەپ قارالغان بۇ ئورۇنغىمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شۇڭا مېنىڭچە بۇ ئەھۋال ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلغان شى جىنپىڭ بىلەن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. چۈنكى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئارمىيەسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ باشقىلارغا زەربە بەرگەنىدى. ھالبۇكى بۇ ئورۇننىڭمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولماسلىقى، كۆپچىلىككە شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھۇلىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسەتمەكتە. چۈنكى ئۇ ئەسلىدىنلا بۇ كۈچلەرنىڭ ھىمايىسىدە، باشقىلارنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارغىمۇ زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى زىددىيەتلەرمۇ ئاشكارىلىنىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كۆپچىلىك ھازىر ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتدار دەپ قارالغان ئورۇنلارنى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان زىددىيىتىنى بايقىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلالايدۇ.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا يۈز بەرگەن راكېتا قىسىملىرىنىڭ كۆپ ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىنىڭ چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق جىنايىتى ئارتىلىپ، جازالىنىشى بىلەن باشلانغان قاتتىق تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتە پۈتكۈل خىتاي ئارمىيەسى ئىچىگە كېڭىيىپ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق زەربە بېرىشكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 10 يىلدىن بۇيان جۇ يوڭكاڭ، شۇ سەيخۇ قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان زەربە بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئۇنىڭ يۈرگۈزگەن سىياسىتى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەينى دەۋردە مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قوزغاپ، لىيۇ شاۋچىغا ئوخشاش، بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى، ئاممىۋى كۈرەش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ يوقاتقاندا قوللانغان ئۇسۇلىغا ئوخشاشلىقىنى بىلدۈردى.

 ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە خىتاي راكېتا قىسىملىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى پارىخورلۇق بىلەن تازىلاشنىڭ، بارغانچە كېڭىيىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىنى تەكشۈرۈش، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ بىر بىرىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىشتەك ئاممىۋى كۈرەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش ھەرىكىتىنىڭ، ئەينى يىللىرى ماۋ زىدۇڭ ئېلىپ بارغان، خىتاينىڭ تاشقى دەرۋازىسىنى تاقاپ، دۆلەت ئىچىدە قوزغىغان ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دەۋرىدىكى بىر بىرىنى پاش قىلىدىغان ئاممىۋى كۈرەش ھەرىكىتىگە ئايلىنالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىنتېرنېت ئالاقىسى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن، خەلقئارادىكى ئەركىن پىكىر ئېقىمى ئۇچرىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، خىتاي دۆلىتى ئىچىدە شى جىنپىڭغا بولغان نارازىلىق سادالىرى بارغانچە كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.