خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پىلانى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.05.29
ashliq-bazisi-konaq.jpg ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن قۇرۇتۇلغان قوناقلارنى توشۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 1998-يىلى 11-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

نۆۋەتتە، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىمپورت قىلغۇچىسى بولغان  بۇ دۆلەتنىڭ 2033-يىلىغىچە ئاشلىقتا چەت ئەلگە تايىنىشنى جىددىي رەۋىشتە ئازايتىشنى پىلانلىماقتا.

خىتاينىڭ بۇ نىشانغا يېتىشىنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 2033-يىلىغا بارغاندا ئاساسلىق دانلىق زىرائەت ۋە پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەردە ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەشنى 92 پىرسەنتكە يەتكۈزۈشنى، بۇنىڭدا گۈرۈچ ئىمپورتىنى 75 پىرسەنت ئازايتىپ 6 مىليون 800 مىڭ توننا، بۇغداي ئىمپورتىنى %60 ئازايتىپ، 4 مىليون 850 مىڭ توننا، پۇرچاق ئىمپورتىنى 21 پىرسەنت ئازايتىپ 7 مىليون 870 مىڭ توننىغا چۈشۈرۈشنى مۆلچەرلىمەكتە.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە 2021-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى ئۇنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2022-يىلىنىڭ باشلىرىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئاساسىدا، رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى، بەزى كېۋەزلىكلەرنى ئاشلىق تېرىلغۇ يەرلىرىگە ئۆزگەرتىش ۋە كۆلەملەشكەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئاشلىقتا ئۆز- ئۆزىنى قامداش نىشانىغا يېتىشىنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تېخىمۇ ۋەيران قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكادىكى ئىقتىساد ئوبزورچىسى چېن شۈگۇاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئاشلىقتا ئۆزىگە تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش  تەننەرخى ئىمپورت قىلغانغا قارىغاندا بەك يۇقىرى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنىلا ئاشلىقتا ئۆز- ئۆزىنى قامداشنى تەكىتلىشى ئۇنىڭ گېئو-سىياسى ئەندىشىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. چېن شۈگۇاڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بىر سانائەت دۆلىتى بولۇش سۈپىتىدە، ئەگەر سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلالمىسا قانداق قىلىدۇ؟ ئەڭ ئاددىيسى، ئەگەر سەن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلساڭ، ئۇ ھالدا سەن ھازىرقى رۇسىيەگە ئوخشاپ قېلىشىڭ مۇمكىن.»

 چېن شۈگۇاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر خىتاي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلالمىسا، بۇ ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئېلىپ بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختىشى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

چېن شۈگۇاڭ 28-ماي كۈنى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە مۇنداق دەيدۇ:«ئەگەر سىزنىڭ تاشقى پېرېۋوتىڭىز قالمىسا، ئاشلىق سېتىۋالالمايسىز. چۈنكى، سىزنىڭ چىقىش يولىڭىز ھەم كىرىمىڭىز قالمايدۇ. سىز نەرسىڭىزنى باشقىلارغا ساتالمىسىڭىز، باشقىلاردىن ئاشلىق ئېلىش ئۈچۈن پۇلىڭىزمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، پەۋقۇلئاددە ئۇرۇش پارتلاپ خىتاي قامالدا قالسا، ئىشەنچلىك ئاشلىق مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەڭ ئىشەنچلىك ئاشلىق مەنبەسى ئاشلىقنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىشتۇر.»

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ 28-ماي كۈنى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى 75 يىللىق ئاشلىق سىياسىتىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇ ئاشلىقتا ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىكەن.

ھالبۇكى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، 2022-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتكەن، رايوننىڭ قۇرغاق جۇغراپىيەلىك مۇھىتىغا ماس كېلىدىغان زىرائەتلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتكەن، شۇنداقلا كۆلەملەشكەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى بەرپا قىلىشنى  تېزلەتكەن. لېكىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يېڭى شەكىلدە داۋاملىشىشىغا يول ئېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا 21 مىليون 192 مىڭ توننا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىپ، 2022-يىلقىدىن 17 پىرسەنت ئارتقان. ئاشلىق تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 42 مىليون 371 مىڭ 500 موغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 16.1 پىرسەنت كۆپەيگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ھەم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كۆپىيىشى خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن ئىلشات ھەسەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئۇنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە،  خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئۇيغۇر  دېھقانچىلىقىنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، مۇھىتقىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن.

ھالبۇكى، چېن شۈگۇاڭ ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئارتۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلىقلار» نى كېڭەيتكەنلىكى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇھىت ئاپىتى پەيدا قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. چېن شۈگۇاڭ مۇنداق دەيدۇ: «رايوندا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلىقلارنىڭ ئادەتتىكى ئاساسلىق ئېتىزلىقلاردا تۇتقان نىسبىتى 75 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. يەنى رايوندىكى ئېتىزلىقلارنىڭ كۆپ قىسمىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلىقلار ئىگىلىگەن. بۇ ئەھۋال شىنجاڭدەك قۇرغاق ھەم سۇ كەمچىل رايوندا مۇھىت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.»

چېن شۈگۇاڭنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان بىر پەيتتە، ھەرقانداق سىياسەت ئۇيغۇر دىيارىنى كونترول قىلىشنىڭ بىر تەدبىرىگە ئايلىنىدىكەن. چېن شۈگۇاڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا سىز بايام ئېيتقاندەك خىتاي رايونلىرىدىن نۇرغۇن دېھقانچىلىق فېرمىلىرىنىڭ كەلگىنىگە ئوخشاش، ھەرقانداق بىر سىياسەت شىنجاڭنى كونترول قىلىدىغان سىياسىي تەدبىرگە ئايلىنىشى مۇمكىن.»

ھالبۇكى، خىتاينىڭ بىر يېزا ئىگىلىك ژۇرنىلىدا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئاشلىقتا ئۆز-ئۆزىنى قامدىشى ئاشلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تېرىلغۇ  يەر كۆلىمىنىڭ چەكلىك بولۇشى، سۇ بايلىقىنىڭ يېتىشمەسلىكى، تۇپراقنىڭ شورلىشىشى، خورىشى ۋە  بۇلغىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە ئېغىر مېتاللار  كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلغىنىش سەۋەبىدىن خىتايدىكى 40 پىرسەنت تېرىلغۇ يەرنىڭ خورىغانلىقى ياكى بۇلغانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

لېكىن شۇنداقتىمۇ، خىتاينىڭ نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاش  شورلۇق ۋە قۇرغاق رايونلاردا ئۆسۈدىغان شال قاتارلىق ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەجرىبە قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋەرلىرىدە، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا شورلۇق يەرلەردە ئۆسىدىغان شال قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈشكە كىرىشكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.