خىتاينىڭ «ئاۋازى» بولۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار كۆپەيمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.08.01
altay-astronomiye-muziyi-oqughuchi-1024 «بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلىرى ئالتايدىكى ئاسترونومىيە مۇزېيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-ئىيۇل، ئالتاي
ts.cn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاتالمىش «تەتقىقات-ئۆگىنىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئورۇنلاشتۇرغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. يېقىندا تەشكىللەنگەن «ھازىرقى خىتاينى چۈشىنىش ۋە ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭنى تونۇش» تېمىسىدىكى تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيىتى بۇنىڭ بىر مىسالى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلغان ۋە ئېچىۋېتىلگەن «ھەقىقىي شىنجاڭ» نى «ئېنىق» كۆرگەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، خىتاينىڭ «ئاۋازى» بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى»، «تېڭشۈن تورى» نىڭ بۇ بىرنەچچە كۈندىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، «بېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى» ۋە «بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» دىكى 26 دۆلەتتىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى، شىخەنزە، قاراماي ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى شىركەت، مەكتەپ-ئۇنىۋېرسىتېت، يېزا-كەنت ھەمدە بىر قىسىم ساياھەت رايونلىرىغا بارغان. 17-ئىيۇلدىن باشلانغان 10 كۈن ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان «ھازىرقى خىتاينى چۈشىنىش ۋە ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭنى تونۇش» تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيىتىگە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ۋىيېتنام، نېپال، كورېيە، ئۇگاندا، رۇسىيە، سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 80 گە يېقىن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ۋە تەيۋەن، خوڭكوڭ، ماكاۋلىق ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان. مەزكۇر پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆھبەت يىغىنىدا، ئۇلار ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى پەقەت «قارلىق تاغ، ئوتلاق ۋە قۇملۇق» دەپ ئويلىغان بۇ زېمىننىڭ «خىتاينىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن چېگرا رايونى» غا ئايلانغانلىقىنى، ھەمدە رايوندىكى يېزا ئىگىلىك، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سانائەت، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ھەر ساھەلەردىكى «ھەقىقىي شىنجاڭ» نىڭ كىشىنى ئىشەندۈرگۈسىز تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى «ئېنىق» كۆرۈپ، ھەيران بولغانلىقىنى بەس-بەستە ماختاشقان.

ياپونىيەدىكى شىزىئوكا ئۇنىۋېرسىتېتى (Shizuoka University) ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، موڭغۇل تەتقىقاتچى، موڭغۇل تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس ئوخنوس چوگتۇ (ياڭ خەييىڭ) (杨海英) ئەپەندى خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تەتقىقات-ئۆگىنىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بېرى زور مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم چەت ئەللىكلەرنىڭ «ئاۋازى» دىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى «زامانىۋىلاشقان ۋە تەرەققىي قىلغان»، شۇنداقلا «ئىلغار ۋە مەدەنىيەتلىك رايون» غا ئايلاندۇرغانلىقى ھەققىدىكى كەڭ-كۆلەملىك تەشۋىقات شوئارى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جىددىي رەۋىشتە يېپىشقا ئۇرۇنماقتىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى.

 «ماھىيەتتە، خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ناتسىستلارنىڭ ‹يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى› دىنمۇ ۋەھشىيدۇر. چۈنكى ئۇلار مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئەينى چاغدا موڭغۇللارنى خىتايلاشتۇرغاندەك ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى بۇرمىلاپ يوقىتىپ، ھەتتا خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاپ ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇڭا، ھازىر خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگىمۇ پىسەنت قىلماستىن، شىنجاڭنى مىسلى كۆرۈلمىگەن غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كوزىر قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتىلغان تۈرلۈك تەشۋىقاتتىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇس، بۇ تەشۋىقاتقا ئىشتىراك قىلغۇچىلار مەقسەتسىز ۋە مەقسەتلىك ھالدا خىتاينىڭ توقۇپ ياسىغان ‹گۈزەل شىنجاڭ› تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانماقتا.»

ئامېرىكادىكى «خەلقئارا تىنچلىق كاتالىزاتورى» غەربىي شىمال رايونلۇق شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى، ئۇيغۇر رايونى ۋە قازاقىستاندا بىر مەزگىل ياشىغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان دوكتور بىل كلارك (Bill Clark) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەتقىقات-ئۆگىنىش ۋە ساياھەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى مۇنداق بىر ئۇيغۇرچە جۈملە بىلەن باشلىدى: «ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرى بار بولغان بولسا… شۇڭا مەن ھەر زامان شۇنداق دەيمەن، ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇيغۇر دوستلىرى يوق.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى. «چۈنكى بۇ ساياھەتلەر ھەممىسى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭا، بۇ خىلدىكى پائالىيەت-ساياھەتلەردىن قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەممە ئىشلار ياخشى دېگەن دوستلارنىمۇ كۆرۈۋاتىمەن. ئۇلارغا ھەممە ئىشلار ياخشىدەك، خەلقلەر بەختلىك باياشات ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەنگلىيەدە بىر يىل داۋاملاشقان ئۇيغۇر سوتىدا لاگېردا ھايات قالغانلار، دىپلوماتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇلارغا يانتاياق بولىدىغان بىر قىسىم كىشىلەردىن پايدىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانۇنلۇق شەكىلدە ئاڭلىتىۋاتقانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى تەشۋىقات سادالىرىغا موھتاج بولۇۋاتىدۇ. ئېنىق كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ھازىر بىزنىڭ كۆزىتىشىمىزدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاكتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ۋەجىدىن مەن كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولغان رايونغا ساياھەتكە بېرىش-بارماسلىقنى ۋە كىمگە ئىشىنىشنى ۋىجدانەن ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، ھازىر بۇ جايدا ئوخشىمىغان ئىككى خىل ھېكايە بار. بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېكايىسى. يەنە بىرى بولسا، بولۇپمۇ يېقىنقى يەتتە يىل جەريانىدا بالىلار-ئۆسمۈرلەر، ياشلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن تارتىپ ياشانغانلارغىچە ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نىداسىدۇر. شۇڭا دۇنياغا بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىتىش كېرەك.»

بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ بىر يۈرۈش «تەتقىقات-ئۆگىنىش» كە قاتناشقان خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىمتىيازلىرىغا ئېرىشىۋاتقانلار ئىكەن. ئۇ ئىنكاسىدا، بۇ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ھەقىقىي شىنجاڭ» نى «ئېنىق» كۆرەلەيدىغان تەشۋىقات «نىشانى» قىلىشتىكى غەرەزلىرى ۋە ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بۇ سەپكە «ئىشتىراك» بولۇشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ خىلدىكى ئاتالمىش «تەتقىقات-ئۈگىنىش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ساياھەت پائالىيەتلىرى، ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

دەرۋەقە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، كانادا، ئىسپانىيە، ئامېرىكا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتتىن كەلگەن 56 نەپەر خىتاي مۇھاجىر ياش-ئۆسمۈردىن تەشكىللەنگەن 2024-يىللىق «خىتاي يىلتىزىنى ئىزدەش ساياھىتى» نامىدىكى يازلىق لاگېر ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۆزىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى يوشۇرۇش تەشۋىقاتىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلىنىشنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.