ئامېرىكا خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا جامائىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىگە دىققەت قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.06.26
sara-cook-luisa.jpg ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ۋاشىنگتوندىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ خادىمى ساراھ كۇك خانىم ۋە «دۇنيا خرىستىئانلار ئىتتىپاقى» نىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خادىمى لۇئىزا گرېۋ خانىم سۆز قىلدى. 2018-يىلى 4-ماي.
RFA/Eziz

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئارىسىدىكى جىددىيلىك ئىككى دۆلەتنىڭ ئاخبارات-ئۇچۇر ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. بولۇپمۇ، تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى باشلانغان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ھەققىدە كۆپلەپ ئاساسسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى يەنىمۇ قاتتىق ئويلاندۇرغانىدى.

نەتىجىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەسلەپتە خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيىسى تورى قاتارلىق 5 ئاخبارات ئورگىنىنى «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» دەپ بېكىتكەن بولسا، يېقىندا يەنى 22-ئىيۇن كۈنى يەنە خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيىسى «CCTV»، خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى ۋە خىتاي يەرشارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت 4 ئورگاننىمۇ «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» قىلىپ بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن، چەتئەل ۋاكالەتخانىسى دەپ بېكىتىلگەن خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ سانى 9 غا يەتكەن بولدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى خادىملار بۇ قارار ئارقىلىق ئامېرىكا خەلقىگە بۇ ئورۇنلارنىڭ خىتاينىڭ «تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى» ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇتۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان.

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى سارا كۇك بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈلۈشىنى كىشىلەرنىڭ خىتاي ئاخباراتى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنى توغرا دەپ قارايمەن. چۈنكى خىتاينىڭ بىر ئاخبارات ئورگىنىنى يۇقىرىقىدەك كاتېگورىيەگە كىرگۈزگەن ئىكەنمىز، ئۇ ھالدا چوقۇم باشقا ئورگانلىرىمۇ ئوخشاش بۇ كاتوگورىيەگە ئېلىنىشى كېرەك. خىتاينىڭ ھەممە ئاخبارات ئورگانلىرى ئوخشاشلا دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئورگانلارنى دۆلەت ۋاكالەتخانىسى قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق ئامېرىكا جامامەتچىلىكىگە بۇنى چۈشەندۈرۈش، بۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ قانداقتۇر مۇستەقىل ئورۇنلار ئەمەس بەلكى خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش جەھەتتىن بۇ مۇھىم».

مەلۇم بولۇشىچە، «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى ھەققىدىكى قارار» غا ئاساسەن، باشقا بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە تەۋە بولغان ۋە ياكى ئۇنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان مۇئەسسەسىلەرگە قارىتىلىدىكەن. بۇنداق تىزىملىككە ئېلىنغان ئورۇنلار خۇددى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلارغا ئوخشاشلا ئۆز ئورگىنىنىڭ پائالىيەتلىرى، مال-مۈلكى ۋە بۇ ئورگانلارغا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەلۇمات قىلىپ تۇرۇشى كېرەككەن.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارىنى «ئورۇنلۇق»، دەپ باھالىدى. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈردى: «مۇستەبىت ھاكىمىيەتتىكى دۆلەت تاراتقۇلىرى ئەركىن تاراتقۇ ئەمەس، ئۇ ئابونتلىرى ئۈچۈن تەكشۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينىيالمايدۇ، ئۇ ھەم ئەركىن سۆزلىيەلمەيدۇ. خىتاي پۇقرالىرى يىللاردىن بېرى باج تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرى ئۈچۈن سۆزلىمەيدىغان بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى رەت قىلىدىغان بۇ ئورگانلارنى يۆلەپ كەلدى. شۇڭا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنى نورمال تاراتقۇلاردىن پەرقلەپ، ئۇنىڭغا باشقىچە مۇئامىلە قىلىشى ئىنتايىن توغرا».

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئامېرىكانىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۇنى «خىتاي تاراتقۇلىرىنى سىياسىي مەقسەتتە باستۇردى» دېگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 23-ئىيۇن كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا يەنە ئامېرىكانى «سوغۇق ئۇرۇش روھىي ھالىتى بىلەن ئىش كۆردى»، دەپ تەنقىدلىگەن.

دوكتور ئاندېرس كور بولسا بىزگە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئامېرىكانىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن ئادالەتسىز ھالدا بەھرىمەن بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «قاچان بىزنىڭ مۇستەقىل ۋە ئەركىن مەتبۇئاتلىرىمىز ۋە شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىمىز تولۇق ۋە چەكلىمىسىز ھالدا خىتايغا كىرەلەيدىغان بولغۇچە، خىتاينىڭ دۆلەت مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭمۇ ئامېرىكاغا كىرىشىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەك، كىرەلمەسلىكى كېرەك. مانا بۇ ئامېرىكانىڭ بۇندىن كېيىنكى يېڭىچە سىياسىتى» دېدى.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتقا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنىڭ يالغۇز خىتاينىڭ ئۆزىگە تەۋە ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا ئاخباراتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ، بۇ يەردە پەرقلەندۈرۈش ئەڭ ئاسان بولغىنى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىدۇر. ئەمما كۆرۈنۈشتە خىتايدىن مۇستەقىل بولغان ۋە ئامېرىكادا قۇرۇلغاندەك كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە بولسا يەنىلا خىتاينىڭ گېپىنى قىلىدىغان ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ بار. بۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكانىڭ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭمۇ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلىنىشلىقى بارلىقى ئايدىڭلىشىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئامېرىكا جامائىتىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس.» دەپ ئەسكەرتتى. شۇڭا ئۇ بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات-ئۇچۇر ساھەسىدىكى تەسىرىنى ئېنىقلاشتا يەنە داۋاملىق قىلىنىدىغان خىزمەتلەر بارلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.