خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا كېرىيەنىڭ سىيەك، پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىدىن 50 چە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا خىتاينىڭ بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدىن 40 نەپەر، پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىدىن 8 نەپەر كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە دۆلەت بايرىمى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنغان بۇ تۇتقۇندا، 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا يېشى 18 گە يەتمىگەن ياكى شۇ مەزگىلدە توردىن چۈشۈپ قالغان گۇماندارلار تۇتقۇن نىشانى بولغان.

2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا 3 مىليونچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى تا ھازىرغىچە بىلىنمەيۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا تۇتقۇننىڭ يەنە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئۆتكەن ھەپتە، يەنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، سىيەك يېزا تەۋەسىدىن 40 چە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەدلىيە خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تۇتقۇن دۆلەت بايرىمىنى تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدىكى بىخەتەرلىك ئوپېراتسىيەلىرى داۋامىدا ئىجرا قىلىنغان. دۆلەت بايرىمىغا بىر ئاي قالغان مەزگىلدە يېزىدا ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىنى سىياسىي ئۆگىنىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلىپ ئاھالىلەر يەنە مەسىلە تاپشۇرۇشقا قىستالغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزا ساقچىخانا خادىمىمۇ، ساقچىخانىدا نۆۋەتتە 8 كىشىنىڭ تۇتۇپ سوراق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىقى ئەدلىيە خادىمى ئۆتكەن ۋە بۇ يىلقى تۇتقۇندا ئاساسلىقى 2017- ۋە 2018-يىللىرى يېشى 18 گە يەتمىگەنلەرنىڭ گۇمانلىق نۇقتا بولغانلىقى ۋە مەسىلە بايقالغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. تېرىم يېزىلىق ساقچىخانا خادىمىمۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ياش ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلار سانىنىڭ 200 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ ناھىيەلىك ساقچى ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلاردىن بىرى ئايال كىشى بولۇپ، ئۇ 2014-يىلى بىر ئىنىسى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندە، ئىنىسىنىڭ چەتئەل سەپىرىنى ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئايالنىڭ بۇ «جىنايىتى»، يەنى ئىنىسىنىڭ چەتئەل سەپىرىدىن خەۋىرى بارلىقى تېخى يېقىندا بايقالغان، شۇڭا ئۇ توردىن چۈشۈپ قالغان گۇماندارلار قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇننىڭ ئالدىدىمۇ، ھەر يىللىق دۆلەت بايرىمى، ئىككى يىغىن ۋە خەلقئارالىق كۆرگەزمە قاتارلىق مۇراسىملاردا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بېرىلغانىدى. بۇ ۋەزىيەتنىڭ 2017‏-يىلىدكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىنمۇ توختىمىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ رايوندىكى مۇقىملىق ئەندشىسىنىڭ تېخىچە بېسىقمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.