خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ يىلمۇ خىتايلارنىڭ مىللىي بايرىمى بولغان «تاڭزوڭزا بايرىمى» يەنى «دۇەنۋۇ بايرىمى» (ئەجدىھا قولۋاق بايرىمى) نىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ھەر يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرى يېتىپ كېلىدىغان بۇ بايرامنىڭ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق تەبرىكلەيدىغان مەدەنىيەت بايرىمىغا ئايلانغانلىقى داۋراڭ قىلىنغان
خىتاينىڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ 5-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، 4-ئىيۇن كۈنى سانجى ئاپتورۇم ئوبلاستىدا «بىزنىڭ بايرىمىمىز دۇەنۋۇ بايرىمى» يەنى «بىزنىڭ بايرىمىمىز ئەجدىھا قولۋاق بايرىمى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.
خەۋەردە نۆۋەتتە بۇ بايرامنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر مىللەت خەلقى تەبرىكلەيدىغان ئورتاق بايرامغا ئايلانغانلىقى، ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كەلگەن بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئائىلىلەردە تەييارلانغان ۋە بازارلارغا سېلىنغان زوڭزىلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ 5-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىللىق «دۇەنۋۇ بايرىمى» دا تەڭرىتاغ تېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيەلەردىكى يېزا-كەنتلىرىدە، مەھەللىلەر ۋە مەكتەپلەردە زوڭزا ياساپ، شەرقىي ئاسىيا مىللەتلىرىگە ئورتاق بولغان مەزكۇر بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى تەشكىللىگەن ئىكەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن يەنە خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانىدا 2024-يىلدىكى «دۇەنۋۇ بايرىمى» (ئەجدىھا قولۋاق بايرىمى) نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن بىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كۇڭزى ئىبادەتخانىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بايرام مەزگىلىدە نومى گۈرۈچى قىيمىسىنى بامبۇك يوپۇرمىقىغا يۆگەپ ياسالغان «تاڭ زۇڭزا» لارنى يەپ بايرام كەيپىياتى يارىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «دۇەنۋۇ بايرىمىغا» ئوخشاش خىتاي مىللىي بايراملىرىنى بىرلىكتە تەبرىكلىشى، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» گە بولغان مەنىۋى بېغىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بايراملىرىغا چەكلىمە قويۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارنىڭ مىللىي بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىشىدىكى مەقسەت زادى نېمە؟ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقان خىتاي بايراملىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغاندەك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتامدۇ؟
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەردىن كانادادىكى شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، «دۈەنۋۇ بايرىمى» خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى بولۇپ، ھەر يىلى خىتاي دېھقانلار كالېندارى بويىچە 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىلادىيە كالېندارى بويىچە 6-ئاينىڭ بېشىغا توغرا كېلىدىغان بۇ بايرام خىتاينىڭ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى چۇ بەگلىكىدىكى ئاقسۆڭەك چۈ يۈەننى خاتىرىلەش بايرىمى ئىكەن.
شېڭ شۆ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە، مىللىي ۋە دىنىي بايراملارنىڭ، ئوخشاش جۇغراپىيەلىك مۇھىتتا بىرلىكتە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئۆزلەشتۈرۈلۈپ قوبۇل قىلىنىشى يۈز بېرىدىغان ئەھۋال ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا، تاڭ زۇڭزا بايرىمىغا ئوخشاش خىتاي بايراملىرىنى زورلاپ تېڭىشتەك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، ئاسسىمىلياتسىيەنى نىشان قىلغان بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسىغا ئايلانماقتا ئىكەن.
شېڭ شۆ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى شەرھلەپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇنداقتا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ مەجبۇرلاش ھەتتا زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بۇ خىلدىكى بايراملارنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» تونىغا يۆگەپ، مەجبۇرلاش ھەم ھاقارەتلەش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا تېڭىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشتەك نومۇسسىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا فولكلور كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقات خىزمىتىدە بولغان مېھرىئاي مەمتىلى خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ «زوڭزا بايرىمى» غا ئوخشاش خىتاي بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇشى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى، روزا بايرىمى ۋە قۇربان ھېيتلارغا ئوخشاش مىللىي ۋە دىنىي بايراملىرىنى تەبرىكلىشى چەكلەنگەن شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى خىتاي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىشى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىكەن.
مېھرىئاي مەمتىلى خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن بۇيان بۇ خىل خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يىلدىن-يىلغا تېخىمۇ ئاشكارا ۋە تېخىمۇ قوپال رەۋىشتە ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ «نەچچە مىڭ يىللىق زوڭزا بايرىمى خىتايلارنىڭ ئۆزگىچە دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، چاغان بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، ئايتوقاچ بايرىمى قاتارلىق بايراملار بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ماكانىنى ھاسىل قىلغان» دېيىلگەن.
ھالبۇكى مېھرىئاي مەمتىلى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تاڭغان ھالەتتىمۇ، ئۆزىگە خاس بولغان ئۆرۈپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقادىدىن شەكىللەندۈرگەن مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان بۇ خىلدىكى بايراملارنى، خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بويىچە قوبۇل قىلىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
يۇقۇرقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.