خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۇەنۋۇ بايرىمى»، يەنى «ئەجدىھا قولۋاق بايرىمى» بۇ يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنىگە توغرا كەلدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ يىللىق «دۈئەنۋۇ بايرىمى» نىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «زوڭزا يېيىش»، «ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى كەچلىك بازارلاردا يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە «قېتىق زوڭزىسى» نىڭ بازار تاپقانلىقى خەۋەر قىلىندى. بۇ تۈردىكى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە يەنە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئاتالمىش «نەمۇنىچى» قۇربان نىياز قۇرغان مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «جۇڭخۇا مەدەنىيەت بايراملىرى ئۆگىنىش» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئىدارە-ئورگان ۋە مەكتەپلەردە ھەقسىز زوڭزا تارقىتىلغانلىقى، جايلاردىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا خىتاي كادىرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ قوناق يوپۇرمىقىدا 3 بۇرجەكلىك زوڭزا تۈگۈپ، يېيىشنى ئۆگەڭەنلىكى قاتارلىقلار ئالاھىدە خەۋەر تېمىسى قىلىنغان.
ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيتقا ئوخشاش ئەنئەنىۋى دىنىي بايراملىرىنى چەكلىگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى،» دەپ ئاتىماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ 25-ئىيۇن كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل خىتاي بايراملىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئۇلاردىكى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى» سۈپىتىدە قوللانماقتىكەن.
دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 25-ئىيۇندىكى خىتاينىڭ «ئەجدارھا قولۋاق بايرىمى» مەزگىلىدە شەھەرلەردە مەھەللە كومىتېتى خادىملىرىنى، يېزىلاردا كەنتلەرگە چۈشۈرۈلگەن خىتاي كادىرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممە جايىدا دېگۈدەك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە تامىقى» نامىدا «بىرلىكتە زوڭيزا تۈگۈپ يېيىش»، «قوشماق تۇغقانلارغا زوڭزا سوۋغا قىلىش» ھەرىكىتى قوزغىغان.
دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە يېمەكلىك «زوڭزا» نىڭ ئىچىگە سېلىنغان قىيما تەركىبىنى سوراش ھەققى يوق ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ھەتتا چوشقا گۆشى ئېلىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە چوشقا گۆشى قىيما قىلىنغان «زوڭزا» لارنى پىشۇرۇپ يېگەنلىكى مەلۇم بولغان.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كورلا، خوتەن قاتارلىق جايلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.
كورلا گۈلباغ رايونىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىتاي خادىمى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، «دۇەنۋۇ»، يەنى «ئەجدىھا قولۋاق بايرىمى» مەزگىلىدە كورلادا ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خىتاي خادىم يەنە خىتاينىڭ «دۇەنۋۇ بايرىمى» نىڭ كورلادا قانداق كۈتۈۋېلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ،
بايرام مەزگىلىدە ھەممە ئۆيلەردە دېگۈدەك «زوڭزا يېيىلگەنلىكى» نى، كورلاغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، زوڭزا يېسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما بۇ خىتاي خادىم خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى بولغان «زوڭزا» نىڭ تەركىبى ھەققىدە سورىغان «ھالالمۇ» دېگەن سوالىمىزنى ئاڭلىشى بىلەنلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
خوتەن مۇزتاغ مېھمانخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزنى بىر خىتاي ئايال مۇلازىمەتچى ئالدى. ئۇ بىزنىڭ «دۇەنۋۇ بايرىمى»، يەنى «ئەجدىھا قولۋاق بايرىمى» مەزگىلىدە مېھمانخانىدا زوڭزا بارمۇ؟ قەيەردىن زوڭزا سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، دېگەندەك سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
ئۇ «مېھمانخانىنىڭ تاماق مۇلازىمىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مېھمانلارنىڭ خوتەندىكى كەچلىك بازاردىن زوڭزا سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى بولغان زوڭزانى يېيىشنى خالىمايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
بىز ئۇنىڭدىن «زوڭزىنىڭ ئىچىگە سېلىنىدىغان قىيما ھالالمۇ؟ ئۇنىڭ تەركىبى قانداق؟» دەپ سورىغىمىنىزدا ئۇ: «زوڭزىنىڭ ھەر ئىككى خىلى بار، گۈرۈچ ۋە تاتلىق قىيامدا ياسالغان زوڭزىمۇ، تەركىبىدە گۆش ئارىلاشقان زۇڭزىمۇ بار،» دېدى. بىز ئۇنىڭدىن «بۇ گۆش چوشقا گۆشىمۇ؟ مۇسۇلمانچە زوڭزا بارمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇمۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 2018-ۋە 2019-يىللىرى بېرىلگەن خەۋەرلەردە «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە تەربىيىلىنىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىدىيىدە ئىلغارلىشىپ چوشقا گۆشىنى بىمالال يەيدىغان سەۋىيىگە يەتكەنلىكى»، ئۇيغۇر ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ «ئىدىيە ئازاتلىقىنى يېمەكلىكتىن باشلاش ھەرىكىتىدە باشلامچى بولۇپ، خىتاي خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە چوشقا گۆشىنى يىگەنلىكى» كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان ئىدى. رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىمۇ «چوشقا گۆشى يېيىش»، «چوشقا بېقىش» قاتارلىقلارنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ئۆلچەشتىكى ئۆلچەم» قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ ئەنەنىۋىي مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىدە ھارام دەپ قارالغان چوشقا گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىشى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش سۈيىقەستىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00