خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

10-ئۆكتەبىر كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى» نىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلغان. ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 دۆلەت ئەزالىققا سايلانغان. خىتاي بۇ نۆۋەت 192 ئاۋازنىڭ 154 گە ئېرىشىپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئاۋاز بىلەن بۇ ئورۇنغا ئېرىشكەن .

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت سايلىنىشىغا ئاساسلىقى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە خىتاينىڭ باشقا رىقابەتچىسى بولمىغانلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

« ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە خىتايغا رىقابەتچى بولىدىغان باشقا دۆلەت يوق ئىدى. ئۇنىڭ بۇ گۇرۇپپا بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئاۋازنى ئېلىشى باشقا بىر رىقابەتچى دۆلەت بولغان بولسا خىتاينىڭ سايلىنالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا كېلەر قېتىملىق سايلامغىچە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسى بويىچە خىتايغا رىقابەتچى بولىدىغان دۆلەتلەرنىڭ چىقىشى زۆرۈر».

مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقى بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشى ياكى يامانلىق كۆرسەتكۈچىگە قاراپ ئەمەس بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەۋە بولغان رايون ۋە قىتئەلەرگە بېرىلگەن سان بويىچە بەلگىلىنىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى 47 دۆلەتكە نوپۇسنىڭ تەقسىملىنىشىگە ئاساسەن سان بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ بويىچە ئافرىقا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىغا ئايرىم-ئايرىم 13سان، لاتىن ئامېرىكاسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونىغا 8 سان، شەرقىي ياۋروپاغا 6 سان، غەربىي ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە 7 سان بېرىلىدىكەن. مانا بۇ خىتايدىن باشقا يەنە، برۇندى، كۇبا قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.

تەتقىقاتچى مايا ۋاڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا بۇ كېڭەشكە ئەزا دۆلەت بولۇپ كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «باشقا ئەزا دۆلەتلەر چوقۇم خىتاينىڭ بۇ ئورنىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك»، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى داۋام قىلىۋاتقاندا بىز خىتاينىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاقسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خىتاينىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق ئىشلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» .

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرىشىنى «ئېغىر خاتالىق»، دېدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئەزا بولۇشىنىڭ بۇ ئورگاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ئىشلىرىنى تەسلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىمۇ 15 ئەزا دۆلەتنىڭ بىرى ئىدى. خىتاي 2016-يىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىغا ئەڭ كۆپ ئاۋاز بولغان 180 ئاۋاز بىلەن سايلانغان بولسا، 2020- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئاشكارىلىنىشى ھەم خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەڭ تۆۋەن ئاۋاز بىلەن سايلانغانىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىغا سايلىنىشى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سايلام سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنىمۇ كۈچەيتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسىدا «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوغداشنى ھەمدە خەلقئارالىق ئورگانلارنى خىتاينىڭ دەخلى-تەرۇزىدىن قوغداشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

«خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى بېنېدىكت روجېرس (Benedict Rogers) ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، تىبەتتە ۋەھشىيلىكلەرنى سادىر قىلىۋاتقان ۋە خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكىنى ۋەيران قىلغان ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ھەر خىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزالىققا قايتا سايلىنىشى پۈتۈنلەي نومۇسسىزلىق» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقان بۇنداق يوچۇقلارنىڭ ئېتىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ نۆۋەتتىكى سايلامدا رۇسىيە تەلەپ قىلىنغان 97 بېلەتنىڭ ئاران 83 گە ئېرىشىپ ئەزالىققا سايلىنالمىغان. ئۇ، 2022-يىلى ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغانلىقى ئۈچۈن ئورتاق قارار نەتىجىسىدە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى. بۇ نۆۋەت ئۇ ئۆزىنى قايتا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن بولسىمۇ سايلىنالمىغان.

2023- يىلى 10- ئۆكتەبىر كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىغا سايلانغان 15 دۆلەت ئىچىدە خىتايدىن باشقا يەنە، ئالبانىيە، بىرازىلىيە، بۇلغارىيە، برۇندى، كوتېدىۋو، كۇبا، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، فىرانسىيە، گانا، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، كۇۋەيت، مالاۋى، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىكەن.