د ئۇ ق ۋەكىللەر يىغىنىدا «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىم ئىشلىتىشى» ناملىق دوكلات تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

5-ئاۋغۇستتا چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ تور ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئالدىمىزدا ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ يېڭى پائالىيەت پىلانى تۈزۈپ چىققاندىن سىرت ۋەكىللەرگە «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىم ئىشلىتىشى» ماۋزۇلۇق دوكلات تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا، ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 120 كىشى ئىشتىراك قىلدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، ئۆتكەن 4 ئاي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن 4 ئاي ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەركىبىدىكى تەشكىلاتلار، ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان تەشكىلاتلار ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرىمىز زور پىداكارلىق بىلەن ۋەتىنىمىزدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا چارە-تەدبىرلەر ئالغۇزۇش ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەر ئېلىپ باردى. بۇ جەھەتتە بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولدۇق. بىز 2021-يىلى11-ئايدا چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا چاقىرىلغان7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىققان ئىستراتېگىيەلىك پىلانغا ئاساسەن پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز».

ئارقىدىن «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىم ئىشلىتىشى» ناملىق دوكلاتنى تەييارلىغان، ھىندىستانلىق مۇتەخەسسىس، مەزكۇر دوكلاتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك يىغىن ئەھلى مەن ھىندىستانلىق تەتقىقاتچى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەركىبىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلانغان مەركىزى بېرلىندىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىپىلەندۈرۈشى بىلەن مەن ئۆتكەنكى بىر قانچە ئايدىن بۇيان خەلقئارادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەمەلى ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئەمەلى ئېھتىياجلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە بۇنىڭغا چارە تېپىش ئۈچۈن قائىدە-نىزاملارنى يېزىپ چىقتىم. مەن ھازىر بۇنى سىلەرگە قىسقىچە تونۇشتۇرماقچىمەن. دۆلەت ھالقىغان بېسىم دېگەن نېمە؟ دېگىنىمىزدە خىتاينىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشىدۇر. بىز بۇ دوكلاتتا ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان 20 ئەتراپىدا پائالىيەتچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ماتېرىيال توپلاپ، بۇ خىل بېسىملارغا قانداق قارشى تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۇق».

بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، يىغىننى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى تور يىغىنىدا، بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ‹خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىم ئىشلىتىشى› ناملىق دوكلات تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلدى. چۈنكى بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر دەۋاسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە بولۇۋاتقان بېسىم ۋە بۇ بېسىمنىڭ شەكىللىرى دوكلاتتا ئورۇن ئېلىپلا قالماستىن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ بېسىمدىن قانداق ئۆزىنى قوغداپ قېلىشى توغرىسىدىكى تەدبىرلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر دوكلات، شۇڭا بۇ دوكلاتنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇيغۇرچە بىلەن تۈركچىگىمۇ تەرجىمە قىلىپ تارقاتماقچىمىز».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا ئۆتكەن 4 ئايلىق پائالىيەتنى خۇلاسىلەپ چىققاندىن سىرت، ئالدىمىزدىكى 4 ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنداقتا «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىم ئىشلىتىشى» ناملىق دوكلاتتا نېمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم دوكلات توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ ياۋروپا ئەللىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئېغىر بېسىملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭمۇ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىلىق ماتېرىيال توپلاپ يېزىپ چىقىلدى. بۇ دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇن ئادەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئاخىرىدا مەزكۇر دوكلاتنى بىز تەكلىپ قىلغان مۇستەقىل بىر تەتقىقاتچىمىز يېزىپ چىقتى».

زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم دوكلاتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ياۋروپا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان رىيال، تەھدىتلەرنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇنداق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان ۋاقىتتا قانداق قىلىپ پائالىيەتلىرىنى بىخەتەر ئېلىپ بارالايدۇ؟ ئۆزلىرىنى خىتاي بېسىمىدىن قانداق ساقلاپ قالالايدۇ؟ بۇ مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ھالدا بۇ دوكلات يېزىپ چىقىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر باشقا دۆلەتلەرگە سەپەرگە چىقسا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ قايسى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىخەتەر، قايسى دۆلەتلەرگە بېرىش خەتەرلىك. بۇلارنىڭ ھەممىسى دوكلاتتا خەرىتىلەر ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىلدى».

زۇمرەتئاي ئەركىن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلات 7-ئاۋغۇست كۈنى مەزكۇر تەشكىلات بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىىنىپ تارقىتىلدى.