مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن نىكاھلىنىشىنىڭ غەربتە دىققەت قوزغىماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتىنىڭ خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە ئىكەنلىكى خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىنمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن بىر رېئاللىق. ئەمما خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلۇپ كېتىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، خىتايلار بىلەن نىكاھلانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت ياشلىرىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىسى» دەپ تەرغىب قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ مىللىي ئاسسىمىلىياتسىيەنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۇ خىل سىياسەت-تەدبىرلىرى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان بىر پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈلمەكتە.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى گۇما ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى 77 جۈپ ياشنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر سىن خەۋىرىدە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلەر ئارىسىدا خىتايلار بىلەن تويلاشقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار كۆپ قوللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ فېيسبۇك بېتىدە ئىنكاس قايتۇرغان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئوپتىكا ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە بۇ ئەھۋال گەرچە ئۇيغۇر جامائىتىدە جىددىي ئىنكاس قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تېگىشلىك دىققەت قوزغىمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ۋە تەدبىرلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي بويتاق ياشلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن تويلىشىشقا ۋە زور سوممىدا مۇكاپات ئېلىشقا دەۋەت قىلىنغان بىر ئۇچۇرمۇ تۋىتتېردا كەڭ تارقالماقتا. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا «بويتاقلار ئۈچۈن خوش خەۋەر» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇر مەنبەسى ئېنىقسىز بىر سۈرەتلىك يازما تارقالغان. ئۇنىڭدا قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ يېڭى سىياسەت چىقىرىپ ھەر قانداق بىر خىتاي ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ ئاز سانلىق مىللەت قىزلىرى بىلەن توي قىلسا ھۆكۈمەتنىڭ بىر يۈرۈش بىكارلىق ئۆي ۋە 88 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلىقى، تۇغۇلغان بالىسىنىڭ 18 ياشقا كىرگىچە ئايدا 800 يۈەنلىك تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر «مىللىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا سەل قاراشنىڭ ئېغىر مىللىي پاجىئەلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى ۋاشىنگتون ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دەررىن بايلېرمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ مەسىلىنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىدا يېتەرلىك دىققەت قوزغىيالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەررىن بايلېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر دوستى يېقىندا يۇرتىدا قالغان قىز دوستىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن. قىز دوستى ئۇنىڭغا ئەمدى ئىككىسىنىڭ توي قىلىش مۇمكىنچىلىكى قالمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىشىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر يىگىتىدىن بىرى بىلەن توي قىلىپ، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى بۇ خورلۇقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.

دەررىن بايلېر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلگەچكە بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلىرىنى ھېس قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما غەربتىكى ئۇيغۇرلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن مىللەتلەر ئارا تويلىشىشنىڭ ئالاھىدە بىر مەسىلە سۈپىتىدە قارالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نىكاھ ئەركىنلىكى چەكلەنگەن، مەجبۇرىي ۋە سىياسىي مەقسەت چىقىش قىلىنغان نىكاھ مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاڭلىتىش زۆرۈر. چۈنكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان بۇ مەسىلە تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدۇر.»