خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قارىتا تەھدىتلەر كۈچەيمەكتە

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.10.10
xitay-pakistan-iqtisad-karidori-gwadar.jpg 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان خىتاي پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى
AFP

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشى 2013-يىلى باشلانغان بولۇپ، قەشقەردىن گۋادار پورتىغىچە سوزۇلغان بۇ قۇرۇلۇشقا خىتاي ھاكىمىيىتى 60 مىليارد دوللار پۇل سەرپ قىلغان. بىراق، بۇ قۇرۇلۇش باشلىنىپ ھازىرغىچە بولغان 11 يىلدا مەزكۇر قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلىرى ۋە ئىشچىلىرى 16 قېتىم قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، جەمئىي 12 ئادەم ئۆلگەن ۋە 16 ئادەم يارىلانغان. ئاخىرقى قېتىملىق ھۇجۇم بۇ يىل 6-ئۆكتەبىر كۈنى پاكىستاندىكى مۇستەقىللىق ئىستىكىدە بولۇۋاتقان ئۆزىنى «بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» دەپ ئاتىغان تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھۇجۇمدا 2 خىتاي ئۆلۈپ، 10 نەپىرى يارىلانغان.

BBC نىڭ 8-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «پاكىستاندا خىتايلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى: چەت ئەلدىكى خىتاي ئىشچىلار نېمە ئۈچۈن پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟» ناملىق خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، نۆۋەتتە يالغۇز پاكىستاندىلا ئەمەس، ئافرىقا ئەللىرىدىمۇ كان قۇرۇلۇشلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە خىتايلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ھادىسىلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتىكەن. بۇنداق ۋەقەلەر ئىلگىرى ئافغانىستاندىمۇ يۈز بەرگەنىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە چەت ئەللەردە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەردە 568 مىڭ خىتاي ئىشچى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يول، كۆۋرۈك، دېڭىز پورتى ياساش ۋە كان ئېچىش ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىدىكەن. بىراق خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشلىرى يەرلىك خەلقنى ئىش پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكى ياكى يەرلىككە ھېچقانداق نەپ بەرمىگەنلىكى، ئەكسىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بارغانسېرى كۈچلۈك قارشىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتىكەن. يېقىندا كونگودىكى يەرلىك ئاھالە ئالتۇن كاندا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلارغا قوراللىق ھۇجۇم قوزغىغان. بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پاكىستاندىكى مىڭلىغان بالۇچى ئاھالىسى گۋادار پورتىدا نامايىش ئېلىپ بارغانىدى.

تۈركىيە ھاجېتتېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا بولغان نارازىلىقلار يالغۇز پاكىستاندىلا ئەمەس، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدىمۇ تۈرلۈك شەكىللەردە ئىپادە قىلىنماقتا. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ جاھانغا ھاكىم بولۇش چۈشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بىر ئىستراتېگىيە بولۇپ، خىتاي قانچىلىك زەربىگە ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.

نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغان دۆلەتلەردىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر بىلەن بىرلىشىپ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قېنىنى شوراۋاتقانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئىشچىلارغا قارشى ھۇجۇم ھەرىكەتلىرى بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئىشچىلىرىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ دۇنياغا قارىتا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىمۇ مۇشۇ يامان غەرىزىنىڭ بىر مەھسۇلى ئىكەن.

2017-يىلىدىن باشلاپ پاكىستاندىن بۆلۈنۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان بەلۇجىلار ۋە سىندىھلارنىڭ دېموكراتىك كۈرەش يولىنى تاللىۋالغان بىر بۆلۈك خادىملىرى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 36-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زالىملىقىنى ئەيىبلىگەنىدى. ئۇلار 2017-يىلى 20-سېنتەبىر كۈنى ب د ت بىناسى ئالدىدا د ئۇ ق خادىملىرى بىلەن بىرگە خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بارغان ھەمدە خىتاي ۋە پاكىستانغا قارشى ئورتاق پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.