ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى: «خىتاي ئامېرىكاغا دۈشمەن كۈچلەر بىلەن بىرلىكسەپ تۈزۈۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

30-يانۋار كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىدا «مۇستەبىتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلىرىنى قوللىشى» ماۋزۇلۇق بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئامېرىكاغا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە مۇنازىرە بولغان بۇ يىغىندا، ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن. ئۇ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتنىڭ دەل 1918-1939-يىللىرى ئارىسىدا گېرمانىيەنىڭ «ۋېرسال شەرتنامىسى» غا خىلاپ ھالدا قايتىدىن قوراللىنىش ۋە ئامېرىكا دۈشمەنلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش تارىخىغا ئوخشاتقان.

ئۇ، مۇنداق دېگەن: «چېرچىل ئەينى چاغدا گېرمانىيەنىڭ قوراللىنىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش دەۋرىنى بىر قېتىملىق بوران-چاپقۇننىڭ چىقىشىغا ئوخشاتقان ئىدى. بۈگۈن بۇ بوران-چاپقۇننىڭ شەپىسى يەنە كېلىۋاتىدۇ. ئۇ قايتىدىن شەكىللىنىۋاتىدۇ. خىتاي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي كۈچ بولۇپ قۇرۇلۇۋاتقان، شۇنداقلا تېھران، موسكۋا ۋە پيوڭياڭ بىلەن دوست تارتىشىپ، ئۇلارنى ئەتراپىغا توپلاۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا، بىز تارىختىكى تەجرىبە-ساۋاقلار ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشىمىز كېرەك.»

مايك گاللاگېر ئامېرىكانىڭ بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كەسكىن پوزىتسىيەدە سىياسەت يۈرگۈزۈشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى راجا كرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) «مۇستەبىتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلىرىنى قوللىشى» ماۋزۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 30-يانۋار، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى راجا كرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) «مۇستەبىتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلىرىنى قوللىشى» ماۋزۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 30-يانۋار، ۋاشىنگتون. (selectcommitteeontheccp.house.gov)

مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى راجا كرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) كىرىش سۆزىدە، خىتاينىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا ھەر جەھەتتىن تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە مۇنداق دېگەن:

«شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن دېموكراتىيە، ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشلار، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلارغا ئوخشاش ‹خاتا ئىدېئولوگىيە›لەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش ھەققىدە 9-نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئېلان قىلدى. خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ژورنالىستلار ۋە ئۆكتىچىلەرنى تۈرمىگە تاشلاۋاتىدۇ، ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ ۋە غايىب قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.»

راجا كرىشنامورتى سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە باشقا مۇستەبىت كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسلىرىنى تىلغا ئېلىپ، «بىزنىڭ دېموكراتىيەيىمىز، قىممەت قاراشلىرىمىز ھېچقاچان بۇنداق ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراپ باقمىدى» دېگەن.

مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو (Michael R. Pompeo) بىلەن 2011-2013-يىللىرى ئارىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا (Leon Panetta) ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان. ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە ۋە ئىستىخبارات ساھەسىدە خىزمەت كۆرسەتكەن بۇ ئىككى زات يىغىندا دۇنيادىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىنى، دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنىڭ كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

(ئوڭدىن) ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو (Michael R. Pompeo) سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا (Leon Panetta) «مۇستەبىتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلىرىنى قوللىشى» ماۋزۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا. 2024-يىلى 30-يانۋار، ۋاشىنگتون.
(ئوڭدىن) ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو (Michael R. Pompeo) سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا (Leon Panetta) «مۇستەبىتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلىرىنى قوللىشى» ماۋزۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا. 2024-يىلى 30-يانۋار، ۋاشىنگتون. (selectcommitteeontheccp.house.gov)

سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ قارىشىچە، دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىدا باش كۆتۈرۈۋاتقان ئۇرۇش ۋە كىرىزىسلار خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەگە چېتىشلىق بولۇپ، ئۇلار بۇ توقۇنۇشلارنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىقتىسادىي ياردەم ۋە قورال ياردىمى بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

مايك پومپېيو خىتاي تەھدىتىدىن سۆز ئاچقاندا، بۇ تەھدىتنىڭ ھەرگىزمۇ ئامېرىكالىقلار ئويلىغاندەك ئۇزاقتا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ، «بىز خىتاي كومپارتىيەسى پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىت ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا كۆز ئالدىمىزغا پەقەتلا تەيۋەننى كەلتۈرسەك بولمايدۇ. ئەكسىچە بىز لوس-ئانژېلېس، دېنۋېر، پايتەخت ۋاشىنگتون، چىكاگو ۋە مېنىڭ يۇرتۇم كانزاسنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى دەرۋازىمىزنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە قارشى جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.» دېگەن.

مايك پومپېيو خىتاي كومپارتىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مەسىلە ئەمەس، نېگىزلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتچىلاردىن ئىبارەت ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق بىر نىشان ئۈستىدە بىرلىشىپ، زىچ ھەمكارلىشىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. پومپېيو ئەپەندى ئۆزىنىڭ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم تاشقى سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋام قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئامېرىكانىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا خەتەرنىڭ زورلۇقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ، «بىز خەتەرلىك دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇستەبىتلەر غەربنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، دېموكراتىيەنى دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ ناچار ئەندىزىسى سۈپىتىدە ئىناۋەتسىز قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.» دېگەن. ئۇ، بۇنىڭ تور دۇنياسىدا ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى قىلىش؛ خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاز تېپىلىدىغان مىنېرال ماددا قاتارلىقلارنى ئامېرىكاغا قارشى ئىقتىسادىي قورالغا ئايلاندۇرۇش؛ مۇستەبىتلەرنى كۆزىتىش ۋە تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن خەلقئارالىق ئورگانلارنى بۇزۇش قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. پانېتتا ئەپەندى ھازىرقى توقۇنۇشلارنىڭ دۇنيانىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ھازىر خىرىسلار قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى. بۇنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىنالىقلارنىڭ قارار قىلىش ھوقۇقىنى رەت قىلىپ، ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ئىسپاتلاپ بەردى. مەن ئۇكرائىنالىقلار قىلىۋاتقان ئۇرۇشنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيەسىنى قوغدايدۇ، دەپلا قارىمايمەن، ئۇلار دېموكراتىيەدىن ئىبارەت پۈتكۈل ئۇقۇمنى قوغداۋاتىدۇ. بۇ ئۇرۇش دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن مۇستەبىت دۆلەتلەر ئارىسىدا دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېخىمۇ چوڭ ئىدىيەۋىي ئۇرۇشنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ 21-ئەسىردىكى دۇنيا دېموكراتىيەسىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.»

پانېتتا سۆزىدە خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنىڭ زورلۇقى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ «غەرب چۆكۈۋاتىدۇ، شەرق يۈكسىلىۋاتىدۇ» دېگەن نەزەرىيىسىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن مەۋجۇت توقۇنۇشلاردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «بىز شى جىنپىڭغا قەتئىي سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇ ئامېرىكانىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق بىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

يۇقىرىقى رەھبەرلەر «خىتاي باشچىلىقىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك» دېگەن مەسىلە ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىردەك ئامېرىكانىڭ ئالدى بىلەن ئۆز قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى قوغداشتا كەسكىن بولۇشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈشكەن.

پانېتتا ئەپەندى، شېرىك دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە «مۇستەبىتلەرنىڭ بىرلىشىشى خەتەرلىك بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ كۈچى، ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە كۆلىمى ھەرگىزمۇ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىك دۆلەتلىرىگە يەتمەيدۇ، شۇڭا ئامېرىكانىڭ چوقۇم شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشى، ھەممىدىن مۇھىمى شېرىكلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشى لازىم» دېگەن.

ئۇلار يەنە ئامېرىكانىڭ ھەر جەھەتتىن كۈچلىنىپ، قارشى تەرەپنى تەرەددۈتكە سېلىش ئالاھىدىلىكىنى ئۆستۈرۈشىنىمۇ، بۇ خىرىسنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى خىتايغا قاتتىق ۋە كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇش، تەيۋەننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش، دېموكراتىك قىممەت قاراشلاردا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى تىزگىنلەش، خىتاينىڭ جاسارىتىنى سۇندۇرۇشتىن ئىبارەت، دېگەن.

مايك پومپېيو ئەپەندى يىغىندا، ئامېرىكانىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشتىن ئىبارەت پاسسىپ سىياسەت بولماستىن، بەلكى ئاكتىپ سىياسەت بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. پانېتتا ئەپەندى، ئامېرىكانىڭ ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەم ھەربىي جەھەتتىن كۈچلىنىش ئارقىلىق، بۇ دۆلەتلەرنى نىيىتىدىن ياندۇرۇش خاراكتېرلىك سىياسەت تۇتۇشى لازىملىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ شېرىك دۆلەتلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشەنچ ئاتا قىلىشى، دۇنياۋى رەھبەرلىك رولىنى قايتىدىن جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇستەبىت دۈشمەن ھاكىمىيەتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

مەزكۇر يىغىندا ھەر ئىككى گۇۋاھلىق بەرگۈچى خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ دۇنيادا مۇستەبىتلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق رولچى ئىكەنلىكىنى ئورتاقلاشقان.