خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى چاغان كۆرۈنۈشلىرى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارىلىماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.02.03
ئانالىزچىلار: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مەدەنىيەت ئاسسىمىلىياتسىيەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر» خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناشقا تەشكىللىگەن ئۇيغۇرلار. 2019-يىلى فېۋرال.
ts.cn

خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ بايرامدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق بايرىمى» لىق تەشۋىقاتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرغان.

«تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئاتالمىش «چاغان بايرىمىلىق خوشال كەيپىياتى» نى تەشۋىق قىلىدىغان مەخسۇس سەھىپىلەر ئېچىلغان. ئۇنىڭدا «يېڭى يىلنى بىرلىكتە تەبرىكلەيلى!» «يولۋاس يىلى قۇتلۇق بولسۇن!» «باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالايلى!» دېگەندەك تېمىلاردىكى سۈرەتلىك خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن بېسىلغان. بۇ خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن بېكىتىلگەن «قوشماق تۇغقان» لىرى بىلەن تۈگۈر تۈگۈپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبركلەۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. ھەر قايسىي شەھەرلەر، يېزا-كەنتلەر، مەھەللە كومىتېتلىرى، ئاساسلىق بازارلار، كوچا دوقمۇشلىرى ۋە ھەرقايسى قاتناش تۈگۈنلىرىگە «يولۋاس مۆچىلى»، «بەخت خېتى» دېگەندەك ئۇيغۇرلارغا ياد بولغان، ئەنئەنىۋىي خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئېلېمېنتلىرى ئەكس ئەتكەن خەت-لوزۇنكىلار چاپلانغان.

بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە نۇرغۇن جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە كوللېكتىپ چاغانلىق ئويۇن قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم. ھەتتا ئۇيغۇرلار نوپوسى ئەڭ زىچ بولغان خوتەن شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلاردا «ئەژدەرھا ئۇسسۇلى» ۋەكىللەر ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىتتىپاق مەيدانىدا «باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، يېڭى بىر يىلنى تەبرىكلەش» پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. چاغانلىق پائالىيەتلەردە خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەلپۈگۈچلەرنى تۇتۇپ، خىتاي ئۇسسۇل يېتەكچىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ماسلىشىپ، خىتاينىڭ شىر ئۇسسۇلى، ئەژدەھا ئۇسسۇلى، ياڭگىر ئۇسۇللىرىنى ئويناپ، پاراتتىن ئۆتۈۋاتقان كۈرۈنۈشلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ سۈرەتلىك خەۋەرلىردە يەنە يىللاردىكىدەك، ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆيلىرىگە پانۇس ئېسىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي «قوشماق تۇغقان» لىرى بىلەن بىللە تۈگۈر يېگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.

ھالبۇكى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا سۈنئىي يارىتىۋاتقان چاغانلىق كەيپىيات ھەمدە بۇ خىل تەشۋىقات سەھنىسىدىكى ئويۇنلارنىڭ يەنىمۇ ئىنچىكە دېتاللىرى قىسقا ۋېدىيولاردا يەنىمۇ جانلىق ئىپادىلەنمەكتە.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا توختىماي تارقىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت قىسقا سىنلىق كۆرۈنۈشلەرنىڭ بەزىلىرىدە، ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ سوغۇق ھاۋاغا قارىماي نېپىز رەختتىن تىكىلگەن خىتايچە «چىپاۋ» (خىتاي پاسوندىكى كۆينەك) كىيىپ، چوڭ كوچىلاردا توڭلاپ-تىترەپ، راھەتسىز ھالدا پاراتتىن ئۆتۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىدە رول ئېلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل يالغان چاغانلىق كەيپىيات شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق پەرىشان قىلماقتا. بولۇپمۇ خىتاي ئائىلىلىرىدە چاغان ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشكە، خىتاي ئەرلىرىگە يۈكۈنۈپ تازىم قىلىشقا مەجبۇرلىنىشى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خورلانغان ۋە كەمسىتىلگەن كەيپىياتلىرى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن بىر قىسىم كۈرۈۆنۈشلەر، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك تەنقىدىي ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

2019-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتايدىن قۇتۇلۇپ چەت ئەلگە چىقالىغان ئۇيغۇر لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوغۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋاقتىدا مەيلى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىدا بولسۇن ياكى مەھەللە كومىتېتىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا بولسۇن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان چاغان بايرىمىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ھەر قېتىملىق مەجبۇرىي چاغان ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقا ئۇيغۇرلارغا، ھەتتا نارىسىدە ئۆسمۈر بالىلارغىمۇ ئىنتايىن زور خورلۇق ھېس قىلدۇرغانلىقىنى، ئەمما تۈرلۈك تەھدىتلەر ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا باشقا تاللاش يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

قەلبىنۇر سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى چاغان بايرىمى قاتارلىق خىتاينىڭ ئەئەنىۋىي بايراملىرىنى لاگېرلار باشلانغاندىن بۇيان، ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ شىددەت بىلەن ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە بۇ خىل سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشلار خىتاي ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىۋاتقانلار باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىگە ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قىلچە ھۈرمەت تۇيغۇسى يوق خىتايلار ئىكەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان چوشقا گۆشى تەركىبى بولغان چاغانلىق يېمەكلەرنى يېيىشكە مەجبۇرلاش، ھاراق ئىچىشكە قىستاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ساداقىتىنى سىناشقا ئۇرۇنىدىكەن.

ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈەچىلەردىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدىكى بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرلاش ھادىسىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى بولغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىش دەرىجىسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىش ئارقىلىق يوق قىلىۋاتقىنى پەقەتلا ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى بولماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن پارلاق ھەم مۇھىم بىر قىسمىدۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.