«خىتاي چۈشى» گە قۇربانلىق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە پاكىستان ئامىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تاشقىي دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان ھادىسىلەردىن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى قەبىھلىكىگە يېقىندىن ھەمدەم بولۇۋاتقان ھەمدە شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقان تاشقىي ئامىللار ئوخشىمىغان دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن ساقىت بولۇپ كەلمەكتىكەن. ئەنە شۇ خىل دۆلەتلەرنىڭ بىرىنى خىتاي بىلەن نەچچە ئون يىللاپ دوستانە دىپلوماتىك ئالاقىدا بولۇپ كېلىۋاتقان پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دېيىش مۇمكىن. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىسلام دۆلىتى بولغان پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا ئويناپ كەلگەن ۋاستىلىك رولى ھەققىدىكى مەسىلىلەر 3-مارت كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەنگلىيە تارماقا ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان مۇھاكىمە يىغىنىدا مەركىزىي تېمىلاردىن بولدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى نابىلا خان ئالدى بىلەن يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. شۇنىڭدەك جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتسنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق ئەسىرىدىن نەقىللەر ئالغان ھالدا، بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلارنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىغا دۇچار بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇلار ياشاۋاتقان ماكاننىڭ شى جىنپىڭ زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان، شۇنىڭدەك «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ۋاستە، دەپ قارىلىدىغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزى قىسمىدا بولۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نابىلا خاننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەدىمكى زاماندا دەۋران سۈرگەن «يىپەك يولى» نى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىش نامىدا «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. قۇرۇقلۇقتا ئاسىيادىن ياۋروپاغىچە سوزۇلغان «بىر بەلۋاغ»، دېڭىزدا خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدىن ھىندى ئوكيان ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدىغان «بىر يول» ئارقىلىق ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى بىر زور ئىقتىسادىي چەمبەرگە ئېلىش ھەققىدە كۆپلىگەن دەبدەبىلىك ئىبارىلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى باشلىشىدىكى ئەڭ تۈپكى سەۋەب خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەقىقى مەنىدىكى «بىخەتەر رايون» نى يارىتىشقا مەركەزلەشكەن. چۈنكى نۆۋەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ئۇنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى بولۇپ، خىتايغا ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيەنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 60-80 پىرسەنتى تاشقى دۇنيادىن، جۈملىدىن ئوتتۇرا-شەرق رايونىدىن كېلىدىكەن. بۇ ئېنېرگىيە ئاساسلىقى دېڭىز يولىدا يۆتكىلىدىغان كېلىدىغان بولۇپ ئەرەب دېڭىزى، ھىندى ئوكيان ۋە مالاككا بوغۇزى ئارقىلىق خىتاينىڭ دېڭىز بويى شەھەرلىرىگە توشۇلىدىكەن. ناۋادا خىتاينىڭ نەزەرىدىكى «دۈشمەن كۈچلەر» دېڭىز يولى ئارقىلىق كېلىدىغان بۇ ئېنېرگىيە ئىمپورتىنى كېسىپ تاشلىسا، خىتاي ئىقتىسادى، خىتاي ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسى ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كېلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن «خىتاي ياشلىرى گېزىتى» 2004-يىلىلا «كىم مالاككا بوغۇزىنى كونترول قىلىۋالسا، ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئېنېرگىيە يولىنى كونترول قىلىۋالغانلىق بولىدۇ» دەپ جاكارلىغان ئىكەن.

نابىلا خاننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ ئەجەللىك ئاجىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا-شەرق رايونىدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان نېفىت بايلىقىنى ھىندى ئوكياندىن ئۆتمەستىنلا پاكىستان ئارقىلىق خىتايغا توشۇپ كېتىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. بۇنىڭدا ھىندى ئوكياننى «دۈشمەن كۈچلەر» كونترول قىلىۋالغان ھالەتتىمۇ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورتى ھېچقانچە تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن. يەنە كېلىپ ئۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتمەيلا قىسقا يول ئارقىلىق بىخەتەر شەكىلدە ئىمپورت قىلىنغان ئېنېرگىيەنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇۋالغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدا ھەم ۋاقىت ھەم خىراجەت زور دەرىجىدە تېجىلىپ قالىدىكەن. دەل مۇشۇ ئېھتىياج ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى 63 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى قۇرۇلۇشى» نى جىددىي ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا گۋادار پورتى باشلىنىش نۇقتىسى، قەشقەر بولسا ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قىلىنغان. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشى ھەمدە كەلگۈسىدە راۋان بولۇشى ئۈچۈن بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىدە «ئەڭ خەتەرلىك كىشىلەر» بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ مۇھىم ئۆتۈشمە نۇقتىلىرىدىن بولغان قەشقەرنى مەركەز قىلغان رايوننىڭ «مۇتلەق بىخەتەر بولۇشى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك زۆرۈر بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە قىلچىلىكمۇ پاراكەندىچىلىك قىلىشىغا ئىمكانىيەت قالدۇرماسلىق بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم «ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى» بولۇپ قالغان.

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئاشۇ قەدەر مۇھىم بولۇشى خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «ھەسەلدىنمۇ شېرىن» بولغان دوستلۇقنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقىمۇ يىغىندا ئالاھىدە شەرھىلەنگەن بىر تېما بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجى مەسىلىنىڭ بىر يۈزى بولسا، پاكىستاننىڭ نامراتلىقى بۇنىڭ يەنە بىر يۈزى ھېساپلىنىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بۈيۈك برىتانىيە پادىشاھلىقى ھىندىستاننى مۇستەملىكە قىلىۋالغاندا ھىندىستاننىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا غايەت زور مەبلەغ سالغان. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ھىندى خەلقىنىڭ ھاياتىغا بەخت يارىتىشنى ئەمەس، ئەكسىچە ھىندىستاندىن توپلانغان بايلىقنى تېزرەك توشۇپ كېتىشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان. ھازىرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى» نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قاتناش-ترانسىپورت ساھەسى ۋە ئېلېكتىر قۇۋۋىتى بولۇپ، بۇنىڭ پاكىستان خەلقىگە «بەخت يارىتىش» مۇددىئاسى يوق ئىكەن. خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى نېفىت ئىمپورتىنى ئويلاشقاندا، پاكىستان ھەرقاچان خىتاي ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىكەن. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل باغلىنىش پاكىستاننى خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن دوستىغا ئايلاندۇرىۋەتكەن بولغاچقا خىتاي پاكىستاندىن ئۆتىدىغان بۇ كارىدورنىڭ بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى «جىمىقتۇرغان»، شۇنىڭدەك پاكىستاننىڭ ئەتراپىدىكى «پايدىسىز» ئامىللار يوشۇرۇنغان ئافغانىستان، تاجىكىستان، ئىران قاتارلىقلارنى ئىقتىسادىي ۋاستىلار ئارقىلىق ئۆز كونتروللۇقىغا ئالغان. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئەقەللىسى شۇنچە نامرات بولغان گۋادار شەھرىگە خەلقئارالىق ئايرۇدۇرۇم سېلىنماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت مېخانىزىمى بولسا پاكىستان تەۋەسىدە يېيىلماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھەقلەرنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشىغا يېڭى شارائىتلار يارىتىلماقتا ئىكەن.

نابىلا خان مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى يېپىۋاتقان پاكىستانغا خەلقئارالىق بېسىم چۈشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى پاكىستانلىقلارنىڭ، جۈملىدىن ئەنگلىيەدىكى بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق پاكىستانلىقنىڭ ئ‍ۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئەۋەتكەن نەق پۇللىرى پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ ئون پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. دېمەك، شۇنچە كۆپ پاكىستانلىقلار چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بولغاچقا، ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىدىكى سىياسىي ساھەنى پاكىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىشقا دەۋەت قىلىش، ئەنگليەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، جۈملىدىن شوتلاندىيەدىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە جەلپ قىلىش ھەمدە ئۇلارنى يىللاردىن بۇيان پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلارنى قوللىغان شەكىلدە ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرىش قاتارلىقلار، نۆۋەتتىكى مۇھاجىر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشىدىكى مۇھىم ۋاستىلاردىن بولۇپ قالماقتا ئىكەن.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئايرىم سوئال-جاۋابلار بولدى.