مۇتەخەسىسلەر: شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكىدۇر

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك خىتاينىڭ ئالىي رەھبىرى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يەنە شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋر «خىتايدا شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلگەن 10 يىل» دەپ تەرىپلەنمەكتە.

ھالبۇكى چەتئەللەردىكى ئانالىزلاردا شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي چۈشى» نامىدىكى ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ يامرىشى دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» دە 6-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى ھارپىسىدا، مىللەتچىلىك يۇقىرى پەللىگە چىقتى» ناملىق ماقالىدە، شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش «خىتاي چۈشى» ۋە «كۈرەش» نىڭ ماھىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇنىڭ‹ئۇلۇغ چۈشى› جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش، يەتمەكچى بولغان نىشانى كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا قارشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق تەھدىتنى تونۇش كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ پارتىيە ئەزالىرىنى ‹دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش› قا چاقىرغان، پارتىيەنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ بولىدىغان بارلىق كېسەللىك مىكروبلىرىنى يىلتىزىدىن تازىلاش، پارتىيە ئەزالىرىنى ھوشيارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل خەتەرنى ئالدىن سېزىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە چاقىرغان. دۆلەتنى پارچىلاشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان ۋە مۇقىملىقىغا قارشى ھەرىكەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن».

ماقالىدا يەنە خىتاي تاراتقۇلىرى «شانلىق 10 يىل» دەپ مەھىيەلىگەن شى جىنپىڭ دەۋرگە ئەكسىچە باھا بېرىلگەن. ماقالىدا ئۇنىڭ ئالدىنقى 10 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى زور سىياسىي بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانچە يامانلاشقانلىقى، كورۇنا يۇقۇمىدىكى سىياسىتى سەۋەبلىك، ئىقتىسادى ناچارلىشىپ، دۆلەت ئىچىدە نارازىلىق كۈچەيگەنلىكى» قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇ-يوركتا ياشايدىغان ما جۈ ئەپەندى «شى جىنپىڭنىڭ خىتاي چۈشى ۋە سىياسىتى ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش» دەپ تەرىپلىدى.

ما جۈ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتى ئەمەلىيەتتە مىللەتچىلىك. مىللەتچىلىك شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىب قىلىش، يەنى باشقا توپلۇقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يەكلەيدىغان ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ قەبىھ مىللەتچىلىك. ھازىر قارىساق ئۇنىڭ مىللەتچىلىكنى تەرغىب قىلىشتىكى مەقسىتى، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئاسانلىق يارىتىش. چۈنكى ئىنسانىيەت تارىخىدىن قارىغاندا ھەرقانداق بىر ھۆكۈمران بىر تۈركۈم دۈشمەن توپلۇقنى يارىتىش ۋە ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى توپلاشتا مىللەتچىلىك ئۇلارنىڭ پايدىلىنىش قورالى بولۇپ كەلگەن. چۈنكى ئۇ ئەڭ ئەرزان ۋە ئاسان قورال».

ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق، خىتاينىڭ 1949-يىلىلا تۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانىنىڭ داۋامى ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە 1949-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن باشلاپلا پىلانلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىقتىدارى بولمىغان ئەھۋالدا خىتاي كومپارتىيەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە نىسبەتەن كەڭرى سىياسەت يۈرگۈزگەن، يەنى 50-60-يىللاردىكى سىياسىتىدەك. ئەمما بۇ جايدا ئۇنىڭ نوپۇسى بارغانچە ئېشىشى بىلەن، 2000-يىللاردىن كېيىن ئۇنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار بۇ جەرياندا كۈچەيدى، ئۇلارنىڭ ئۇ جايدىكى مۇستەملىكىچى نوپۇسى ئاشتى، ئىقتىسادىي يۈكسەلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىمۇ بۇ جاينى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋېلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىندىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش، مەدەنىيەت جەھەتتە يوقىتىش، دىنىي جەھەتتە يوقىتىش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا».

ما جۈ ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن 20-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئەندىشە قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەمما بۇ خىل مىللەتچىلىك سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئاجىز توپلۇقلارنى يارىلاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاخىرقى ھېسىپتا ئۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ تالاپەت ئېلىپ كېلىدۇ،» دېدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ھازىر دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقىنى شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» نامى ئاستىدىكى ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە خىتاي كېڭەيمىچىلىكى ئىكەن.

ئۇ: «شى جىنپىڭنىڭ ‹خىتاي چۇشى›، ‹خىتاينى گۈللەندۈرۈش›ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ماھىيىتى كېڭەيمىچىلىكنى نىشان قىلغان خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە خىتاي كېڭەيمىچىلىكى، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئۇرۇنۇشى» دەپ شەرھلىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردا قۇربانلىققا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا قارشى خەلقئارالىق ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاس قايتۇرماسلىقى ھەتتا خىتاينى قوللىشىدىن، خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە كېڭەيمىچىلىكىنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىكەن.

ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ كۈچەپ يولغا قويۇۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى تەشۋىقاتلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پەقەت ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەرگىمۇ بولغان ئۆچمەنلىكى، كەمسىتىش ھېسسىياتلىرىنى ئاشۇرغان. ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە دىنىي ئېتىقادلىرى «قالاق» لىق سۈپىتىدە بەلگىلىنىپ، چەكىلىنىشكە ئۇچراپ خىتاي تىلى، خىتاي مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، بايراملىرى «بۈيۈك جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيىتى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تېڭىلماقتا.