«خىتاي چۈشى» نىڭ توققۇز سەھىپىسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى شوئارى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن «بەش يىللىق پىلان» لايىھەسى 2020-يىلى ئۆكتەبىردە چاقىرىلغان 19-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىندىكى ئەڭ مۇھىم ۋە مەركىزىي تېمىلاردىن بولدى. خۇددى بۇرۇنقى مەزگىللەرگە ئوخشاش بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنمۇ ھۆكۈمەت خىزمىتى ھەققىدە ئەمەس، ئاساسلىقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە بېغىشلانغان يىغىن بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ تېگىشلىك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنىڭدا ھەممىدىنمۇ بەكرەك كۆزگە چېلىقىدىغىنى بولسا بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «14-بەش يىللىق» پىلان بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە كەڭ يەر ئالغان «بۇندىن كېيىن قۇدرەتلىك بىر مەملىكەتكە ئايلىنىش ھەمدە ھەممىلا ساھەدە قۇدرەت تېپىش» شوئارى دەل نۆۋەتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە يار-يۆلەك بولۇۋاتقان «خىتاي چۈشى» نىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرى بۇنىڭ پەن-تېخنىكا، ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە قاتارلىق توققۇز چوڭ ساھەدىكى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇمات بەردى. بولۇپمۇ «14-بەش يىللىق پىلان» نىڭ 2035-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى خىتاينىڭ يېڭىدىن قۇدرەت تاپقان بىر مەملىكەتكە ئايلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلىدىن بۇيان دەپ كېلىۋاتقان «2025-يىلى خىتايدا ئىشلەنگەن» قۇرۇلۇشى بولسا ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك زاۋۇتى بولۇشتەك ئورنىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئوخشاش يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش، شۇ ئارقىلىق 2025-يىلىغا بارغاندا خىتاينى دۇنيادىكى «ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يېتەكچى پاراۋوزى» غا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدىلا خىتايدىكى يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگە چېتىشلىق بارلىق ساھەنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قايسى دەرىجىدە تايىنىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلگەنلىكى تېزدىن ئاشكارا بولدى. ئارقىدىنلا خىتايدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتىگە كېرەكلىك مەھسۇلاتلارنىڭ 84 پىرسەنتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن ئىمپورت قىلىنىدىغانلىقى، ئەگەر بۇ يول كېسىپ تاشلانسا خىتاينىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇۋۋىتى بىلەن يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە پالەچ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى مەخسۇس ماقالىسىدە تەپسىلىي بايان قىلىندى. پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «خىتايغا ياردەم» قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى چېن كۇيدې بولسا بۇ قېتىم شى جىنپىڭنى «2025-يىلى خىتايدا ئىشلەنگەن» دېگەن شوئارنى «2035-يىلىدىكى ئۇلۇغۋار نىشان» دېگەنگە ئالماشتۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم ‍ئۆز نوپۇزىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«2035-يىلىنى نىشان قىلغان بۇ لايىھەدە شى جىنپىڭ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا قانداق قىلىپ يېتىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قاتار ھاياجانلىق سۆزلەرنى قىلدى. ئەمما قارايدىغان بولساق بۇ دەبدەبىلىك شوئارلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا ئۆزىنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشى ئۈچۈن ‹يول ياسىشى› دىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ كېيىنكى قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تەختتىن چۈشكىسى يوق، شۇنىڭدەك چۈشىمەن دەپمۇ چۈشەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ساھەسىدە ئۆزىگە چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك ساقلاپ كېلىۋاتقان زور بىر توپ كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ تەختتىن چۈشكەن كۈننىڭ ئۆزى ئۈچۈن مەھشەر كۈنى بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبلەردىن شى جىنپپىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۆزىنىڭ ئىزباسارى كىم بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز قىلمىدى. ئەمما داۋاملىق تەختتە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قانداق ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى خىتاي خەلقىگە بىلدۈرۈپ قويۇش زۆرۈر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ ‹14-بەش يىللىق پىلان›، ‹2035-يىلىغا بارغاندا دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ سەركىسىگە ئايلىنىش› دېگەندەك ‹ئالەمشۇمۇل› سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق خىتاي خەلقىنى ئۆز ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشقا ئۈندەۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ دىكتاتورلىرى ھەرقاچان بىر دۆلەتنىڭ نىشانىنى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەجبۇرىيەت نىشانىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتنى ئاشۇ نىشانغا، شۇنىڭدەك ئاشۇ نىشاننىڭ ئىجراچىسى بولغان كىشىگە ئەگىشىپ مېڭىشقا قىستايدۇ. بۇنىڭدا خەلقىنى تېخىمۇ ئاسان كونترول قىلغىلى بولىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 19-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر نۇقتا خىتاي دۆلىتىنى ھەربىي ئىشلار جەھەتتە قۇدرەتلىك بىر سەۋىيىگە ئېلىپ چىقىش بولدى. بولۇپمۇ خىتاي خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسىدە، يەنى 2027-يىلىغا بارغاندا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى «تولۇق زامانىۋىلاشقان ئارمىيە» قىلىپ چىقىش ھەققىدىكى بايانلار چەت ئەل ئاخباراتلىرىدىنمۇ كەڭ يەر ئالدى. «ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتى بولسا بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن تەڭ تۇرالىغۇدەك بىر ھەربىي مۇداپىيە قۇۋۋىتىگە ئېگە بولۇش ھەمدە خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىن كەتمەيۋاتقان ھەمدە تەيۋەننى قوراللىق ئىشغال قىلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تىك قاراش ئارزۇسىنىڭ ئەكس ئېتىشى» دەپ كۆرسەتتى. ئەمما چېن كۇيدې ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدا بۇنىڭ ئېھتىماللىقى ئۇنچە چوڭ ئەمەس، دەپ قارايدۇ.

«بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يىغىن دوكلاتىغا قارايدىغان بولساق بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا دېيىلىۋاتقاندىن باشقىچىرەك بولغان بىرەر يېڭىلىقنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي تېخى يېقىنقى كۈنلەرگىچە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق كەسكىن بولۇۋاتقانلىقى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ‹دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قانداق ئىغۋاگەرلىك قىلىۋاتقانلىقى›، بۇنىڭغا قارشى قانداق قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش لازىملىقى، دېگەنلەر بۇ قېتىمقى دوكلاتتا زادىلا تىلغا ئېلىنمايدۇ. بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەندە خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن شارائىتنى خەلق ئالدىدا تەن ئېلىشنى خالىمايۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ دوكلاتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال› دېگەندەك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ قېتىمقى 5-ئومۇمىي يىغىنغا ئوخشاش يىغىنلاردا ھەرقاچان رەھبىرىي كاندىلاتلارنىڭ ئورنى بېكىتىلىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم ئۇنداق زور ئۆزگىرىشلەر ئەمەس، ئەكسىچە ئىچكى قىسىمدىكى مۇقىم بولغان سىياسىي مۇھىت ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلدى. شۇڭا بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھالاك بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقان ۋاقىتلاردىكى ئەھۋالغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ۋەزىيەتتە، دېسەكمۇ بولىدۇ.»

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى 5-ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان 2035-يىلىغا بارغاندا «توققۇز ساھەنىڭ ھەممىسىدە سەركىلىك ئورنىغا ئۆتۈپ دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىش» ھەققىدىكى بايانلىرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانچە ئالقىش ساداسى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئەكسىچە، «ئەگەر راستىنلا خىتاي ئاشۇنداق قۇدرەت تېپىپ، ئامېرىكانىڭ ھازىرقى ئورنىنى ئىگىلىسە ئۇ ھالدا دۇنيا قانداق بولۇپ كېتىدۇ؟» دېگەن سوئال كۆپلىگەن كىشىلەرنى بۇ ھەقتىكى سۆھبەت ۋە مۇھاكىمىلەرگە ئېلىپ كىردى. ئەنە شۇلار قاتارىدا ئەڭ تىپىك سۆھبەتلەرنىڭ بىرى «ئامېرىكانىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى» ئاقىللار مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئامېرىكادا ئالىقىشقا ئېرىشكەن سىياسىي ئانالىزچى چارلىي كىرك بولدى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 5-ئومۇمى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئالەمشۇمۇل نىشان» ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاخباراتلاردىن كەڭ يەر ئالغاندىن كېيىن «ئەگەر ئامېرىكا مەۋجۇتلۇقتىن قالسا قانداق بولىدۇ» دېگەن سۆھبەتتە ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ «ئويلاپ كۆرەيلى: خىتاي دۆلىتى ھازىر ئۆزلىرى ئىگە بولۇۋاتقان بايلىق ۋە قۇۋۋەت بىلەن مىليونلىغان مۇسۇلماننى لاگېرغا قاماپ بولدى. بىز ‹ئەمدى قايتىلانمايدۇ› دېگەن شوئارلارنىڭ يالغانلىقى مۇشۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما بىز بۇ ئىشلارنى تاختىۋېشىغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ماللىرىنى تۆكمە قىلىپ ئېلىۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن لاگېرلارنى تېخىمۇ زور مەبلەغ بىلەن تەمىن ئېتىۋاتىمىز. خىتاي دېڭىزدا مۇشتۇمزورلۇق قىلماقتا، يەنە ۋىرۇس ياساپ چىقىپ نەچچە يۈزمىڭ ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. شۇمۇ يەتمەمدۇ؟» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ كەلگۈسى 15 يىلدىكى تەرەققىيات خەرىتىسى دۇنيا خەۋەرلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مۇلاھىزە ۋە مۇھاكىمىلەر داۋاملىق ‍ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.