شى جىنپىڭ «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويماقچى بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.22
بېيجىڭدىكى جىددىيچىلىك، شى جىنپىڭنىڭ قەسىمى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا رەھبەرلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇزېيىنى زىيارەت قىلغاندا كومپارتىيەسىگە قەسەم قىلدى. 2021-يىلى 18-ئىيۇن، بېيجىڭ.
AP

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈچىنچى قېتىم ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆزى باشلىغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي داۋاملاشتۇرماقچى بولغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ جۈمە كۈنى تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى» (APEC) دا تايلاند باش مىنىستىرى پرايۇت چانئوچا (Prayuth Chan-Ocha) بىلەن كۆرۈشكەندە: «خىتاي كېلەر يىلى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ‹بىر بەلباغ بىر يول› خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى كۈچ قېتىشنى ئويلىشىدۇ» دېگەن.

شى جىنپىڭ يەنە ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، «دۇنيا ھازىر تارىخنىڭ تۆت يول ئېغىزىغا كەلدى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ 2013-يىل باشلاتقان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا، ئافرىقا ۋە شەرقىي جەنۇبىي دېڭىزدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭغا قېتىلغان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئورگانلار 150 كە يەتكەن. بۇ قۇرۇلۇش خەلقئارادا خىتاينىڭ «چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى» ئىستراتېگىيەسى دەپ تونۇلغان بولۇپ، 2017-ۋە 2019-يىلدىكى «بىر بەلباغ بىر يول» مۇھاكىمە مۇنبىرىگە 200 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋە ئورگانلار قاتناشقانىدى. كوۋىد يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن بۇ مۇنبەر توختاپ قالغان. ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇنبەر خىتاينىڭ كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدىن كېيىن پىلانلىغان چوڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر قانداق مۇستەملىكىچى دۆلەت قورال كۈچى ياكى سودا بىلەن مۇستەملىكىچىلىك قىلىدۇ. خىتاي ھازىر سودا ئارقىلىق مۇستەملىكىچىلىك قىلىۋاتقان دۆلەت، ئۇ مۇشۇ يول بىلەن خام ئەشيا ۋە بازارنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۈچلىنىش ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغان.

ئەمما خىتاي بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ كوۋىد بىلەن ئېلىشىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى» نى ئىجرا قىلىشتا بەسلەشكەن خىتاي ئەمەلدارلىرى شاڭخەي، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە ئاچارچىلىق پەيدا قىلغان؛ خىتاي ئۆزىنىڭ چېگراسىنى پۈتۈنلەي تاقىغان ھەمدە ساھىبخانىلىق قىلغان خەلقئارالىق چوڭ پائالىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى. گەرچە خىتاي يېقىنقى كۈنلەردە بۇ سىياسىتىنى بوشاتقان بولسىمۇ، يۇقۇمدارلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقۇمدارلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقادىكى بەزى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ پاكىستان بىلەن سىرىلانكا خىتاينىڭ قەرزىگە بوغۇلۇپ قالغاندىن كېيىن بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ماھىيەتتە بىر «قەرز توزىقى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئۇنىڭ نامىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىنى يوقاتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتىپ، دۆلەت تاراتقۇلىرىدا «بىر بەلباغ بىر يول ھەمكارلىقى»، «بىر بەلباغ بىر يول شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» دېگەندەك ناملارنى ئىشلىتىشكە باشلىغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايغا پايدىلىق بولغان سودا يولى ۋە ئىستراتېگىيەلىك قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، 2023-يىل خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى بولۇپ، خىتاي ئەگەر كوۋىد ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ قالسا، بۇ مۇنبەر كېلەر يىل 9-ئايدا داغدۇغىلىق ئېچىلىدىكەن. شۇنداقلا بۇ يىغىن خىتاينىڭ «ئىشىكنى سىرتقا تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش، دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ چوڭ رول ئويناش» ئىشەنچىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئوكسفورد ئومنىيا خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دىرېكتورى ئېلىنا بېرنىنى (Elena Bernini) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىشەنچىنىڭ ۋىيېتنامغا ئوخشاش خىتاينى قوللاۋاتقان ۋە ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتداش دۆلەتلەردىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي تاشقى دۇنيادا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش زۆرۈر دەپ قارايدۇ، ئىچكى قىسىمدا بولسا شى جىنپىڭ بىر بەلباغ بىر يول پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋىيېتنامغا ئوخشاش رايون شېرىكلىرىنى خىتاينى قوللاشقا مايىل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يۆنىلىشى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى: ۋىيېتنامنى ترانسپورت ئارقا بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكانىڭ جازا ۋە تاموژنا بېجىدىن ساقلىنىش. شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ خام ئەشياسى ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچىنى خالايدۇ، شۇنداق قىلغاندا خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالىدىغان يوشۇرۇن تىجارىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ بەلكىم شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ باشلىقى نىگۇيېن فۇ تروڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى باشقا دۆلەت باشلىقلىرىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك».

ئېلىنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوخشاشلا ۋىيېتنامنى تاشقى سودا ۋە ترانسپورت ئارقا بازىسى قىلغان بولۇپ، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ئەگەر خىتاي بازىرىدىن مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلىسە، خىتاينىڭ بىر بەلباغ بىر يول سودىسى ئاجىزلىشىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «رۇسىيەمۇ ئىقتىسادىي جازادىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋىيېتنامنى ترانسپورت ئارقا بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، خىتاي رۇسىيەگە بېرىلگەن ئىقتىسادىي جازاغا قارىماي، رۇسىيەنىڭ قارا ياغىچىنى كىرگۈزۈپ ئۇنىڭغا خىتاينىڭ ماركىسىنى چاپلىدى، ئاندىن ئۇنى ۋىيېتنامغا كىرگۈزۈپ، ئۆي جاھازلىرى ياساپ، غەرب دۆلەتلىرىگە ساتتى. خىتاينىڭ ماللارنى تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارشى تاموژنا بېجى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى ۋىيېتنامغا كۆچۈپ كەلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا سانائىتى خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا كەلگەنىدى، ھازىر بولسا خىتاي شىركەتلىرى ئاستا-ئاستا ۋىيېتنامنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا جايلاشماقتا، بۇ شىركەتلەرنىڭ ۋىيېتنامغىمۇ پايدىسى تەگكەن بىلەن، ئۇلار يەنىلا خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا. شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ھوقۇق تۇتۇشى ۋىيېتنامنىڭ كۈن تەرتىپى، مۇھىم سىياسەتلىرى، جۈملىدىن ‹ىر بەلباغ بىر يول› پىلانىغا قېتىلىشىنى ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن، ئەگەر ۋىيېتنام ئۆزىگە ئوخشاش دۆلەتلەر قاتارىدا خىتاي بازىرىنى بۆلۈشۈۋالسا، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى، خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› سودىسى ئاجىزلىشىشى مۇمكىن».

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ ئاساسى، ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ مۇھىم بىر ئىستراتېگىيەلىك يولى. شۇڭا ئۇ بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچەيدىكەن.

ھالبۇكى ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى خىتاينى مەركەز قىلغان دۇنياۋى سودا تورى دەپ تونۇغان ھەمدە 2019-يىلى ئۇنىڭغا قارشى «كۆك نۇقتا سودا تورى» شەكىللەندۈرگەن؛ 2021-يىلىغا كەلگەندە، «7 دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ «دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش» تەشەببۇسىنى يولغا قويغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېراكىمۇ «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى» (FOIP) دەپ ئاتىلىدىغان قارشى پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ئىستراتېگىيە بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساستىن تەركىب تاپقان. ھىندىستان بىلەن مالايسىيامۇ خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا كۆپ قېتىم قارشى چىققان بولۇپ، ھىندىستان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تاقىشىدىغان مەسىلە» دەپ قارىغان بولسا، مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد دەسلەپتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تەلەپلىرىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىغا كىرىشتىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلغان، ئەمما كېيىن مەيدانىنى ئۆزگەرتكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.