مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خىتايدا داغدۇغۇلۇق خاتىرىلەنمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي دائىرىلىرى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيانقى ئاتالمىش «مۇۋەپپەقىيەت» لىرىنى تەبرىكلەش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، كومپارتىيەنى مەدھىيەلەيدىغان سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئۆتكۈزمەكتە.
خىتاي تاراتقۇلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەسەميات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىدىن مۇتلەق ساداقەتنى تەلەپ قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي تاراتقۇلىرىدا يەنە خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىياتىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىگە زور ھەسسە قوشقانلىقى داۋراڭ قىلىنماقتا.
ئۇنداقتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەنمۇ ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا دېيىلگەندەك، شانلىق تارىخ ياراتتتىمۇ؟ خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا خىتاي خەلقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەر راستىلا خىتاي تاراتقۇلىرى تەشۋىق قىلغىنىدەك ئاتالمىش «ئاپتونومىيە سىياسىتى» دىن بەھرىمەن بولۇپ، بەختلىك ياشاۋاتامدۇ؟
ئامېرىكادا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ، نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىگە قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇلغان يۈز يىل ۋە ئۇنىڭ خىتايدا ھاكىميەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيانقى 73 يىللىق ھۆكۈمرانلىق تارىخىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن تولغان قانلىق تارىخ» دېيىشكە بولىدىكەن.
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى باش سېكرىتارى شى جىڭپىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋرىدە خىتايدىكى مۇستەبىتلىكنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى خىتايدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدە خىتاي خەلقى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە يۈرگۈزگەن بىرقانچە قېتىملىق زور كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇشلارنى تىلغا ئالدى.
خۇ پىڭ يەنە ئاتالمىش «جوڭخۇا مىللىتى بىرلىكى» نامىدىكى چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت گەۋدىسى بويىچە بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئوبېيكتىغا ئايلىنىشى، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللار ئۇچراۋاتقان مىللى زۇلۇم ۋە خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان دېموكراتىيەنىڭ يوقۇتىلىشى قاتارلىقلارنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىق تارىخنىڭ ئەمەلىيەتتە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن تولغان تارىخ» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيامىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە خىتاي خەلقىنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن «ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىك» كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان ئىكەن. ھالبۇكى، 1949-يىلى كومپارتىيە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بولسا «پرولېتارىيات دىكتاتورلۇقى» نامىدىكى مۇستەبىت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ماڭغان ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يېقىندا ئېلان قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھ» ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى
ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، ئۆزىنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىق تارىخىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. يەنى خىتاي كومپارتىيەسى بىر تەرەپتىن ئۆز ئىچىدە خىتاي خەلقىنى باستۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەرگە زىمىن تەلىپى قويۇپ، تۈرلۈك شەكىللەردە تاجاۋۇزچىلىق ئېلىپ بارغان.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئۆزىلا دۇنيا تىنچلىقى، خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە ئېغىر تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى «ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى» دېيىشكە بولىدىكەن.