خىتايدىكى «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى خىرىسلىرى
2024.10.01
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ 2024-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى دىننى «خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەسىرىگە تەپسىلىي قاراپ چىقتى.
مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى 2014-يىلدىن باشلاپ دىنلارنى، جۈملىدىن ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان ھەمدە 2016-يىلىدىن ئېتىبارەن «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنى قوزغىغان. نەتىجىدە مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان، دىنىي كىتابلار كۆيدۈرۈلۈپ، مىڭلىغان مەسچىتلەر ۋەيران قىلىنغانىدى. بۇنىڭ تەسىرى ھەتتا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىدىكى سىمۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە بولغان قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىگىچە يېتىپ، ئۇنى خىتايلارنىڭ ساياھەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرغانىدى.
ئاتېئىزمنى تەرغىب قىلغۇچى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر خۇدالىق ئىسلام دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشى ئىزچىل ھەرقايسى ساھەنىڭ تەنقىدلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئىدى. ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى» (CAIR) نىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى روبېرت مەككاۋ (Robert McCaw) بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا ئۆز ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى بارلىق دىنلارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى كونترول قىلىش قىلمىشىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
«ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى دىننىڭ ئەركىن ئىپادىلىنىشىنى يامان كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇلار خىتايدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىلا تەرەپلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئەنئەنىسىنى دەپسەندە قىلىشى ۋە بۇلارغا بولغان كونتروللۇقى كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. ئەسلىدە بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەسلىكى كېرەك. ئەمما بۇنداق ئەھۋالدا بىز سۈكۈتتە تۇرماي ئۇنى ئەيىبلىشىمىز كېرەك. ھالبۇكى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئىشغالىيىتى ئاستىدا كىشىلەرنىڭ ئۆز دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىغا ۋە ئۇنى ئەركىن ئىپادىلىشىگە قارشى تۇرۇپ، ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە باشقا دىنلارنىڭ ھەممىلا ساھەسىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»
ئامېرىكادىكى چېكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقانداق دىن بىلەن سىغىشالمايدىغان ئېتىقادسىز (خۇداسىز) ھاكىمىيەت بولۇپ، باشقا ھەرقانداق بىر دىنىي ئېتىقادنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ماھىيەتتە ئۇنىڭ دوگماتىك ئىدېئولوگىيەسىگە خىرىس ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» قا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئۇنىڭ باشقا دىنلار بىلەن دۈشمەنلىشىش يولى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى.
«خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دىننى سىياسىي تەھدىت دەپ قارايدۇ. ئۇ ئىدىيەۋى ئېتىقاد سىستېمىسىنىلا ئەمەس، نۇرغۇن دىنىي شەكىللەرنى، بولۇپمۇ ئىسلام ۋە تىبەت بۇددىزمىنى بىر خىل سىياسىي بۆلگۈنچىلىك دەپ قارايدۇ. ئۇ ھەتتا بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق نامى ئاستىدا شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ سىياسىي كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ بۇ جەھەتتىكى كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى مىللەتچىلىكنى بارغانسېرى تەكىتلەۋاتىدۇ، ئۇ بۇ ئارقىلىق ھاكىمىيەتتىكى كىرىزىسنى يوشۇرۇش ۋە ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەتچىلىك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ قانۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.»
تېڭ بياۋنىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» نى ئومۇملاشتۇرۇشى ۋەھىمىلىك بىر قىلمىش بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغان ئەڭ تىپىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا بىر قاتار سىياسىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مىللەت، دىن ۋە تىل قاتارلىق كىملىك ئالاھىدىلىكلەرنى خىتايلار بىلەن ئوخشاش قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسى خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان ھەممىلا ساھەنى ئۆزگەرتىپ، خىتايلار بىلەن ئوخشاش تىل ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە قىلسا، ئۇ چاغدا خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلىنىدىغان بارلىق ئامىللار يوقالغان بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دىنىي سىياسەت ئىكەنلىكى تەنقىدلەنگەن. دوكلاتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايدا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ‹دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش› سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خىتايدىكى دىنىي مۇھىتنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتىكى يادرولۇق پىرىنسىپىغا ئايلاندۇردى. ئۇلار يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىگە زىت دەپ قارىغان دىنىي ئېتىقاد ۋە چۈشەنچىلەرنى ھەر خىل ناملاردا يوقاتتى.»
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىۋاتقان «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى ماھىيەتتە، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» تىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ مۇشۇ نۇقتىنى ئالاھىدە شەرھلەپ ئۆتتى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە سىستېمىلىق ۋە ئاشقۇن شەكىلدە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى؛ شۇڭا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايغا «ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دۆلەت» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىك شاجېۋىسكى (Henryk Szadziewski) بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، ئۆزىنىڭ دىنسىزلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلىغان خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن بارلىق دىنلار، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي تۈزۈمى ئۈچۈن خىرىس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى.
«ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، مېنىڭچە ئىسلام دىنى خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەسى ۋە ھازىرقى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغان تۈزۈلمە ئەندىزىسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە. شۇڭلاشقا، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش خىتاينىڭ ھازىرقى تۈزۈمىگە خىرىس ھېسابلىنىدۇ. شۇ بۇ سەۋەبتىن بۇ بىر مۇھىم ئامىل. يەنى دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى بۇ دىنلارنى كونترول قىلالايدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلار يەنە بۇ كىشىلەرگە خىتاي مەدەنىيىتى ياكى دۆلەت ئىدېئولوگىيەسىگە ماس كېلىدىغان نۇرغۇن ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلدۇرالايدۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئىسلام دىنى تەبىئىي يوسۇندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن چېگرا ھالقىغان باغلىنىش مۇناسىۋىتىگە ئىگە. ۋاھالەنكى، بۇ ئەلۋەتتە خىتاي باشقۇرۇشىدىكى خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار بۇ تاشقى باغلىنىشنى كونترول قىلىپ، ئىسلام دىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجىگە تاۋاپ قىلىدىغان مۇسۇلمانلار بىلەن ئەمەس، بېيجىڭ بىلەن بولغان باغلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايدۇ. »
بۇ قېتىملىق يېڭى دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، شۇنىڭدەك بۇ ھەقتىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگىمۇ دەخلى-تەرۇز شەكىللەندۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. روبېرت مەككاۋ بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشىنىڭ خەلقئارادا ئىسلام دىنى ئۈچۈن ھېچقانداق تەھدىت پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«بۇ ئۇرۇنۇش ئىسلام دىنىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ھەم ئۇنى يوقىتالمايدۇ. چۈنكى، خىتايدا ئىسلام دىنىنىڭ ئالاھىدە بىر نۇسخىسى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا ھەرقانداق دۆلەتتە خىتاي قۇرئاننى تەكشۈرەلمەيدۇ ياكى يوقىتالمايدۇ ۋە ياكى ئۇنى كوممۇنىزم سىياسىتىگە ماسلاشتۇرالمايدۇ. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامنىڭ ئەمەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى خەلقئارادا ئىسلامغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدۇ دەپ قارايمەن. ئەكسىچە، خىتايدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى چەكلەيدۇ، خالاس. »
ۋاھالەنكى تېڭ بياۋنىڭنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان تۈرلۈك پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۇسۇللىرى، چەتئەللەردە ئەركىن ياشاۋاتقان كىشىلەرگىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلدۇرماقتا ئىكەن.
«ئەمەلىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئالغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى چەتئەللەرگە جاسۇس ئەۋەتىش، ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ۋە باشقا پۇقراچە ياسانغان خادىملار ئارقىلىق مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان دىنىي زاتلارنى ئىز قوغلاش ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىش، ھەتتا جىسمانىي جەھەتتىن ھۇجۇم قىلىش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. دېمەك، مۇھاجىرەتتىكى كىشىلەر چەتئەللەردىكى ئەركىن ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان مۇھىتتا ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، يەنىلا ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ۋە دىنغا ئەركىن ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ.»
دەرۋەقە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق يېڭى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىلىرىدىن ئۆزلەشتۈرگەن چىراي تونۇش ۋە باشقا يۇقىرى ئىقتىدارلىق تەقىب سىستېمىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى، ھەتتا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد مۇھىتىغىمۇ يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.