ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2021-يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئالغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى يىلدا بىر قېتىم خىتاي توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ دوكلاتقا خىتاي ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ تەپسىلىي مەلۇماتلار توپلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا دائىر تاشقىي سىياسىتىنى بېكىتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى ھېساپلىنىدىكەن.

مەزكۇر كومىتېت 1-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان 2021-يىللىق دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىل جەريانىدا سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالى تۈرلەر بويىچە بايان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك دىكتاتورا يولىغا مېڭىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

دوكلات خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى جېف مېركېلىي (Jeff Merkley) ۋە جېيمىس مەكگوۋېرن (James P. McGovern) نىڭ كىرىش سۆزى بىلەن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق قۇرلار كۆزگە چېلىقىدۇ: «2021-يىلى 1-ئىيۇل كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ كومپارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسىدە خىتاي خەلقىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، خىتايغا خىرىس قىلغان ھەرقانداق دۆلەتنىڭ پولاتتىن سوقۇلغان سەددىچىن سېپىلىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پارتىيە باشلامچىلىق قىلىدىغان بۇ دۆلەت، بۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇتلەق ھاكىممۇتلەقلىق بويىچە ئىش كۆرۈپ ئىنسانىىيەت مەنىۋىيىتىگە قىلچىلىكمۇ پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.»

دوكلاتتا ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئىقتىسادىي ۋاستە ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پىكىر قىلغان بارلىق سادالارنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىدەك رېئاللىقنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بىۋاستە تەكشۈرۈشىگە يول قويماسلىق ياكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىش دېگەندەك چارىلەر ئارقىلىق بۇ رايوننى «مۇتلەق بېكىنمە رايون» قىلىپ چىققان بولسىمۇ، مەزكۇر كومىتېت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى جازالاش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنىڭ كۆپلىگەن ئىسپاتلىرىنى توپلاپ چىقالىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ جايلاردىكى ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ئائىلىلىرىدىن جۇدا بولۇشىنىڭ ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نىشانلىق ھالدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى دېگەنلەر مەيلى كۆلەم ياكى خاراكتېر جەھەتتىن ئالغاندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرەزلىك ھالدا بۇ مىللەتنى تولۇق يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بەك روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنىڭ ھەممىدىنمۇ ئېغىرلىقى ئالاھىدە يەر ئالغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ لاگېرلاردا ھەمدە لاگېر تېشىدىكى «تۇغقانلىشىش پائالىيىتى» جەريانىدا جىنسىي خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلىش ھەمدە ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىنىش بولسا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ نوپۇس سانىنى مەجبۇرىي كونترول قىلىشنى كۆزلىگەن قەبىھلىكلەر ئىكەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن 1950-يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ زور نوپۇس چېكىنىشىنىڭ دەل ئاشۇ قەبىھلىكلەر ئىجرا بولغان بىرنەچچە يىلدا ئىشقا ئاشقانلىقى، نەتىجىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى 50 پىرسەنتكە يېقىن تۆۋەنلەپ دۇنيادا كۆرۈلمىگەن رېكورد يارىتىلغانلىقى، ئەمما بۇ ھالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىكار قىلغان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» ھەمدە خىتايلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىگە پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى مەنزىرە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا سىستېمىلىق قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىشتىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۇنىڭ لاگېر سىستېمىسى بىلەن بولغان باغلىنىشى ھەمدە نۆۋەتتە كۆپلىگەن ساھەگە كېڭىيىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھادىسىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەن نامدا يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. دپوكلاتتا بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئالىقاچان بۇ خىلدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» دىن ئۆزىنى تارتىپ، بۇ رايوندىكى تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋاتقانلىقى، ئامېرىكا تاموژناسىنىڭمۇ بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قاتار چارىلەرنى ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ۋە تىل-يېزىق ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىمۇ دوكلاتتا مەخسۇس سەھىپىلەرنى تەشكىل قىلغان. شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان ئاپتونومىيە قانۇنلىرىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نامىدىكى شوئارلارنى توختىماستىن تەكىتلەۋاتقانلىقى، بۇ ھالنىڭ نۆۋەتتە موڭغۇللار، تىبەتلەر ۋە تۇڭگانلار رايونىغىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن جېف مېركلېي ئەپەندى بۇ قېتىملىق دوكلاتنىڭ ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلارنى ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى بۇ قەدەر قەبىھلەرچە پايخان قىلىشى، ماھىيەتتە خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بۇ خىل دەپسەندىچىلىكنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىقىشى ئۆتكەن 20 يىلدىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىللىق دوكلات خىتايچە شەكىلدىكى ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسىگە قارىتا دۇنيانىڭ زور دەرىجىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمدى بۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي ھەركەت قوللىنىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. زىيانكەشلىكتىن قېچىپ سەرسان بولۇۋاتقانلار، قانۇنسىز تۇتقۇن ۋە ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان كىشىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان ئۇلارغا يار-يۆلەك بولىدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم. مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى تەۋسىيە قىلغان ساھەلەر بويىچە ئەمەلىي ھەركەت قوللىنىىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن جېيمىس مەكگوۋېرن بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۈمىدلىرىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ:

«خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىقىش يالغۇز كومىتېتىمىزنىڭ نىشانى بولۇپلا قالماستىن، بۇ يەنە تۈرلۈك زۇلۇملار تۈپەيلىدىن ئۆز كەچمىشلىرىنى بايان قىلىشقا قادىر بولالمىغان مىڭلىغان ئ‍ىنسانلارغا بولغان ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. كومىتېتىمىزدىكى كۆپلىگەن شەخسلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى قاباھەتلىك قىرغىنچىلىقنى، تىبەتتىكى زۇلۇم ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنىڭ ھالاكىتىنى، شۇنىڭدەك پۇقراۋىي جەمئىيەت، ئاياللارنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرى دېگەنلەرنى تەكشۈرۈش ۋە پاش قىلىشتىكى جاپالىق ئەمگىكىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› نىڭ قانۇنغا ئايلىنىشى كومىتېتىمىز قىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ قانداق قىلىپ قانۇنغا ئايلىنىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى تەۋسىيەلىرىنىڭمۇ خۇددى شۇ تەرىقىدە ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلىدىغان بىر قاتار تەۋىسيەلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا ئامېرىكا ۋە ب د ت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتىش، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى ئالدىن ئويلىشىلىدىغان مۇساپىرلار قاتارىدا ئامېرىكىدا يەرلەشتۈرۈش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «تۇغقان بولۇش» پروگراممىسى، بالىلارنى ئائىلىسىدىن جۇدا قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلارنى توختىتىشقا چاقىرىش دېگەنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.