بۇ يىل 22-ئىيۇل، ئاقساراي «ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداش» ئۈچۈن خىتاينىڭ خيۇستوندىكى كونسولخانىسىنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئارقىدىنلا 72 سائەت ئىچىدە بۇ كونسولخانىنى تاقاش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈردى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ 22-ئىيۇل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشىغا ئەمدى تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستېرى مايك پومپيومۇ «بىز بۇنداق ئەھۋالنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىگە يول قويمايمىز» دېدى. تاراتقۇلار بۇنى بەس-بەستە خەۋەر قىلدى، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئامېرىكانىڭ بىر قانچە ئايدىن بۇيان خىتايغا قوللانغان ئەڭ چوڭ ھەرىكىتى ئىكەن.
23-ئىيۇل «ئامېرىكا ئاۋازى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىپلوماتىيە، ھەربىي ھەرىكەت، سودا، كىشىلىك ھوقۇق، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكاغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت سالماقتىكەن. ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ خىيۇستون شەھىرىدىكى كونسولخانىسىنى تاقاشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشتىن تارتىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك ۋە باستۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك زاۋۇت-كارخانىلىرى ھەم خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقىچە، خوڭكوڭغا ئالاھىدە ئىمتىياز بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن تارتىپ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قانۇنسىز ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاشقىچە بولغان بارلىق ھەرىكىتى خىتايغا دىپلوماتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، پەن-تېخنىكا، سودا قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بولۇپمۇ بۇ قېتىم ئامېرىكانىڭ خىتاي كونسولخانىسىنى تاقاشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشى ئىككى دۆلەتنىڭ زىددىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاش خەۋپىنى پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.
23-ئىيۇل خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى خىتايغا شىلتىڭ ئاتقانلىق، ئۆزىنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقانلىق. خىتاي ئامېرىكانى بۇ قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۈندەيدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، خىتايمۇ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ» دېگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە، خىتاي كومپارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورگان بولۇپ، دىپلوماتىيە، سودا، ھەربىي مۇناسىۋەت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، شۇنداقلا دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جاسۇسلۇق ئورگىنى ئىكەن. خىتاي ئەلچىخانىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر ۋاقىت دۈشمەنلىك ۋە گۇمانخورلۇق بىلەن قارايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىش بېجىرىشنى خالىمايدىكەن ياكى شەرت قويىدىكەن؛ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ۋىزا ئېلىش، پاسپورتنى ئۇزارتىپ بېرىش دېگەندەك نورمال تەلىپىنى دائىم رەت قىلىدىكەن. پاسپورتىنى ئېلىپ بارغانلارنىڭ پاسپورتىنى كېسىۋېتىپ، خىتايغا قايتىش قەغىزى تۇتقۇزۇپ قويىدىكەن. ئايرىم شەخسلەرنى نۇقتىلىق كۆزىتىش، ھەتتا تۇتۇپ سوراق قىلىش، تەھدىت سېلىش دېگەندەك رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدىكەن».
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانە ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان قىلمىشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «خىتاي ئەلچىخانىلىرى يىللاردىن بېرى ۋەتەنگە بارماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىش جەريانىدا ئۇلاردىن ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە-پاسات پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى» دېدى.
ئۇ يەنە خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا تېلېفون ئۇرۇپ تەھدىت سالىدىغانلىقىنى، پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچى ياكى خىزمەتچىلەرنى بىر-بىرىگە ئىشپيونلۇققا سالىدىغانلىقىنى، ئومۇمەن ئۇلارنى يىراقتىن كونترول قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاي ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭمۇ بۇ ھەقتە دوكلاپ تەييارلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى قەدەمدە خىتاينىڭ خيۇستوندىكى كونسولخانىسىنى تاقاپ ناھايىتى توغرا ئىش قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا باشقا ئەللەرنىڭمۇ بۇ جەھەتتە ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولۇپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى خەۋەر، ماقالىلىرىگە قارشى ھالدا تەشۋىقات يۈرگۈزۈش، خىتاينى ماختاش، خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئاقلاش، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ساقلاش ۋە ئۇنى پەردازلاش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان. خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تور بېكىتىگە ئۇلىنىش قىلىنغان «تەڭرىتاغ تورى»، «خىتاي تىبەت تورى»، «فالۇنگۇڭنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇش» قاتارلىق تور بېكەتلىرىنى بۇنىڭ بىر مىسالى دېيىشكە بولىدىكەن.
0:00 / 0:00