سوفى رىچاردسون: «خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئالاھىدە قوغدىنىش ئىمتىيازى بېرىشكە بولمايدۇ! »

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شەھرىزاد تەييارلىدى
2024.08.06
Sophie-Richardson كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى دوكتور سوفىي رىچاردسون (Sophie Richardson) ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەخسۇس تەشكىللەنگەن «گۈلخان سۆھبىتى» دە سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 30-ئىيۇل، فايرفاكس
RFA/Shehrizad

يېقىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان «گۈلخان سۆھبىتى» پائالىيىتىدە، بىز كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى دوكتور سوفى رىچاردسون خانىم بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغان سوفى خانىم سۆھبەت جەريانىدا شى جىنپىڭغا قارشى خەلقئارالىق ھەرىكەتلەر، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇلۇشى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

تۆۋەندە ئۆز مۇخبىرىمىز شەھرىزادنىڭ سوفى رىچاردسون خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

مۇخبىر: سوفى خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. سىز خەۋەردار بولغاندەك، بۇ يىل دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى ۋە ئارگېنتىنا سوتى شى جىنپىڭغا قارشى داۋا ئاچتى. بۇ سوتلارنىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار، دەپ قارايسىز؟

سوفى رىچاردسون: بۇ يەردە ئوخشىمىغان ئىككى خىل جەريان مەۋجۇت. «دۇنيا پۇقرالار سوتى» بىر ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات. ئۇنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن مەجبۇرلاش كۈچى يوق. گەرچە ئۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلارنى باھالاش، سوئال سوراش ۋە ھۆكۈم بېكىتىش جەھەتلەردە قانۇنى كۈچى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بىر قاتار خەلق سوتلىرىنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىرسى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ سوت سىمۋوللۇق رولغا ئىگە، شۇنداقلا ئۇنى بىر قانچە يىل ئىلگىرى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سوتىنىڭ داۋامى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مەنچە بۇ سوت ئەدلىيە جەھەتتىكى ئەمەلىي بىر ئىلگىرىلەشكە بولغان ئىنتىلىشنىڭ قىزىقارلىق ئىپادىلىنىشى. ئارگېنتىنادا ئېچىلغان سوت بولسا ئەمەلىي ۋە قانۇنىي كۈچكە ئىگە پائالىيەت. ئەگەر بۇ داۋا ئىلگىرىلىيەلىسە خۇشاللىنارلىق ئىش بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قانۇنى جازاغا تارتىشتەك بىر تىرىشچانلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا تەسىر كۆرسىتەلىدىمۇ؟ بولۇپمۇ بىز كۆرۈۋاتقان جاز تەدبىرلىرى ۋە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار يېتەرلىكمۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك؟

سوفى رىچاردسون: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ياكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش يولىدا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارنىڭ ئەھمىيىتىنى كەم سۇندۇرغۇم يوق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا، بولۇپمۇ ھەقىقىي زىيانكەشلىك بولۇۋاتقان جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسلىرىغا قارىتا ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەيىبلەشلەرگە، بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا چىققان كۈچلۈك دىپلوماتىك ئىنكاسلارغا ھەمدە بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېيجىڭ بىلەن سودىلاشقاندىكى مۇئامىلىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ماڭىدىغان يولنىڭ تېخى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مېنىڭچە نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر يەنىلا شى جىنپىڭغا جەڭ ئېلان قىلىشنى خالىمايدۇ، بولۇپمۇ بۇ زىيانكەشلىكلەر سەۋەبىدىن شى جىنپىڭغا قارشى چىقمايدۇ. ئەمما ئۇلارمۇ بۇنداق قىلىۋەرگەندە ئۆزلىرىنىڭمۇ تەبىئىي ھالدا مۇشۇ مەسىلىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىلا ئەمەس، بۇ دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بارغانسېرى بىر چوڭ تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى كۈنسېرى تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ھازىر كۆرۈشكە باشلىغان ھەمدە توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تاشلانغان بەزى قەدەملەر بۇنىڭغا جاۋاب بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مەن ئۇلارنىڭ بۇ قاباھەتلىك، سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك مەۋجۇت بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ پاكىتلىرىغا قارىتا قەتئىي ۋە پىرىنسىپال شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشى ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش چارىسىنى ئىجرا قىلىشى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا كارغا كېلەمدۇ؟

سوفى رىچاردسون: مېنىڭچە بۇ چەكلىمىلەر چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ تەدبىرلەر تۈپەيلىدىن ئاشۇ خىتاي ئەمەلدارلىرى بەدەل تۆلەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم شۇكى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانلىرى ياكى ئۇنىڭدىن ھايات قالغۇچىلارنىڭ بۇ تەدبىرلەر ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان نەتىجىلەرنى كۆرەلىشى ناتايىن. شۇڭلاشقا، مېنىڭچە بىز خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا تەكشۈرۈش ۋە ئەيىبلەش مەسىلىسىدە ئالاھىدە قوغدىنىش ئىمتىيازى بېرىلىشى لازىم، دەيدىغان قاراشتىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك. بىلگىنىڭىزدەك ھەپتىنىڭ ھەر قانداق كۈنىدىكى ھەرقانداق گېزىتنى ئېلىپ قارىسىڭىز ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى ب د ت غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈشنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىسىز. شۇڭا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى رەھبەرلىكىگە ئۆز ھۆرمىتىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەلىللەرگە يۈزلەنگەن ھالدا بۇ پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ نېمىشقا شۇنچە قىيىنغا چۈشۈۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيمەن.

مۇخبىر: ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ۋە خەير-ساخاۋەتچىلەر قانداقلارچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان؟ سىزنىڭچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالىشى مۇمكىن؟

سوفى رىچاردسون: بۇ ھەقىقەتەنمۇ غەلىتە بىر ھادىسە. مەسىلەن، ئەكبەر ئەسەتكە ئوخشاش دەسلەپ خىتاي ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلىغان بەزى كىشىلەر ئەمدى كېلىپ قانداقتۇر بىر شەكىلدە «تەھدىت» ياكى «چاتاق» قا ئايلىنىپ قالغان. مېنىڭچە، بۇ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ كومپارتىيە خالايدىغان چەك-چېگرا ئىچىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئالاھىدە كىملىككە ئىگە بولۇشىنى ياكى شۇنداق كىملىكتە ھەرىكەت قىلىشىنى خالىماسلىقى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىشلىق. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىدە بولغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلارغا ئۇلىشالىغانلىقىمۇ بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ھۆكۈمەت بۇ كىشىلەرنىڭ مۇشۇ ماكاندا بولۇۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا تاشقى دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭكىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ھېكايىلەرنى سۆزلەپ سېلىشىنى چەكلەشكە ئەڭ زور دەرىجىدە زېھىن قويغان.

مۇخبىر: ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالامسىز؟ يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە بولغان تەسىرى قانچىلىك بولۇۋاتىدۇ؟ بۇ كىشىلەرنى قوغداش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟

سوفى رىچاردسون: مېنىڭچە بۇ كىشىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدىنمۇ كەڭ دائىرىگە چېتىلىدىغان بىر مەسىلە. سىز ياكى مەن تونۇيدىغان قانچىلىغان كىشىگە ھەپتىدە ياكى كۈندە دېگۈدەك ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن قانچىلىك ۋاتسئاپ (WhatsApp) ئۇچۇرى كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ. ئۇلار ئەتراپىمىزدىكى ۋىرجىنىيە، مەرىيلەند ۋە ۋاشىنگتون شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە ئاشكارا سۆز قىلماسلىق، بولمىسا ھېلىھەم شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. مېنىڭچە كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى مەلۇم قىلىش-قىلماسلىق ياكى كىمگە مەلۇم قىلىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. مەن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن سۆزلەشتىم، ئۇلار بۇ خىل باستۇرۇشنى مەلۇم قىلغاندا ئۇلارنىڭ مۇساپىرلىق ياكى سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىش سالاھىيىتىگە، شۇنىڭدەك مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم ياكى ۋەتەنداشلىق ئېلىش تىرىشچانلىقلىرىغا دەخلى يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە چاتاق تېپىۋالغۇسى يوق. كىشىلەردە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن قاچىدىغان، ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەردە ئۇلاردىن ياردەم سورىمايدىغان بىر ھېسسىيات بار، شۇڭا مەن بۇنى يەنىلا كۆپ تەكشۈرۈلمىگەن مەسىلە دەپ ئويلايمەن. مەن يەنە ھۆكۈمەتلەرنى بۇ مەسىلىگە قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈش، تەكشۈرۈش، خىتاي ئىچىدىكى بۇنىڭغا مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلاش ياكى جاۋابكارلىققا تارتىش، ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇ خىل قىلمىشلارغا چەك قويىدىغان باشقا تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىش قىلمىدى، دەپ ئويلايمەن.

مۇخبىر: ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ياكى سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى ئىنكار قىلىشتەك ئەھۋاللاردا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟ سىزنىڭچە بىز بۇ خىل مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك؟

سوفى رىچاردسون: مېنىڭچە ئىزچىل تۈردە پاكىتلار بىلەن يۈزلىشىشىمىز، بۇنداق ئىشنىڭ بولۇۋاتقىنىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلارغا ھارماي چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم. قېنى سىز مەلۇم بىر شەخسكە ياكى ئادەمگە مەلۇم بىر يېزىدا ياكى قاماقخانىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ بۇ ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەتقىقاتنىڭ كۈچى، مەيلى ئۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن بولسۇن، ئاكادېمىكلار ئۈچۈن بولسۇن، ئاخباراتچىلىق ئۈچۈن بولسۇن، تاراتقۇلار ئۈچۈن بولسۇن، پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ھەمدە «ئەگەر سىز بۇنداق ئىش بولمىغان، دېسىڭىز ئۇنداقتا ماۋۇ شەخس ياكى ماۋۇ ۋەقەدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟» دېيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە، مانا بۇ ھەقىقەتەنمۇ مەيلى خەلق سوتىدا بولسۇن ياكى ھەقىقىي سوت بولسۇن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جاۋابكار بولغان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان سوتتا ھامان بىر كۈنى ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كۈچلۈك پاكىتنىڭ ئاساسىدۇر.

مۇخبىر: رەھمەت سىزگە.

سوفى رىچاردسون: سىزگىمۇ رەھمەت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.