قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىن 2018-يىلىدا تۇتقۇن قىلىنغان «كۇرسانت» لار ھەققىدىكى «ساقچى ھۆججەتلىرى» ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن بۇ يىل 24-ماي ئېلان قىلىنغانىدى. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتلەر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنىڭ باش قوماندانى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىمۇ مەزكۇر ھۆججەت ئارقىلىق ئېنىقلاپ چېقىلغان.
11-ئاۋغۇسىت كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ رەسمى تور بېتىدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنىت يېللېن (Janet Yellen) ۋە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن (Antony Blinken) غا يوللانغان بىر بىرلەشمە مەكتۇپ ئېلان قىلغان. مەزكۇر بىرلەشمە مەكتۇپقا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق 56 تەشكىلات ئىمزا قويغان بولۇپ، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئارقىلىق ئېنىقلانغان، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچلىق جىنايتى ئۈچۈن جازالىنىشقا تېگىشلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە بېكىتىلگەن ئەركىن تۇنىيازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويغانىدى. مەزكۇر مەكتۇپتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا جاۋابكار ئەمەلدارلار قاتارىغا جاۋ كېجى (خىتاينىڭ سابىق ج خ مىنسىتىرى)، ۋاڭ ياڭ، گو شېڭكۇن (مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى)، خۇ ليەنخې قاتارلىق كىشىلەرنىمۇ قوشۇشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىگىمۇ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ھۆكۈمەتلەر مۇناسىۋىتى ئىشلىرى دېرىكتورى كرىستىنا ئولنىي (Kristina Olney) خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى تۆنۈگۈن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى يېللېن ۋە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېنغا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايتى ئۈچۈن جازالىنىشقا تېگىشلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قېلىپ يازغان خېتىمىزنى ئېلان قىلدۇق. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن 56 تەشكىلات بىرلىشىپ ئەۋەتكەن بۇ خېتمىزنى تاپشۇرۋالغانلىق ھەققىدە جاۋاب خەت تاپشۇرۋالدۇق.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىغىمۇ جازا تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك، دەپ قارايمىز. كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› دە، بىر بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ھەققىدىكى مەخپىي بۇيرۇقلىرىنى ئېلان قىلدى. شۇڭا بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئاشۇ سىياسەتنى ئجىرا قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ۋە ئىجرا قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا دەرھال جازا تەدبىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلدۇق. بولۇپمۇ شى جىنپىڭنى ئۆز ئېچىگە ئالغان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارىتا چوقۇم جازا تەدبىرى قوللىنىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدۇق. مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ قاتارىدا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› سىياسىتىگە بىۋاستە بۇيرۇق بەرگەنلىكى ئاشكاىلاندى. ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› ئاشكارىلانغىنى 60 كۈندىن ئاشتى، قىرغىنچىلىققا قول تىققان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەققىدە ئىسپاتلار تولۇق. شۇنداقلا 2020-يىلى ماقۇللانغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى› نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلىرىغا ئاساسلانغاندىمۇ، شىنجاڭدىكى باستۇرۇشلارغا قارىتا جازا تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. شۇڭا بىز ئامېرىكا ھۆكۆمىتىدىن بۇ جازا تەدبىىرنى كېچىكتۈرمەستىن يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلدۇق.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى 24-ماي كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان قەبىھ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلەپ: «بىز شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ۋە سۈرەتلەردىن چۆچۈپ كەتتۇق. بۇ خەۋەرلەر شىنجاڭدىكى قەبىھ زوراۋانلىقنى كۆپلىگەن دەلىللەر بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسپاتلىدى،» دېگەنىدى.
مەزكۇر بىرلەشمە مەكتۇپقا ئىمزا قويغان 56 تەشكىلاتنىڭ بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قا بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان شى جىنپىڭنى ئۆز ئېچىگە ئالغان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازا تەدبىرى قوللىنىشى زۆرۈردۇر.»
ئاخىردا كرىستىنا ئولنىي خانىم ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ جازا تەدبىرلىنى قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭمۇ ئامېرىكاغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرىمىز. بىز غەربتىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ۋە شۇنداقلا غەربتىكى بارلىق كارخانىلارنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى جنايى جاۋابكارلىققا تارتىش سېپىگە قوشۇلۇشقا چاقىرىمىز. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى يولغا قويدى. كارخانىلار ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزەلمەيدۇ. ياۋروپانىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلارنى يولغا قويۇشىنى چاقىرىمىز، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ سەپكە قوشۇلۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقنى بىلدۈرۈشتى. كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.»
بىرلەشمە مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكانىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن قاتتىق جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئەگەر بېيجىڭ 1948-يىلدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» گە خىلاپلىق قىلسا، دۇنيانىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىدەك كۈچلۈك سىگنالنى بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.