ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ماگنىستىسكى قانۇنىي بويىچە جازالاشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

10-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ 150 نەپەر ئەزاسى «ئامېرىكانى كۈچلەندۈرۈپ، پۈتكۈل يەرشارىغا كەلگەن تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش» ناملىق 115 بەتلىك دوكلات سۇنۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى زەربە بېرىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، «خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك، سانائەت جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىش، خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك سىياسىي تەسىرى ۋە يالغان ئۇچۇر تەشۋىقاتىنى چەكلەش، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى چەكلەش، خىتاينىڭ يەرشارى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىگە چەكلىمە قويۇش، ھىندى-تىنچ ئوكيان دېڭىز رايونىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» قاتارلىق 5 تەبدىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىگە زەربە بېرىشتىكى بۇ 5 تەدبىرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى چەكلەش تەدبىرىدە، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بۇ سىياسىتىنىڭ پۈتكۈل يەرشارىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇنىڭدا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەلەپ قىلىنغان.

دوكلاتتا، يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىدىن، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىدىن خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، خوڭكوڭ-ماكاۋ ئىشلىرىغا مەسئۇل خەن جېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋۇ يىڭجې، خىتاي دۆلەت جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجى قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ماگنىستىسكىي قانۇنىي تەدبىرلىرى بويىچە جازالاش تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان بۇ دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر ئۈستىدىن باستۇرۇش يۈرگۈزۈۋاتقان ۋاڭ ياڭ، چېن چۈەنگوغا ئوخشاش خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېلىنغان «ئەمەلىي جازالاش تەدبىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئۆزىنىڭ بۇ دوكلاتنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇش مۇناسىۋىتى باشلانغانلىقىنىڭ ئەمەلىي قەدىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە، ئەگەر دوكلاتتىكى بۇ تەدبىرلەر ھەقىقىي ئەمەلىيلەشسە ئۇ چاغدا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش سىياسىتىگە قارىتا تەنقىدلەش، ئەيىبلەش بىلەنلا چەكلىنىدىغان ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇلارغا قارىتا ئەمەلىي جازالاش تەدبىرى قوللىنىش باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە دائىر ئۇچۇر خەۋەرلەرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاكتىپ يوللاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى، بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەخسى مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ خىل تەدبىرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاكتىپ ئىجراچىلىرى بولغان چېن چۈەنگوغا ئوخشاش ئەمەلدارلارغا ئەمەلىي زەربە بېرىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ھەمكارلىق رولىنى ئوينىغان خىتاي شىركەت-كارخانىلىرى دائىرىلىرىنىمۇ جازالاشنى نىشان قىلغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

روشەن ئابباس خانىم ۋە ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەر يەنە يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ياۋروپادىكى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرگىمۇ كېڭىيىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇلار خەلقئارا ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بۇ خىل ئومۇمىي قارشىلىق ۋەزىيىتى يارىتىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىمۇ بىر چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشتەك يېڭى ئۈمىدلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقى قاتارلىق ھەققىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.