ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چېن چۈەنگو قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارغا جازا ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۈگۈن، يەنى 9-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىدا ئاساسلىق رول ئالغان 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى. بۇ جازا تەدبىرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىزى ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىق 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارنى رايوندىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلغۇچى» دەپ بېكىتكەن. بۇ ھەقتىكى قاراردا يۇقىرىقى ئۈچ نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يۇقىرىقىلاردىن سىرت يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمدا رولى بار دەپ قارالغان باشقا خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كومىسسارى بولۇش ۋە بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. بۇ قارار كېچىكىپ ئىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى تىزگىنلەشتە مۇھىم بىر قەدەم بولدى.»

9-ئىيۇل كۈنى يەنە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۇن، ۋاڭ مىڭشەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خو ليۇجۈن قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى رايوندىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا رولى بار» دەپ بېكىتتى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىتىۋىن مىنۇچىن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ئامېرىكا مالىيە كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تۇرۇپ، شىنجاڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا ۋەدە بېرىدۇ،» دېگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ قارار ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ قارار خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلىمىشلىرىنىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.» نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە ياندىشىۋاتقان باشقا كۈچلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ سىياسەتلىرىنى قانداقتۇر ‹خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ› دەپ تەشۋىق قىلىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارمىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نەدە زۇلۇم بولسا، زۇلۇمغا ئۇچىرىغۇچىلارنىڭ يېنىدا بولىمىز. بۇ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە خەلقىئارا قانۇنلاردا ئىجرا بولۇۋاتقان بەلگىلىمىلەردۇر. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى كۆزقاراشلىرىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنڭ بىرلكتە، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى رەسمىي باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ. . . ئامېرىكا بۈگۈن شىنجاڭدىكى دەھشەتلىك ۋە سىستېمىلىق دەپسەندىچىلىكلەرگە قارشى ھەرىكەت قوللاندى. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەركىن ياشاش ھوقۇقىغا قىلغان زىيانكەشلىكلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىمىزگە ئورتاقلىشىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنى بىز بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىمىز.»

يۇقىرىقى بۇ قارار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ۋە ھەققانىيەتنى قوللىغۇچى دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنى ھەمدە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى سۆيۈندۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازلاش تەدبىرى قوللانغانلىقى ئادالەت ئۈچۈن بېسىلغان بىر چوڭ قەدەم. بىز پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ خىتايغا قارشى دادىل قەدەم ئىلىشقا چاقىرىمىز.»