بۇ يىلقى ئىسسىق ھاۋا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېنېرگىيەسىگە بولغان يۆلىنىشىنى تېخمۇ ئاشۇرىۋەتكەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونى بۇ يىل يازدا تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان قاتتىق ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، بايىنغولىن قاتارلىق بىر قىسىم جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 104 فارېنخايت، يەنى 40 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن. تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئايدىڭ كۆل رايونىدا تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گرادۇستىن ھالقىپ كەتكەن، قاتتىق ئىسسىق تاشقورغان قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردا كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى جايلارغا ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كەلكۈن ئاپىتى، تۇپراق قېيىش، مۇز قاتلاملىرىنىڭ تېز دەرىجىدە ئېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ تېشىپ كېتىشى ۋە بۇنىڭ يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

ھالبۇكى، بۇ يىل يازدا ھاۋانىڭ قاتتىق ئىسسىپ كېتىش ئەھۋالى ئۇيغۇر ئېلىغىلا خاس ئەھۋال بولماستىن خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ھادىسە بولۇپ، بۇ خىتايدا ئېلېكتىر توكىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرىۋەتكەن. ھەتتا خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدەك بەزى ھالقىلىق سانائەت رايونلىرى ئېلېكتىر توكىنى يىتىشتۈرەلمەي زاۋۇتلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان. قاتتىق ئىسسىق مەيلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچىدە بولسۇن ياكى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە بولسۇن، ئىشخانا، ئائىلىلەردە ھاۋا تەڭشىگۈچكە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق توك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر ئېلىكتىر ئىستانسىلىرىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن.

رايوندىكى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ ئېلېكتىر توكىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولغان كۆمۈر سەرپىياتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مەلۇم. ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇپوس ۋە ئىقتىسادىي جۇغراپىيە ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ئامېرىكادىكى مايامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پنسىيەگە چىققان پروفېسسورى ستانلېي تۇپسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياجىنى ئۇيغۇر رايونىدا كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇش ئارقىلىق قامداشتەك بۇ خىل ھەركىتى «ھالقىسىمان ئايلىنىش» نى پەيدا قىلغان.

پروفېسسور ستانلېي تۇپس 18-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى:«سىز سۇ ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلىتىپمۇ توك ئىشلەپچىقىرالايسىز. لېكىن سىز كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلسىڭىز، بۇ ھاۋانى تېخىمۇ ئىسسىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا خىتاي تېخىمۇ كۆپ زەھەرلىك كاربون گازى ئىشلەپچىقارغاچقا ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ كۆپ تۈرتكە بولىۋاتىدۇ. بۇ يالغۇز شىنجاڭغا تەسىر قىلىپلا قالماي، خىتاينىڭ شىمالىدىكى باشقا جايلارغىمۇ تەسىر قىلماقتا. چۈنكى شامال زەھەرلىك كاربون گازى پارچىلىرىنى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ ئۇچۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇ بىر ھالقىسىمان ئايلىنىشىدۇر.»

ستانلېي تۇپسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىدە تېخىمۇ كۆپ كۆمۈرگە تايىنىشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە ئىكەن. ئۇ، بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە ھاۋانىڭ تېخىمۇ ئىسسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ستانلېي تۇپس مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز ئېلېكتىر توكىنى سۇ ياكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىدىن ئىشلەپچىقارسىڭىز ياخشىراق. ئەمما تېخىمۇ كۆپ ئېلېكتىر توكى ئۈچۈن كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلسىڭىز، بۇ ئۇزۇن مۇدەتتە ھاۋانى تېخىمۇ ئىسسىتىدۇ. ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا، خىتاي كۆمۈرنى كۆپ يېقىلغۇ قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆمۈر سەرپىياتى ناھايىتى كۆپ. كۆمۈرنى پاكىزراق يېقىلغۇ قىلىش ئۈچۈن ئۇنى يۇيۇپ ئىشلىتىشىڭىز كېرەك. بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ سۇ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ مەسىلە.»

خوككوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەرقىي جۇڭغار ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانىنىڭ كۆمۈر قېزىش مىقدارى ۋە قېزىش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكى مەلۇم. خىتاي «پەن-تېخنىكا گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچىنىڭ 257 كىلومېتىر شەرقىي-شىمالىدىكى بۇ كۆمۈرلۈكنىڭ 390 مىليارد توننا كۆمۈر زاپىسى بارلىقى ۋە دائىرىلەرنىڭ كۆمۈر ترانسپورت قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ كۆمۈر زاپىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر كان ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكانىڭ ۋايۇۋمىڭ شتاتىدىكى شىمالىي ئانتېلوپ روشېل كۆمۈر كانىدىن 200 ھەسسە كۆپ بولۇپ، شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر كانىدىن ئۆتكەن يىلى 150 مىليون توننا كۆمۈر قېزىپ چىقارغان.

ئەنگىلىيەدىكى ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېننىدى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىىسى نىرولا ئەلىما، نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي جۇڭغار (جۈندۇڭ) ئىقتىسادى-تېخنولوگىيە تەرەققىيات رايونىغا ئورۇنلاشقانلىقى، ئولارنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرشتا كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نىرولا ئەلىما 18-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىز بايام ئېيتقان جۈندوڭ ئىقتىسادى رايونى، بىز دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى. بىز بىر تۈركۈم شىركەتلەرنىڭ بۇ جايغا ئورۇنلاشقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلار كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ، يېشىل ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ جايغا قانچە شىركەتنىڭ ئورۇنلاشقانلىقى توغرىلىق مەندە بىر سانلىق مەلۇمات يوق. ئەمما بىزنىڭ ئېلان قىلغان قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ھەققىدىكى دوكلاتىمىزدا جۈندوڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ھەم ئۇ يەردىكى بەزى شىركەتلەر كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. بىز مەخسۇس بىر بەتتە بۇ توغرىلىق توختىلىپ، قايسى شىركەتلەرنىڭ كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ، يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتۇق.»

لېكىن بېيجىڭدىكى «نۇر گېزىتى» (گۇاڭمىڭ رىباۋ) نىڭ بۇ يىل 6-ئايدا بەرگەن بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردا يەر كۆلىمى كۇۋەيتكە تەڭ كېلىدىغان شەرقىي جۇڭغار (جۈندوڭ) ئىقتىسادىي تېخنىلوگىيە تەرەققىيات رايونىغا 1200 دىن ئارتۇق كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە زاۋۇت ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ جايدىكى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدا كۈنىگە 300 گىگاۋات توك ئىشلەپچىقىرىلىپ، 3200 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتىكى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر لىنىيەسى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يوللىنىدىكەن.

شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېننىدى مەركىزىدىكى نىرولا ئالىمانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن توكنىڭ باھاسىنى ئەرزانلىتىشى، كۆمۈرنىڭ تېخىمۇ كۆپ سەرپ قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولماقتا ئىكەن. نىرولا ئەلىما مۇنداق دېدى :« بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆمۈر زاپىسى خىتاي كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدا كۆمۈر ئەرزان، ئېلېكتىر توكى ئەرزان، شۇنداقلا ئۇنىڭدا يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بار. بۇ رايوندا كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش نوقۇل كىلىمات مەسىلىسىگە چېتىلمايدۇ… شۈبھىسىزكى، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش ھاۋا كىلىماتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇر رايونى ئۈچۈنمۇ، خىتاي ئۈچۈنمۇ ۋە دۇنيا ئۈچۈنمۇ ياخشى ئەمەس.»

ھالبۇكى، پروفېسسور ستانلېي تۇپسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئ‍سسىپ كېتىشى تەڭرى تاغلىرىدىكى مۇز قاتلاملىرىنىڭ تېزدىن ئېرىپ كېتىشىنى، بۇ بولۇپمۇ ئۈرۈمچى، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردا سۇ مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ستانلېي تۇپس مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھاياتىمىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. كۆمۈرنى كۆپلەپ يېقىلغۇ قىلىش ھاۋانى ئىسسىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرۈشىنى تېزلىتىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشى تېزلەشكەنسىرى، بۇ مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىدۇ. دەريا ۋە قاناللارنىڭ سۈيى تېخىمۇ كۆپ پارغا ئايلىنىپ، يېزا-ئىگىلىككە سۇ يېتىشمەيدۇ. ئەگەر سىز پاختا، پەمىدۇر ئۆستۈرگەن بولسىڭىز، بولۇپمۇ پاختا ناھايىتى كۆپ سۇ تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بۇ بىر مەسىلە. تېرىغان بولسىڭىز ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ سۇ تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ تەڭرى تاغلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇز قاتلاملىرىنىڭ بىرى ئېرىشكە باشلىسا، بۇ ئۈرۈمچى، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردا سۇ يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ. جەنۇبنىڭ ئەھۋالى ھازىرچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى مۈمكىن، چۈنكى قارا قۇرۇم، قۇنجىراپ قاتارلىق جايلاردا سۇ بار. بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ جايلارمۇ چاتاق. شۇڭا، ھازىرچە ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار بۇنىڭ ئەڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئ‍ۇرايدۇ. چۈنكى بۇ جايغا نۇرغۇن سانائەت ۋە نۇپۇس جايلاشقان. قەشقەردە نۇپۇس كۆپ بولسىمۇ، بىراق سانائەت ئاز.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن خەلقئاراغا ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كونترل قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن كۆمۈر ئېلىكتىر ئىستانسىلىرىنى قۇرغان. «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» نامىدىكى بۇ قۇرۇلۇش 2010-يىلدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىشىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئايلانغان ئىدى. ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېننىدى مەركىزىدىكى تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىمانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەركىتى ئۇنىڭ كىلىمات ئ‍ۆزگىرىشىنى كونترول قىلىشتا سەمىمىي ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

نىرولا ئەلىما مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك ئەمەس. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغاندا يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىنى تەنقىدلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىق كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلماقتا. بۇنى ئەلۋەتتە قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىنى توختىتىش نىيىتى يوق، دېيىشىمىدىكى سەۋەب. ئۇلار غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىلىمات ئۆزگىرىشى، كىلىمات كرىزىسى، يەر شارىنىڭ ئ‍سسىتىپ كېتىشى دېگەنلەرنى كوزۇر قىلىپ قوللىنىپ كەلمەكتە.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، غەرب خىتاينىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنى توختىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ، بىراق بۇ ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. چۈنكى، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا كۈنسېرى كۆپلەپ كۆمۈر ئىشلەتمەكتە ئىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى بىلەن شەرقىي جۇڭغار يەنى جۈندوڭ ئىقتىسادى ۋە تېخنولوگىيە تەرەققىيات رايونى ئارىسىغا يېڭى تۆمۈريول ياتقۇزغان بولۇپ، 257 كىلومتېرلىق بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى يېقىندا پۈتۈپ، كۈمۈر توشۇشنى باشلىغان. خەۋەردە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇ كۆمۈرلۈكنىڭ تۆمۈيول ترانسىپورت ئىقتىدارىنى بىر ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.