خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا «خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنى ئاچقان. يىغىندا شى جىنپىڭ مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بۇ دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىش، ئىككى تەرەپ سودىسىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىسرائىلىيە-خاماس كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرۇلۇق مۇزاكىرىلىشىدىكەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىدا 28-ماي ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىغىندا غەززەدىكى ئۇرۇش كىرىزىسى ۋە پەلەستىن مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولىدىكەن. ئىسرائىلىيە-خاماس ئۇرۇشىدا، بايدېن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنى قوللىغانلىقتىن، خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن يۈزمۇ يۈز كۆرۈشۈپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ ماسلىشىش خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىدىكەن ھەمدە يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ بېرىدىكەن.
خىتاي-ئەرەب ھەمكارلىقى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى مۇھىم نۇقتىسى يەنىلا ئىقتىساد بولۇپ، «بلومبېرگ خەۋەرلىرى» دە بېرىلگەن مەلۇماتقا كۆرە، «خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنى ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېڭ لى يېقىنقى 20 يىلدا ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان سودىنىڭ ئون ھەسسە ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دۇنيانىڭ خوجىسى بولۇشقا ئۇرۇنماقتا، شۇڭا ئۇ ئوتتۇرا شەرقنىمۇ بۇنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. نۆۋەتتە خىتاي جەنۇبىي يېرىم شارغا كۆز تىكىپ، خىتاي زاۋۇتلىرىدىن چىققان مالنى دۇنياغا تۆكمە قىلىپ سېتىشنى ھەمدە خىتاي ماللىرىنى كىرگۈزمەيۋاتقان ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادىن تارتىۋاتقان زىيانلىرىنى تولدۇرۇشنى كۆزلىمەكتە. شى جىنپىڭ ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسىنى ھەل قىلالمىدى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىستېمال كۈچىنى ئاشۇرالمىدى. بۇ ئەھۋالدا ئۇ ئەرەب دۇنياسىغا مال ئېكسپورت قىلىشقا موھتاج» .
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» دە چىققان ماقالىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان شەرقىي ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن تەڭ مەنپەئەت ئېلىشقا، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» غا كىرىپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي-ئەرەب ھەمكارلىقى يىغىنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئەرەب ئەللىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىشنى كۆزلەيدىكەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» دە چىققان ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورناتقان دۆلەتلەر ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى خىتاي بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. خىتايغا نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى نېفىت بولۇپ، خىتاي خام نېفىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىمپورت قىلىدىكەن.
ئومۇمىي سودىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ شېرىككە ئايلانغان دۆلەت بولۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن؛ 2022-يىلىنىڭ ئاخىرى، خىتاينىڭ بىۋاسىتە مەبلىغىدىن تەخمىنەن 12 مىليارد دوللار كىرىم قىلغان.
مىسىر بولسا، خىتايدىن مەبلەغ كىرگۈزۈشنى كۆپەيتىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، خىتاينىڭ 1-ئاپتوموبىل سانائىتى گۇرۇھى مىسىردا توكلۇق ماشىنا ياساش تارماق زاۋۇتى قۇرىدىكەن. شىۋېتسارىيە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ مۆلچەرىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشى 2030-يىلغا بارغاندا يەر شارى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى سودا مىقدارىنى 400 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرىدىكەن.
خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى سودىسى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سىياسىي تەسىرىنىمۇ كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، 2022-يىل ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ رەقىبلەردىن بولغان بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننى ياراشتۇرۇپ قويغان بولسا؛ 2024-يىل 4-ئايدا، پەلەستىندىكى كونا رەقىبلەردىن بولغان خاماس بىلەن فاتاخ كاتتىباشلىرىنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 30-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ «خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە غەززەدىكى ئۇرۇشنى كۆپ تىلغا ئېلىپ، «خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. بۇ ھەمكارلىق ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق، ئادالەت ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق بەرپا قىلىپ، توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق» دېگەن.
گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان رەزىل كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ تىنچلىققا موھتاج، ئەمما ئۇ باشقىلارنى ئۇرۇشقا سېلىپ دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى بۇزماقتا. جۈملىدىن ئۇ 2023-يىل 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قوللىدى. ئەمدى ئۇ ئۆزىچە تىنچلىقنى قوللىغۇچى بولۇۋالدى. خىتاينىڭ دوستلىرى پەقەت خىتايلا خەلقئارا تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇنى ئەڭ باشتا بۇزغانمۇ خىتاي دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، خىتاي تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئىسرائىلىيەمۇ خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى بولغان ئىراننى قوللايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. بۇ ھالدا خىتاي ئىسرائىلىيەنىڭمۇ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ» .
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك تەسىرى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ئاساسلىق رول ئويناپ كەلمەكتە ئىكەن. ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن يېڭى مۇداپىئە كېلىشىمى تۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتا سەئۇدى ئەرەبىستاندەك دۆلەتلەرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقچى بولغان.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرەب دۇنياسى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئىقتىساد جەھەتتە يەنىلا غەرب دۆلەتلىرىگە تايىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى شىركىتى G42 يېقىندا خىتايدىن ۋاز كېچىپ، ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشۇلغان بولۇپ، مىكروسوفت شىركىتى بىلەن 1. 5 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىغان. سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا 100 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، ئامېرىكانىڭ تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇمغا كۆز يۇمغان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە خىتاي ئاجىزلاشقان ھامان ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.
گوردون چاڭ ئەپەندى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ قېتىم قايسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق تاللىدى، شۇڭا ئۇ ھەرگىز تىنچلىقنى قوغدىغۇچى بولالمايدۇ. ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەردىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئىنتايىن شەرمەندە بىر ئىش. ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينى داۋاملىق قوللىماقتا، تارىخ ئۇلارنىڭ بۇ نومۇسسىز تاللىشىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ».