فرانكى ئا. مايار: «خىتاي غەربنىڭ ئەڭ ناچار دۈشمىنى»

0:00 / 0:00

شىۋېتسارىيەلىك ژۇرنالىست فرانك ئا. مايار خىتاينى «غەربنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ دۈشمەن» دەپ ئاتىدى.

شىۋېتسارىيەلىك پېشقەدەم ژۇرنالىست فرانك ئا. مايار (Frank A. Meyer) 20-ئاۋغۇست شىۋېتسارىيەدىكى «نەزەر» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينى «غەربنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ دۈشمەن» دەپ ئاتىغان بولۇپ، 22-ئاۋغۇست «گېرمانىيە ئاۋازى» قاتارلىق تاراتقۇلار بۇ زىيارەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى «خىتاي غەربنىڭ ئەڭ رەھىمسىز دۈشمىنى» دېگەندەك ناملاردا كەڭ تۈردە كۆچۈرۈپ تارقاتتى. «نەزەر» تېلېۋىزىيە قانىلى بولسا بۇ فىلىمنى «فرانك ئا. مايار ئىقتىسادىي جازا ھەققىدە توختالدى: ئەركىنلىك ئەڭ زور قىممەتتۇر» دېگەن تېما ئاسىتىدا ئېلان قىلغانىدى.

ژۇرنالىست فرانك ئا. مايار 1944-يىلى شىۋېتسارىيەنىڭ بىننە شەھىرىدە تۇغۇلغان، «نەزەر» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئوبزورچىسى، سىياسىي ئانالىزچىسى، ئىستراتېگىيە يېتەكچىسى ۋە شىۋېتسارىيەدىكى ئەڭ چوڭ نەشرىيات بولغان «Blik Le Tempis» نىڭ ئاخبارات مەسلىھەتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان، خىتاي ۋە ئۇنىڭ باش كۆتۈرۈشى توغرىسىدا كۆپلىگەن نۇتۇقلارنى سۆزلەپ تونۇلغان بىر زىيالىي ئىكەن.

فىلىمدا ئىپادە قىلىنىشىچە، «نەزەر» تېلېۋىزىيە قانىلى فرانك ئا. ماياردىن غەرب دۆلەتلىرى بېلارۇسىيەدىكى مۇستەبىتلىككە قارشى قانداق تەدبىر قوللانسا ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىغان. فرانك مايار بولسا «غەرب دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك جازا قوللىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىنى قوغدىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەرگەن ھەمدە سۆھبەت تېمىسىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈپ بىرقانچە مەسىلىنى تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي ھاكىمىيىتى ئەنگلىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمدە ئۈستىگە ئالغان قىممەت قاراشلىرىنى دەپسەندە قىلدى. غەرب ئەللىرى بۇنىڭغا قارىتا چوقۇم ئىنكاس قايتۇرۇشى، يالغۇز ئىقتىسادىي جازا بىلەنلا چەكلەنمەي، دىپلوماتىيە جەھەتتىنمۇ جازا يۈرگۈزۈشى كېرەك.»

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭمۇ قوغداشقا تېگىشلىك قىممەتلىرىمىز بار. بۇ قىممەتلەر يالغۇز غەربلىكلەرنىڭلا قىممىتى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىمىز لازىم. ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قىممىتىدۇر. سىز مەيلى بېيجىڭدا، موسكۋادا، نيۇ-يوركتا، پارىژدا ۋە مەيلى بېرلىندا تۇغۇلغان بولماڭ، بۇ قىممەت ھەممىگە ئورتاق بولغان ئىنسانىيەتنىڭ قىممىتىدۇر.»

فرانك ئا. مايار يەنە شۇلارنى تىلغا ئالىدۇ: «دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا دونالد ترۇمپغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى. ئەمما خوڭكوڭدىكى نامايىشقا ۋە ئۇ يەردىكى تۇتقۇن قىلىنغان ياشلارنىڭ مەسىلىسىگە ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمىدى. ھېچبىر دۆلەت، بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشاش تەكەببۇر دۆلەتلەر نامايىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشنى خالىمايدۇ. قىزىقارلىقى، بىز نامايىش ئارقىلىق مەلۇم تەسىر پەيدا قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنغان چېغىمىزدا ئەگەر خىتاينى نىشان قىلغان بولساق، بەزىلەر ‹بۇنداق قارشىلىقنىڭ پايدىسى بارمۇ؟› دەپ سورىشى مۇمكىن. مېنىڭچە چوقۇم پايدىسى بار. خىتايلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىدا رەسۋا بولۇشنى ھەرگىز ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق قارشىلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم».

فرانك ئا. مايار سۆزىدە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: «خىتاي بولسا ئەركىن غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ئەڭ زور، ئەڭ رەھىمسىز دۈشمەن. يەنە كېلىپ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرى روشەن بولغان ئەڭ ناچار دۈشمەن، چۈنكى ئۇ بىر ۋەھشىي مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقتۇر. خىتاي ھاكىمىيىتى ئىستالىن بىلەن سىفىرلاشتۇرۇلغان نازارەتنى ئورتاق بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلقىنى دىگىتال ( سىفىرلاشقان) نازارەت بىلەن ئىدارە قىلماقتا. ئىستالىن ئادەم ئەۋەتىپ نازارەت قىلاتتى، بۈگۈنكى خىتاي بولسا پۈتكۈل خەلقىنى سىفىرلىق نازارەت ئاستىغا ئېلىپ بولدى. ھالبۇكى، بىز بۇلارغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماقتىمىز.»

ئەمما فرانك ئا. مايار سۆزىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق نازارەت سىستېمىسى، رەھىمسىزلىكى، قاتتىق قول سىياسىتى توغرىسىدا كۆپ توختالغان بولسىمۇ ھەمدە خىتاينىڭ ئەركىن دۇنيا ئۈچۈن كۈنسېرى ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسى بەربات بولغاندىن كېيىن نۆۋەتنىڭ تەيۋەن´گە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا توختالمىغان. بىراق ئۇ خىتاينىڭ ئەينى زاماندىكى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلغۇم يوق. ئەينى زاماندا ناتسىستلار يولغا قويغان سىياسەتنى ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلماقتا. گېرمانىيە بولسا بۇ مۇستەبىت دۆلەتكە ماشىنا ئىشلەپ چىقىرىپ ھەدىيە قىلماقتا. گېرمانىيە قاچانغىچە ئۇلارنىڭ ئاغزىغا ئاش سالىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل ھەمكارلىقى ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ.»

ئۇنىڭ تېلېۋىزىيە نۇتىقىغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرگەن مىخائېل شارېر مۇنداق يازىدۇ: «ھالقىلىق نۇقتا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىدى، ئۇ بۇ ھەقتە توختالمىغان. ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› پروگراممىسى بىزنى خىتاينىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا تاشلايدىغان يەمچۈكتۇر. خۇئاۋېي بولسا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىدۇر. بىز ئۇنىڭ غەربلىكلەرنى تىزگىنى ئاستىغا ئېلىش قورالى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىشىمىز لازىم. خىتاي ھاكىمىيىتى نامرات دۆلەتلەرگە مىلياردلىغان دوللارنى قەرز بەرمەكتە. بۇ پۇللارنى ئۇلارنىڭ مەڭگۈ قايتۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ بولسا نۆۋەتتىكى دۇنيا ئۈچۈن قۇرۇلغان يەنە بىر قاپقان. قەغەز پۇلنىڭ سىفىرلاشتۇرۇلۇشى دوللارنى ئىستېمالدىن سىقىپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي بازارنى خالىغانچە ئەركىن-ئازادە كونترول قىلىدۇ. بىز كەلگۈسىدە بۇ دۆتلىكىمىزنىڭ بەدىلىنى ئېغىر ئۆتەيمىز، ھېلىمۇ تۆلەۋاتىمىز.»

كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ زىيارەت فىلىمىگە ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، بەزىلەر شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ئالىدىغان مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ «بىتەرەپ كېلىشىم» ئىمزالىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي خەۋپىنى تولۇق ھېس قىلىپ يېتەلمىگەنلىكىنى، بۇنداق كېتىۋەرسە دۆلەتنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرگە قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇشقان.