گېرمانىيەلىك مۇخبىر ماسىياس بولىنگېر (Mathias Bölinger) نىڭ بىرنەچچە يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان «يۇغۇرى تېخنىكىلىق گۇلاگ: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرى» (Der Hightech-Gulag: Chinas Verbrechen gegen die Uiguren) ناملىق ئەسەر 2023-يىلى 16-فېۋرالدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگىرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى غەرب ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ھالدا ئايان بولدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە قايتا قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق يوق قىلىشنى كۆزلىگەن بۇ زور لايىھىنىڭ دەسلەپكى ئەمەلىي قەدەملىرىنىڭ 2000-يىللاردىلا باشلانغانلىقى، شۇ ۋاقىتلاردىكى «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇش ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» دېگەن نامدا ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان باھالىق ئىشلەمچى قىلىپ ئەۋەتىشنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىكى ئىككى مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكى تەپسىلىي شەرھىلەندى. لاگېرلار بولسا دەل ئەنە شۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە باشلانغانىدى.

قىرغىنچىلىققا چىرماشقان «شادىمانلىق ساماسى»
ئاپتور ئەسەردە نۇقتىلىق بايان قىلغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق لايىھىسىنىڭ قانداق بولۇپ تېز قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. تارىختىكى مۇستەملىكىچىلىك سىستېمىلارغا ئوخشاش خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى غايەت زور ساندا ئىشسىز ۋە نامرات بولۇش تەقدىرىگە گىرىپتار قىلغان. كېيىنچە بولسا بۇ خىل ئىشسىز ياشلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي خەۋپ دەپ قارالغان. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان چۈشەنچىسىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى 5-ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن بىر بالداق يۈكسەلگەن. بولۇپمۇ گۇاڭدوڭنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى خىتاي ئاممىسىنىڭ شۇ جايدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا ئەرزان باھالىق ئىشچى بولۇپ يۆتكەلگەن دېھقان ياشلىرىغا كەلكۈندەك باستۇرۇپ كېلىشى، ئۇيغۇر ئىشچىلار تاياق يەپ ئۆلۈۋاتقان نەق مەيداندا خىتاي ساقچىلارنىڭ بەخىرامان قول قوۋۇشتۇرۇپ تاماشا كۆرۈشى، 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرگىنىچە ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغاندا بۇنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلمىغان ھالەتتىمۇ ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا خەۋپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرلارغا ھېس قىلدۇرغان. گەرچە شۇ كۈندىكى ۋەقەدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە «197 خىتاي پۇقراسىنىڭ تاياق يەپ ئۆلگەنلىكى» ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، كېيىنچە بۇلارنىڭ «قىساسى» بەكمۇ قىممەت توختىغان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەرياندا بىرەر مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالمىغان، ئەكسىچە تېزدىن چەتئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نى بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى لايىھەلىگۈچىسى، دەپ ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «تېررولۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى ۋە «قاتتىق زەربە بېرىش» تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا زادى قانچە ئۇيغۇرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شۇ ۋەقەگە باغلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى نامەلۇم ھالدا قېلىۋەرگەن. ئەنە شۇ تەرىقىدە لاگېر سىستېمىسى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار مىڭلاپ قاماقخانىغا توپلىنىۋەرگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىزمنى دەستەك قىلغان ھالدا خەلقئاراغا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى «دۈشمەن كۈچلەر» قاتارىدا تەسۋىرلەشنى باشلىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنى ئەڭ چوڭ گۇلاگ ماكانىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىي ھاسىل بولغان.
ئاپتور ئالاھىدە دىققەت قىلغان يەنە بىر قىزىقارلىق ھادىسە شۇ بولغانكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇق ۋە باستۇرۇش سىياسىتى 1950-يىللاردىن بۇيان ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، بىر قاتلاملىقتىن كۆپ قاتلاملىققا، بىر ساھەدىن كۆپ ساھەگە يۈزلەنگەن. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ھال قىرغىنچىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى نامايان قىلغان. ئەمما بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنى «شادىمانلىق ئۇسسۇلى» غا تەشكىللەش ئارقىلىق بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختىيار تۇرمۇشى» غا «ئىسپات» قىلىش خاھىشى قىلچە ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلغان. لاگېر سىستېمىسى ئەڭ يۇغۇرى پەللىگە چىققان 2018-2020 يىللىرى ئارىلىقىدا ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە كەلگەنلەر «قىرغىنچىلىق» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ «خۇشاللىق ئىچىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقى» نى ھەممىلا جايدا كۆرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىنچىلىق ھەققىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىشتا ھەرقاچان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈۋاتقانلىقى» نى مۇھىم دەستەكلەرنىڭ بىرى قىلىپ كەلگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئاپتور ماسىياس بۆلىنگېر مۇنداق دەيدۇ.
«شۇنداق. بۇنى بەكمۇ قىزىقارلىق بولغان بىر ھادىسە، دېيىش مۇمكىن. چۈنكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋاقىتلاردىن باشلاپلا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ھەرقاچان ناخشا-ئۇسسۇلغا جور بولغان ھالدا كۆزگە چېلىقىپ كەلدى. بۇ ئەھۋال يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا شۇنداق بولغان ئەمەس. قارايدىغان بولساق خىتاينىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى يۈننەن ئەتراپىدا ياشايدىغان مىللەتلەر، تىبەتلەر بىردەك ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن مۇجەسسەملەنگەن ھالدا تەسۋىرلىنىپ كەلدى. گەرچە بۇ خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى خىتاي ئۈچۈن ھەرقاچان تەھدىتتىن بېشارەت بولۇپ تۇيۇلسىمۇ، ئەمما بۇ خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان ئۇسسۇل ئۇنداق بولمىدى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەقەللىيسى بۇ خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتى ھەرقاچان خىتاي ئۈچۈن خەتەرلىك ساھە بولۇپ كەلدى. ئەمما ئۇسسۇلدا بۇنداق ئامىللار مەۋجۇت بولمىدى ياكى باشقا ساھەگە ئوخشاش ئۇنچىلىك خەتەرلىك بولمىدى. شۇنىڭدەك بۇ خىل ئۇسسۇللارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشى كەمدىن-كەم كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئامىلدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى ئۇسسۇلغا سېلىشنى ئىزچىل داۋام قىلدۇردى. بۇنىڭدا بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالمىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ قانداق قوغدىلىۋاتقانلىقىنى پەش قىلغىلى بولىدۇ، يەنە بىر ياقتىن خىتاي خەلقىگە بۇ ماكاننى ‹شادىمانلىق دۇنياسى› شەكلىدە تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولىدۇ. قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇلى خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا ھېچقانچە سالماقلىق توسۇق بولالمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىلا نەرسىسىنى چەكلىگەن خىتاي ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى چەكلىمىدى».
تارىخنىڭ ئىككى ئۇچىدا: ئوخشىمىغان گۇلاگلار
ئاپتور ئەسەردە يىپ ئۇچى قىلغان بەزى شەخسلەرنىڭ كەچمىشلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە دائىر نازۇك ساھەلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن يورۇتۇپ بېرىدۇ. شۇ خىلدىكى دېتاللارنىڭ بىرى ئىلھام توختى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېيىش مۇمكىن. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇۋەلى ئايۇپ زامانداش ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوخشاش يازغۇچى ياكى شائىر بولۇش ئىستىكىدە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەندە ئىلھام توختى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئاڭلاپ «بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئەمەس، بەلكى سىياسىيونلار ياكى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دۇنياسى» دېگەن. كېيىنچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغاندا ئۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي شوۋېنىزىمى بىلەن يۇغۇرۇلغان سىياسەتلەردە ئىكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە ئاشۇ خىلدىكى پىكىرگە مايىل بىرمۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئامان قالمىغان. سىياسىي ياكى ئىقتىساد ساھەسىگە يۈرۈش قىلىش ئارزۇسىدا بولغانلىكى ئۇيغۇر ئۆزىنى لاگېردا كۆرگەن.

ئاپتور مۇشۇ خىل رېئاللىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلار قامالغان لاگېرلار بىلەن ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلارنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن سېلىشتۇرىدۇ. شى جىنپىڭ شۇ قاتاردا خىتاي كادىرلارغا سۆز قىلغاندا ئېيتقان «تەربىيەلەشتىن چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى داۋاملىق تەربىيەلەش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلۇغ جۇڭخۇا كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى بارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق چۈشەنچە قاتارىدا سىڭدۈرگىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزلەر ماھىيەتتە ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلار بىلەن 20-ئەسىردىكى گۇلاگ ياكى لاگېرلارنىڭ پەرق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتتى.
«مېنىڭچە بۇ لاگېرلار ئوتتۇرىسىدا يەنىلا كۆپلىگەن پەرقلەر بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلار قامالغان لاگېرلار ئەمەلىيەتتە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان زاۋۇتقا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭدا تۇتۇپ كېلىنگەن يەھۇدىيلار لاگېرغا قامىلىدۇ ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي توپ-توپى بىلەن قىرىپ تاشلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى دەرۋەقە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. ئەمما ئۇلارمۇ كېيىنچە ئۆلۈم خەۋپىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. دېمەكچىمەنكى، ناتسىستلارنىڭ مەقسىتى يەھۇدىيلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىۋېتىش بولغان. يەنە كېلىپ ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم يەھۇدىيلار ناتسىستلارنىڭ كونتروللۇقى يەتمىگەن جايلاردىن باشقا جايلارغا قېچىپ كېتىشكە ئىلاج قىلالىغان. ئەمما ھازىرقى باسقۇچتا خىتاي كومپارتىيەسى قىلىۋاتقان ئىشلار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمۇ قىرغىنچىلىق، دەپ قارىلىۋاتقان بىلەن ئۇلار مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش، تېببىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش دېگەندەك چارىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تەدرىجىي ئازايتىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭ دەلىللىرىنى كەڭ-كۇشادە كۆرمەكتىمىز. شۇڭا ھازىر بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى بىراقلا قىرىپ تاشلاش ئورنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، ئۇلارغا خىتاي كىملىكىنى سىڭدۈرۈش شەكلىدە ‹قانۇنغا بويسۇنىدىغان ئىنسانلار› قىلىپ ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھازىر بۇ لاگېرلاردا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەر ئاز ئەمەس. بۇنىڭمۇ ئىسپاتلىرى يېتەرلىك. شۇڭا بۇ ئىشلارنى ھەممىلا كىشى مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ قەبىھ جىنايەت، دەپ قاراۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ لاگېرغا قامالغانلار مەلۇم ئېتنىك تۈركۈمگە مەنسۇپ كىشىلەر بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشلار ‹قىرغىنچىلىق› دەپ قارىلىۋاتقان بىلەن ناتسىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن پەرقلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە».
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بىر قىسىم «قەتئىي مەخپىي» ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «تۆت مىليون گۇمانلىق» ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، بۇ ساننى «تەربىيەلەش» نىڭ قانچىلىك نىسبەتتە ئومۇملاشقانلىقى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئادريان زېنزغا ئوخشاش لاگېرشۇناس ئالىملار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشلىرىنى «ئاستا سۈرئەتلىك قىرغىنچىلىق» دېگەن تەسۋىردە خۇلاسىلەپ كەلمەكتە.