ئافغانىستان-تاجىكىستان چېگراسىنىڭ بىر قىسمىنى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قوغداۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمومالى راخمون كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا. 2017-يىلى 31-ئاۋغۇست، بېيجىڭ.
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمومالى راخمون كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا. 2017-يىلى 31-ئاۋغۇست، بېيجىڭ.
AFP

خىتاي-تاجىكىستان مۇناسىۋىتى كۆرۈنۈشتىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان چېگراسىنىڭ خېلى زور بىر قىسمىنى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى قوغدايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 18‏-ئىيۇن ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تاجىكىستان چېگرا بىخەتەرلىكىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقى سىر بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ بۇنچىلىك كەڭ ۋە چوڭقۇر ئىكەنلىكى قىياس قىلىنىپ باقمىغان ئىكەن.

چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ يىل 3‏-ئايدا خىتاينىڭ تاشقورغان ناھىيىسىگە قوشنا تاجىكىستان چېگراسى ئىچىدىكى ۋاخان كارىدورىغا چىقىدىغان بىر ئىستراتېگىيىلىك ئورۇندا ھەربىي بازا قۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، تاجىكىستاننىڭ بازائى گونباد رايونىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھادىسە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان.

ھالبۇكى، «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 18‏-ئىيۇن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا 2015- ياكى 2016‏-يىلى ئىمزالانغان بىر مەخپىي كېلىشىمگە ئاساسەن، تاجىكىستان بېيجىڭغا «تاجىكىستان-ئافغانىستان چېگراسىنىڭ تاجىكىستان تەرىپىگە 30 ‏-40 تەك قاراۋۇلخانا قۇرۇش ياكى بۇرۇنقى قاراۋۇلخانىلارنى يېڭىلاش ھوقۇقى بەرگەن». 

بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاتتىق كۈچەۋاتقان بىر مەزگىلدە ئاشكارىلاندى. ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تاجىكىستاندا ھەربىي بازا ۋە قاراۋۇلخانا قۇرۇشى ئۇنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ 19‏-ئىيۇن كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ھازىر بۇ ئىشنى قىلىشىدىكى يەنە بىر كونكرېت سەۋەبى ئۇنىڭ ئاتالمىش ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› چوڭ ئىستراتېگىيەسىدۇر. ئۇ بىر بەلۋاغ بىر يولنىڭ ئىنتايىن قالايمىقان ۋە بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ تاشقىرىغا كېڭىيىش مەقسىتىدىكى بۇ ئىستراتېگىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق يوقىتىش ياكى ئازايتىش مەقسىتىگە كەلگەندەك قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم چىقىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدۇر». 

لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ تاجىكىستاندا قوشۇن تۇرغۇزۇشى «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى ۋە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇر دىيارىنى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئومۇمىي پىلانىنىڭ ھالقىلىق نۇقتىلىرىدىن ئىكەن. قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «تاجىكىستاننىڭ بۇ يەرنى قوغدىشى قولىدىن كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەرنى ئۇلارغا بەرگەن. خىتاي بۇ يەردە ئافغانىستاندىن كېلىدىغان تەھدىتنىڭ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدى ئېلىش. خىتاي كېيىنكى ئىككى يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا مىسلى بولمىغان بىر ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ ھەممە ئىشنى بىر ۋاقىتتا قىلىشقا قوپقاندەك قىلىدۇ. مەنمۇ ئويلىغان، ئۇ بىر يول بىر بەلۋاغدىكى يولنى ھىمايە قىلىدۇ، دەپ. لېكىن ئەمدى ئۇنداق ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تۇتاش. بېيجىڭنىڭ مەقسىتى خىتاي مەدەنىيىتىنى دۇنيادا ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا چىقىرىشتۇر. شۇڭا، تاجىكىستاندا قوشۇن تۇرغۇزۇش دېگەنلەر چوڭ ئىستراتېگىيەنىڭ ئېلېمېنتلىرىدۇر». 

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، تاجىكىستان قىسقا مۇددەتلىك بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشىغا يول قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇزۇن مۇددەتتە تاجىكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئىقتىسادىي سىڭىپ كىرىشتىن باشقا مانا ئەمدى رەسمىي قوراللىق كىردى. بۇنى تاجىكىستان ئەمدى ھەرگىز قوغلاپمۇ چىقىرالمايدۇ. چىقىرىمەن دېسىمۇ، ناھايىتى تەس. بۇنى خەلقئارادا ب د ت ئارقىلىق چىقىرىمەن دېسە، بۇ مەخپىي بولۇۋاتقان ئىش بولغاچقا ب د ت مۇ ئارىلاشماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئىش. سىرتقى كۆرۈنۈشتە بىر بەلۋاغ بىر يولنى ھىمايە قىلىمىز دېگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما پۈتۈنلەي كىرىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بۇ دۆلەتلەر ئۆزلىرىمۇ ئۇقماي قالىدۇ، سىياسىي مۇستەقىللىقىنى قانداق يوقىتىپ قويغانلىقىنى.» 

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، بىر تاجىكىستان ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇ: «كېلىشىمدە، بېيجىڭ تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان چېگراسىدىكى قوراللىقلارنىڭ تاجىك زېمىنىغا سۇقۇنۇپ كىرىشىنى توسالمايدۇ، دەپ قارىغان خېلى زور بىر قىسىم تاجىكىستان چېگراسىنى قوغداشنى خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. بۇ ئەمەلدار: «تاجىكىستاننىڭ بىر قىسىم چېگراسى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن ئۆز ئالدىغا چارلاش ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن. لېكىن «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خىتاينىڭ ئافغانىستان-تاجىكىستان چېگراسىدا قاراۋۇلخانا قۇرۇپ، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بۇ جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرىمۇ خىتاينىڭ تاجىكىستاندا ھەربىي بازا قۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى «توغرا ئەمەس» دەپ رەت قىلغان ئىدى. 

چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربىي كۈچى ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرۇشى ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ، ئەگەر خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، ئىقتىسادى چېكىنىشى تېزلەشسە، ئۇنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنىڭ سۇغا چىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېن كۇيدې مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، بىر مەزگىل ئىچىدە، بەلكى كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە، خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ئىختىلاپىدا قانچىلىك تېز ئارقىغا چېكىنىدۇ، شۇنىڭغا باغلىق. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇ بۇ مەزگىل ئىچىدە مەيلى ئىقتىسادى جەھەتتە بولسۇن ياكى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن چوقۇم ئارقىغا چېكىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ چېكىنىشى تېز بولسا ئۇنىڭ باشقا تاللاش يولى قالمايدۇ. ئەگەر ئاستىراق بولسا ئۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ قېلىپ قالغان كۈچى بىلەن بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىدىكى بەزى تۈرلەرنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن.» 

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن تاجىكىستاننىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان دىجىتال نازارەت سىستېمىسىنى تاجىكىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىشى ھەققىدىكى بەزى ئەندىشىلەرنىمۇ پەيدا قىلماقتا ئىكەن. بۇ مەسىلە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىجىتال تەقىبلەشكە ئىزچىل قارشى تۇرۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى دىجىتال تەقىبلەش تېخنىكىسىنى سىناق قىلىدىغان بىر تەجرىبە مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەن. 

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى» نىڭ خەۋىرى 14‏-ئىيۇن كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن، شۇنىڭدەك 15‏-ئىيۇن كۈنى تاجىكىستاندا 5-نۆۋەتلىك «ئاسىيادا ئۆز ئارا ئالاقە ۋە ئىشەنچ مېخانىزمى قۇرۇش يىغىنى» چاقىرىلىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىندى. دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىندا ئىمام ئېلى راخمان بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» قا كېلىشكەن. ئىككى تەرەپ يىغىن ئارىلىقىدا ئون نەچچە خىل كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى.

تولۇق بەت