شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نەبىجان ئەلانىڭ تەشكىللىشىدە سۈرەتكە ئېلىنغان «قايتىش» ناملىق قىسقا ھېكايە فىلىم «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» خاتىرە كۈنىدە، يەنى 12-نويابىردا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
بۇ فىلىمدا گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئادىل ئىسىملىك بىر ياشنى ۋەتەندىكى ئائىلىسى خىتاي ساقچى كۈچلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ۋەتەنگە كېلىپ «تۇغقان يوقلاش» قا چاقىرىشى، بۇ ياش ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن ۋەتەندە كۆرگەن ساختا سەھنىلەر، بۇ ياشنىڭ ئۆيىدىكى ساختا تۇغقانلار، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئائىلىدىكى ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتنى نازارەت قىلىدىغانلىقى ئەستايىدىللىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
«قايتىش» ناملىق بۇ فىلىمنىڭ سېنارىيەسىنى نەبىجان ئەلا يازغان بولۇپ، فىلىمنىڭ رېژىسسورلۇقى تۈرك تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ رېژىسسورلۇقىنى قىلىۋاتقان داڭلىق رېژىسسورلارنىڭ مەسلىھەتى ۋە ياردىمىدە تاماملانغان. فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا تۈركىيەدىكى بەزى ئارتىسلار فىلىمدىكى «ئانا» رولىغا چىقىشنى رەت قىلغاچقا، ئامالسىزلىقتىن «ئانا» رولىنى «سىڭىل» رولىغا ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ فىلىم نەبىجان ئەلانىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرىتىگە تەقدىم قىلغان ئىككىنچى فىلىمى بولۇپ، بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن تارقىتىلغان «خورلانغان ۋىجدان» ناملىق فىلىمىمۇ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەبىجان ئەلا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ فىلىمنى ئىشلەش نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ فىلىمدا باش رول ئالغان ۋارىس سەرگەز نۆۋەتتە تۈركىيەدە كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىدە ئىشلەۋاتقان ياش بولۇپ، گوللاندىيەدىن ئۈرۈمچىگە تۇغقان يوقلاشقا بارغان ئادىلنىڭ رولىغا چىققان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمدا رول ئېلىش جەريانىدا ۋەتەنگە بىر قېتىم بېرىپ، شۇ سوئال-سوراققا راستىنىلا دۇچ كەلگەندەك بىر ھېسسىياتقا كەلگەنلىكىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.

بۇ فىلىم 12-نويابىر كۈنى ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىرلا ۋاقىتتا تور ئارقىلىق قويۇلغان ھەمدە فىلىمنى كۆرگۈچىلەردىمۇ ئالاھىدە تەسىر قالدۇرغان. بۇ فىلىمنى گوللاندىيەدىن تور ئارقىلىق كۆرگەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلىك ئەزالىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ بۇ فىلىمنى كۆرگەن. بىرلىك رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «فىلىمدا ئىشلىتىلگەن كىيىم-كېچەكلەر ۋە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرىتىدىكى ئەمەلىي رېئاللىقنى يورۇتۇپ بەرگەن» دېدى.

نەبىجان ئەلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، «قايتىش» فىلىمى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ئالدانماسلىقنى ئەسكەرتىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا دۇچ كەلگەن بەزى قىيىنچىلىقلارنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان نەبىجان ئەلا بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنىمۇ رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئومۇمەن بۇ فىلىمدا ۋەتەنگە تۇغقان يوقلاشقا بارغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋەقەلىكىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا قاراتقان ئىككى يۈزلۈك تەشۋىقاتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتىكى رەزىل ئويۇنلىرى فىلىمدىكى ئارتىسلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدە چىنلىق ئاساسىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، دەپ قارالماقتا. مەزكۇر فىلىم ھازىرچە ھەقسىز تارقىتىلمايدىغان بولۇپ، قىزىققۇچىلارنىڭ ھەق تۆلەپ كۆرۈشىگە ئېچىۋېتىلگەن.