ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 1-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن «2021-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى» نى ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلىدى.
ئادەم ئەتكەسچىلىكى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، شۇنداقلا ئەڭ يىرگىنچلىك جىنايەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ «ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش قانۇنى» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2000-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى «ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ كەلگەنىدى.
1-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «2021-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىغا باھا بېرىلگەن ھەمدە ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە قانداق زەربە بېرىش ۋە بۇ جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلارغا قانداق ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى بايان قىلىنغان. بۇ يىلقى دوكلات 21-قېتىملىق دوكلات بولۇپ، دۇنيادىكى 188 دۆلەت ۋە رايونغا، جۈملىدىن ئامېرىكاغا مۇناسىۋەتلىك ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىلىرى دوكلات قىلىنغان.
يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن دۇنيادا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىگە كۈچلۈك زەربە بېرىشنىڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئادەم ئەتكەسچىلىكى يەر شارى خاراكتېرلىك بىر كىرزىستۇر، ئىنسانلارنىڭ غايەت زور ئازابىنىڭ مەنبەسىدۇر، بۇ ناھايىتى يوشۇرۇن جىنايەت بولۇپ، بەزىدە ئۇ ھەقتە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارنى بېكىتىش ۋە مۆلچەرلەشمۇ تەسكە توختايدۇ. دۇنيادا ھازىر 25 مىليونغا يېقىن ئىنسان ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى جىنسىي مۇلازىمەت ئىشلىرىغا سېلىنماقتا، يەنە نۇرغۇنلىرى زاۋۇت ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا قۇل قىلىنماقتا ياكى قوراللىق تەشكىلاتلارغا كىرىشكە مەجبۇرلانماقتا. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىچىدە يەنە بىر مىليوندەك بالىلار بار. بۇ جىنايى قىلمىش ئىنسان ھەقلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇم، ئىنسانلىق ھۆرمىتىگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر. بىز بۇ جىنايەت بىلەن كۈرەش قىلىشمىز كېرەك، سىلەرمۇ كۈرەش قىلىشىڭلار كېرەك، چۈنكى بۇ ھەققانىي ئىشتۇر. ئادەم ئەتكەسچىلىرىنى چەكلەش ھەممىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن».
ئانتونى بىلىنكېن سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسى يامرىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپلىگەن جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى، ئىنتېرنېتقا ئوخشاش تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ھەر خىل جىنايەت تورلىرى ۋە جىنايەت ئۇسۇللىرىنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى، شۇنداقلا بۇ جىنايەتنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللارنىڭ دۆلەتتىكى چىرىكلىك، نامراتلىق، مائارىپتىكى قالاقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنى قوللاۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ دوكلاتقا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىلا ئەتكەسچى بولغان 11 دۆلەتنى كىرگۈزدۇق. مەسىلەن، بۇنىڭدا ئۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىقتىسادىي ئورۇنلار، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئاممىۋى قۇرۇلۇش تۈرلىرى بار. بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولغان ئىشلارنى دوكلات قىلغانىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا 1200 دەك لاگېر قۇرۇپ، بىر مىليوندىن كۆپ ئىنساننى قامىدى. قامالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قىيىن-قىستاق ۋە جىنسىي خورلۇقلارغا ئۇچرىدى. ئۇلار يەنە كىيىم-كېچەك، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار، قۇياش ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا سېلىندى. بۇ ئۇسۇللار بۇ يىلقى دوكلاتتا ئورۇن ئالغان ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشىدۇر. ئامېرىكا ئاللىبۇرۇن تەدبىر قوللىنىپ، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. مەسىلەن، ئۆتكەن يىل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى شىنجاڭدىكى مال تەمىنلەش لىنىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى شىنجاڭدىكى مال تەمىنلەش لىنىيەسى ۋە ئىشچىلارغا چېتىشلىق ئىقتىساد، قانۇن ۋە ئىناۋەت خەتىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى بىز بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ شىنجاڭدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەشكە داۋاملىق چاقىرىمىز. بىز چوقۇم تەدبىر قوللىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مال تەمىنلەش لىنىيەسىگە كىرىپ قېلىشىنى توسىمىز».
بۇ دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنى كۆزىتىش ۋە زەربە بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى كارى جونستون خانىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە تۆھپە قوشقان، جۈملىدىن مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا ھەسسە قوشقان 8 قەھرىماننى تونۇشتۇردى. ئۇ بۇ دوكلاتنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىگە زەربە بېرىشتە ئوينايدىغان رولىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكانىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىگە زەربە بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدىغان مۇھىم قورالدۇر. بىز زىيانكەشلىكتىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشقا قېتىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى داۋاملىق تەكىتلەيمىز. شۇڭا بۇ دوكلات پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قالمايدۇ، بىز ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن يىل بويى ئالاقە قىلىمىز. بىز بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايمىز، ھەر ۋاقىت ئوچۇق-ئاشكارا ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا تىرىشىمىز».
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئادەم ئەتكەسچىلىكى بۈگۈنكى دۇنيادا زەھەر ئەتكەسچىلىكى، قورال ئەتكەسچىلىكىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ خەلقئارا جىنايەت بولۇپ، ئىنسانلارنى ئالداش، مەجبۇرلاش، قورقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىشقا سېلىش، توي قىلىش، جىنسىي قۇل قىلىش، ئىپپەت سودىسىغا سېلىش، ھەتتا ئورگانلىرىنى سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھازىر 20 مىليوندىن 40 مىليونغىچە ئىنسان زامانىۋى قۇلغا ئايلاندۇرۇلغان، بۇلارنىڭ 71 پىرسەنتى ئاياللار بىلەن بالىلار ئىكەن. ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ يىلدا تاپىدىغان ھارام پۇلى تەخمىنەن 150 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئىپپەت سودىسىدىن كېلىدىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ قولى بىلەن ئېلىپ بېرىلسا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىكەن. خىتاي كومپارتىيەسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى گۇرۇھى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ تۇتۇپ زاۋۇتلاردا ئىشلەمچى قىلىشى، ئاياللارنى خورلاپ، خىتايلارغا تېگىشكە مەجبۇرلىشى، ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىشى ئۇنىڭ نەق جىنايى پاكىتلىرى ئىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىمۇ بۇ جىنايەتكە كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇنى پىلانلىغان ۋە ئىجرا قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى باش جىنايەتچىلەر ھېسابلىنىدىكەن.