دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ: «خىتاي ھۆكۈمىتى جىنايىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن سىياسىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىۋاتىدۇ»
2023.11.28
خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدا «10 مىڭ كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» ۋە ئورتاقلىشىش چوڭ يىغىنى ئېچىپ، دۇنياغا ئۇيغۇر ئېلىدە ھەممە ئىشنىڭ «نورمال» ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. ئۇيغۇر ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بۇ يىغىننى خىتاينىڭ ئۆز جىنايىتىنى ئاقلاش، خىتاي ۋە چەتئەللىكلەرنى «ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقى قىرغىنچىلىق يوق» دەپ قايىل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىياسىي تەشۋىقاتى دەپ قارىماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، «10مىڭ كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» ۋە ھەمبەھىرلەش يىغىنى بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىنغا مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر، توردىكى مەشھۇر شەخسلەر، مەملىكەت سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ چولپانلىرى، خىتاي ياشلىرى، ھەر مىللەت ئامما، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار» بولۇپ كۆپلىگەن ئىنسانلار قاتناشقان. خەۋەردە بۇ تەشۋىقاتنىڭ داغدۇغىسى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ: «يىغىنغا قاتناشقۇچىلار قىزغىن، ھېسسىياتلىق، گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، دۇنياغا ھەقىقىي، كۆپ تەرەپلىك، ئەتراپلىق گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلدى» دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چوڭ كۆلەملىك تەشۋىقات يىغىننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەقسىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگ، مائارىپچى دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمىغانلىقىغا باشقىلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«10مىڭ كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» يىغىنى مەنچە ئىككى خىل سەۋەبتىن ئۆتكۈزۈلدى. بىرىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېكايىلىرىنىڭ راست ئەمەسلىكىگە قايىل قىلىشى ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ باردى. چۈنكى ھېچقايسىمىز ئۆز ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ناچارلىقىغا ياكى ئۇلارنىڭ قورقۇنچلۇق جىنايەت سادىر قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى خالىمايمىز. شۇڭا بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ ۋە ئۆز خەلقىگە خاتا تەشۋىقات قىلىۋاتىدۇ. ئىككىنچى سەۋەب بولسا، سىرتقى تەشۋىقات ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ باردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب ئەللىرى ۋە باشقا جايلاردا سېسىق نامى پۇر كەتتى. شۇڭا ئۇلار چەتئەللىكلەرنى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ۋە نۇتۇق ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىپ، سىرتقى دۇنيانى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەتنى قوغداۋاتقانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىغانلىقىغا قايىل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» .
گېرمانىيەدىكى ئىنسانشۇناس پەنلىرى دوكتورى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى خىتايلار ۋە چەتئەللىكلەر بىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلاش ۋە يېپىش ئۈچۈن ‹10 مىڭ كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش› تەشۋىقات پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن.»
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹10 مىڭ كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش›، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن مېھمانلار شىنجاڭغا بولغان كۆز قارىشىنى ئورتاقلاشتى.»
ھالبۇكى دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، غەرب دۇنياسىدىكىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى بىلىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى «تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ۋە مىللىي ئىتتىپاق» دېگەن چىرايلىق ناملار بىلەن چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى:
«شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىشەنچلىك پاكىتلار بار. چەتئەلدىكى ئىنسانلارمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دېيىشنى خالىمايدىغان باشقا ئىشلارنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ يىغىندا ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى «تەرەققىيات ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقتىن بەھرىلىنىۋاتىدۇ» دەيدۇ؟ چەتئەللىكلەرنىڭ ئاڭلىغانلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ دېگەنلىرى بىر-بىرىگە زىت. غەرب دۇنياسىدىكىلەر خىتاينىڭ پاختىزارلىقلىرى ۋە زاۋۇت-فابرىكىلىرىدىكى قۇل ئەمگىكى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ئاڭلىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغان. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىكلەرنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭ يىغىن ۋە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈپ، چەتئەللىكلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ھەممە نەرسىنىڭ نەقەدەر ئېسىللىقىنى سۆزلەۋاتىدۇ».
دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ بۇ پائالىيەتتە سۆزلەۋاتقان كۆپ قىسىم خىتاي ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلىرىنى ياخشى بىلىدۇ دەپ قارايدىغانلىقنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹10 مىڭ كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش› پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلارنى كۆپ قىسمى خىتاينىڭ جىنايىتىنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ بىلمەس بولۇۋالىدۇ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ» .
خەلقئارادىكى بېسىم ۋە ئەيىبلەشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك خىتايشۇناسلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى ساياھەتكە ئېچىۋېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
يېقىندا، ئەنجىرۋ لىئوڭ (Andrew Leung) ھىندىستاننىڭ CNN قانىلىدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قوللاپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا لاگېر يوق، ھەر مىللەت خەلقى بارلىق ھەق-ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. شىنجاڭغا كەلگەن خىتاي ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلۈكى شىنجاڭدا ھەممە ئىشنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ».
دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم ئەنجىرۋ لىئوڭغا رەددىيە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق مۇتەخەسسىسلەرنى سۆزلىتىش ئارقىلىقمۇ ھەممە نەرسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆز جىنايىتىنى ئاقلاۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.