سوفىي رىچاردسون: «خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك!»
2024.08.21

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى، دوكتور سوفىي رىچاردسون (Sophie Richardson) «دىپلومات» ژۇرنىلىدا 16-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جازاسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان پەيت كەلدى» سەرلەۋھىلىك ئوبزوردا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە ئالاقىدار دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى (OHCHR) نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشى ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ئىزدەشكە قايتىدىن تەييارلىق قىلىشى كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ھەل قىلغۇچ بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتايغا رايوندىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەيدىغان بىر قاتار تەكلىپلەرنى بەرگەن ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى سوفىي رىچاردسوننىڭ مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت بەش يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرگەن ھەم ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى تۈرمە ياكى لاگېرلاردا خورلاشنى داۋام قىلغان. ئۇ بۇ ھالنى «دۇنيا بۇ كىرىزىسنى توختىتالمىدى» دەپ كۈچلۈك رەۋىشتە ئەيىبلىگەن.
سوفى رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، ب د ت خىتاينىڭ سىياسىتى توغرىسىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقارغان بولسىمۇ، ب د ت نىڭ مەزكۇر دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئالىي كومىسسار ۋولكېر تۈرك بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «ۋولكېر تۈرك ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن داۋام قىلىۋاتقان مۇزاكىرىلىرىدە ئۆز ئىشخانىسى چىقارغان دوكلاتنى ئوچۇق تىلغا ئالمىدى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئىزدەش تىرىشچانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىمىدى، شۇنداقلا ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى (HRC) گە دوكلات بەرمىدى. بۇ مەغلۇبىيەتلەر جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ» دەيدۇ.
سوفىي خانىم يەنە كوۋىد يامرىغان مەزگىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ، غەرب تاراتقۇلىرى ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاشقا ھەمدە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ باستۇرۇشى تۈگىمەيلا قالماستىن يەنە ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك قاماش ۋە تەقىب ئاستىغا ئېلىشنى قانۇنلاشتۇرغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق جىنايەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرىدىن تەپسىلىي خەۋەردار بولغان سوفىي رىچاردسون يېقىندا خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرۇلۇق دىققەت قوزغىغان بىر قانچە ۋەقە ھەم ھادىسىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
ئۇ ئاۋۋال 9-ئاۋغۇست ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ داڭلىق ژۇرنالىستى مەھدى ھەسەن رىياسەتچىلىكىدىكى «يۈزلەشتۈرۈش» (Head to Head) پىروگراممىسىنىڭ مېھمانلىرىدىن بىرى، خىتاي سىياسىتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇپ تونۇلغان ۋېكتور گاۋ (گاۋ جىكەي) نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار مۇنازىرە بولغاندا قىلغان سۆزلىرىنى مىسال ئالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت بىلەن لوندوندىكى ئۇيغۇر شائىرى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بىگۇناھ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرۇلۇق سورىغاندا ۋىكتور گاۋ جاۋاب بېرەلمەي سەتچىلىككە قالغان.
سوفىي يەنە يېقىندا ئامېرىكا يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقات تۈرى ئېلان قىلغان «دۈشمەن سۈپىتىدىكى ئۇيغۇرلار: خىتاينىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغان ھاكىممۇتلەق زۇلمى ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن» ناملىق دوكلاتتىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان. كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى رەيھان ئەسئەت ۋە يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مىن كىم (Min Kim) نىڭ ئورتاق ئاپتورلۇقىدا تەييارلانغان مەزكۇر دوكلاتتا كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 75 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن زۇلۇم سىياسىتىنىڭ 2014-يىلدىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى ۋە مىليونلاپ ئادەمنى ناھەق ھالدا تۈرمە ياكى لاگېرلارغا سولىشىنى تەھلىل قىلغاندا ئۇيغۇرلارغا قانۇنسىز ھالدا «جەمئىي تۆت مىليون 400 مىڭ يىللىق قاماق جازاسى» بەرگەنلىكىنى خۇلاسە قىلغانىدى.
سوفىي ماقالىسىدە دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغاندەك خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ تاكتىكىسىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى توسۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكىنى شەرھلەپ كۆرسەتكەن.
سوفىي مەزكۇر ئوبزوردا يەنە ئامېرىكىدىكى ياش پائالىيەتچى زىلالە مەمەتنىڭ يېقىندا TEDxCornell تە بەرگەن نۇتقىنى مىسال ئالغان. شۇنداقلا زىلالەنىڭ بوۋىسىنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ نامەلۇم قەبرىگە تاشلانغانلىقى ھەققىدىكى ئازابلىق ھېكايىلىرىنى بايان قىلىش بىلەن تەڭ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان باستۇرۇشلىرىغا قارىتا دۇنيانىڭ ئىنكاسىنى «گاس-گاچا جىمجىتلىقى» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ھىمايە قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەيلى رەيھان ئەسئەت ياكى زىلالە مەمەت بولسۇن ھەممىلا ئۇيغۇر دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى دوكتور سوفى رىچاردسون خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىل ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ› دەپ ئەيىبلىگەنلىكىگە ئىككى يىل بولدى. ھالبۇكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان مۇشۇ خىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكلىرىگە قارىتا تېگىشلىك تەدبىر ۋە تەكشۈرۈشلەرنى يولغا قويۇۋاتقان ب د ت نىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇنىڭدەك رەيھان ئەسئەت ۋە زىلالە مەمەتلەردەك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى دۇنياغا توختىماي ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. بۇلار خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقاندا، بۇلارنى سۈرۈشتە قىلىشقا تېگىشلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قەيەردە؟ ئۇلار نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ ئەجەبا ئۇلار بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا بىرەر چارە تاپتىمۇ؟ ھېچ بولمىغاندا بۇ مەسىلىلەرنى خىتاينىڭ ئالدىغا قويۇۋاتامدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ. شەنبە كۈنى مەن ئۇشبۇ مەسىلىلەرگە قارىتا دۇنيانىڭ ئىنكاسىغا ئىچىم سىقىلىپ بۇ ماقالىغا قەلەم تەۋرەتتىم. »
سوفىي خانىمنىڭ «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ماقالىسىنى «ۋولكېر تۈرك ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەتنى تەۋسىيە قىلىشى كېرەك»، «بۇ قەبىھ قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇلار جامائەت پىكرىدە قىيىن سوئاللارغا دۇچ كېلىپلا قالماي، يەنە سوت مەھكىمىسىدىمۇ سوراققا دۇچ كېلىدۇ» دېگەن چاقىرىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.
سوفىي خانىم بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقنى قانداق كۈنتەرتىپتە تۇتۇش توغرىسىدا ئالاھىدە توختالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش يولىدا ئامېرىكا ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىغا چىقارغان جازا تەدبىرلىرى خىتايغا ئۆز جىنايەتلىرىنىڭ جازالىنىدىغانلىقىدىن سىگنال بەردى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنىلا شى جىنپىڭنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى توپلاپ، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈستىدىن خەلقئارالىق قانۇنلار ئارقىلىق جازالاش تەييارلىقى ئۈچۈن كونكرېت بىر قەدەم ئالمىدى.»
سوفىي خانىم يەنە ئەپسۇسلانغان ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تىبەتلىكلەرگە قارىتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى (2023-يىلى) سېنتەبىردە ئامېرىكىدا بەخىرامان زىيارەتتە بولدى. بۇ ھال خىتاي گەرچە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتاينىڭ بۇ قاباھەتلىك، سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك مەۋجۇت بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ پاكىتلىرىغا قارىتا قەتئىي ۋە پىرىنسىپال شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇلۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ شى جىنپىڭ ئۇستىدىن دۇنيا پۇقرالار سوتىغا ئەرز سۇنالىشىدەك تىرىشچانلىقى ئۇنى خەلقئارالىق قانۇنلار بىلەن جاۋابكارلىققا تارتىش مۇمكىنچىلىكىدىن بېشارەت بەردى. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ماھىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ جازالىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىدىنمۇ بېشارەت بېرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى جىددىي دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. »
سوفى رىچاردسون زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا دەل ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەردىكى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش جەھەتتىكى تەكرار مەغلۇبىيەتلىرى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول ئېچىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
«بىلگىنىڭىزدەك خىتاي بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدىكى دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايەتلىرىدىن قېچىۋاتقىلى 25 يىلدىن ئاشتى. تيەنئەنمېن ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق باستۇرۇشلاردا جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكرارلاپ ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. خىتاينىڭ بۇنداق ئۇرۇنۇشلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتمەك تەس. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خىتايدىنمۇ قۇدرەتلىك كۈچ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتى بار. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى خەلقئارا قانۇنلار ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن قانۇن ئارقىلىق جازالاشنى يولغا قويمىغاندا بۇ ھال دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بولىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن ۋەھشىي جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىشقا يول قويماسلىقىمىز كېرەك! »