2024-يىلدا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر پاتقاققا پاتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

0:00 / 0:00

2024-يىل كىرىشى بىلەن تەڭ، خىتاينىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق نۇتقىدا بەرگەن ئۇچۇر ۋە ئىشارەتلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم.

ئەنگلىيە «تېلېگراف» تورىنىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي خەلقىگە قىلغان سۆزىدە، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ 2023-يىلدا مۇشەققەتلىك بىر يىلنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، خىتاي خەلقىنىڭ تىرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ، تۇرمۇشىدىكى تۈپ ئېھتىياجىنى قامداۋاتقانلىقىنى، چۈنكى يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ئاستىلاپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

2024-يىل 1-يانۋار كۈنى، ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ كۆپلىگەن سىستېمىلىق مەسىلىلىرى ئۇنىڭ 2024-يىلدىكى ۋەزىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ» ناملىق ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن بەكرەك، ئۆز ھاكىمىيىتىنى قانداق ساقلاپ قېلىشقا، يەنى سىياسىي جەھەتتىن مۇستەھكەم تۇرۇشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى، ئەمما سىياسىي جەھەتتە مۇقىم بولۇش ئۈچۈنمۇ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم بولۇشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن شى جىنپىڭنىڭ بىر چىقىش يولى ئىزدەۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جورج ماگنۇس (George Magnus) سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا، خىتاي ئىقتىسادىدىكى سىستېمىلىق مەسىلىلەرنىڭ تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە سىياسىي تۈزۈلمە مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 2007-يىلدىن 2011-يىلغىچە ھوقۇق تۇتقان مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە، ‹خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس، ئىزچىل ۋە مۇقىم ئەمەس› دېگەندىن كېيىن سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش، ھەددىدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش، ھەددىدىن زىيادە قەرز ئېلىش، بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلماسلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن بولۇش، باشقۇرۇش ئۇسۇلى قالاق بولۇش دېگەندەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ يەتكەنىدى. ئەمما بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش كېرەك، خىتاي كومپارتىيەسى بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇڭا مەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ پىداكارلىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خىتاينى نۆۋەتتىكى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈشىگە ئىشەنمەيمەن».

ئۇ يەنە خىتاي ئىقتىسادىدىكى سىستېمىلىق، يەنى زەنجىرسىمان باغلانغان مەسىلىلەرنىڭ 2024-يىلدىكى تەسىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئىقتىسادىدىكى بىر-بىرىگە باغلانغان مەسىلىلەر 2024-يىلدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىككى-ئۈچ پىرسەنت ئەتراپىدا چەكلەپ قويىدۇ. ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىي سىياسەتتە مەغلۇپ بولسا، كاپىتالنىڭ تەقسىملىنىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمىسا، چەتئەل مەبلىغى سىرتقا چىقىپ كەتسە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تۇيۇقسىز بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ياكى كرىزىس پارتىلاشتەك خەتەر كۈچىيىدۇ».

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ 19 تىرىليون دوللارلىق ئىقتىسادى ھازىر كۆپ يىللاردىن بېرى دۆۋىلىنىپ قالغان سىستېمىلىق مەسىلىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان؛ 20 يىللىق گۈللىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىگەن ئۆي-مۈلۈك بازىرى ھازىر چۆكۈشكە باشلىغان؛ يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ بانكا قەرزى ھەسسىلەپ كۆپەيگەن.

ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىپ، ئېكسپورت ھەجمىنىڭ تارىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2023-يىل 12-ئايدا ئاچقان ئىقتىساد خىزمىتى يىللىق يىغىنىدا «2024-يىلدا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش» دېگەندەك پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى يەنىلا تۆۋەن بولۇش، بەزى كارخانىلارنىڭ ماللىرى بېسىلىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ قىيىن بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى ئاندېرس كور (Anders Corr) خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى ھەققىدە يوللىغان يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلار خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسەت يۆنىلىشىدىن، سودا ساھەسىگە قاراتقان باستۇرۇشلىرىدىن، قەرزنىڭ ئېشىپ كېتىشىدەك ئىقتىسادىي قۇرۇلما خەتىرىدىن ۋە تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئىقتىسادى چۆكمەكتە».

خىتاينىڭ دۇنياۋى تەسىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، «خىتاي دۇنياغا ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاستىرىتتىن كۈچلەنمەكتە، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئاجىز ئەمەس» دېگەن قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئاندېرس كور ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، يەنى خىتاينىڭ گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتە خارابلىشىۋاتقان بولسىمۇ، دۇنياغا ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتايدىكى ياسىمىچىلىق سانائىتىنىڭ خام ئەشيا سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى ئۆتكەن يىل 12-ئايدا 49 غا چۈشۈپ قالغان. ئادەتتە بۇ سان 50 تىن تۆۋەن بولغاندا ئىقتىساد-تىجارەت كۆلىمى كىچىكلەپ كەتكەن بولىدىكەن. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىل ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان مالىيە ياردىمى ۋە تەدبىرلىرىمۇ ئىشقا يارىمىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ياسىمىچىلىق سانائىتى ھەقىقەتەن قىيىنچىلىققا پېتىپ قالغان».

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) خىتايدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ سىستېمىلاشقان بىر توسالغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆتكەن 30 يىلدا ئۇلار سانائەت ۋە ياسىمىچىلىق كەسپىگە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، مال تەمىنلەش لىنىيەسىگە كۈچىدى؛ ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال ۋە ئېھتىياجغا سەل قارىدى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئائىلىنى قامداشقا كېرەكلىك ئىقتىسادىي بايلىق ۋە مائاشنى كۆپەيتكەن بولسىدى، مەبلەغنى يېتەكچى قىلغان ئىقتىسادنى ئىستېمالنى يېتەكچى قىلغان ئىقتىسادقا ئۆزگەرتەلەيتتى. ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلماسلىقى مۇمكىن».

«ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسى» نىڭ يېقىندا بەرگەن بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىلگىرى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ۋە قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدا كېچە-كۈندۈز ئىشلەپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا غايەت زور رول ئوينىغان ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى، يەنى يېزىدىن كەلگەن دېھقان ئىشچىلار بۈگۈنكى كۈندە ياشانغان ۋە كېسەلچان پۇقرالارغا ئايلانغان بولۇپ، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش چىقىملىرىنى قامدىيالمايدىغان، ھۆكۈمەتنىڭمۇ ياردىمىنى ئالالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىل 11-ئايدا ئامېرىكاغا كېلىپ، پرېزىدېنت بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشتىكى ئاساسىي مەقسىتىمۇ خىتاي ئىقتىسادىنى ياخشىلاش ئىكەن. شى جىنپىڭ 2023-يىل 12-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سودا ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياۋروپادىن نەپ ئېلىشنى كۆزلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادتا ياۋروپا بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، سىياسەتتە ئامېرىكادىن يىراقلىشىشنى كۆزلىگەن؛ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ھەر ئىككىسىدىن نەپ ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان. ئەمما غەربلىكلەر ئۇنى ئاللىقاچان چۈشىنىپ يەتكەن بولغاچقا، خىتاينىڭ ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلانغان.

ئامېرىكانىڭ خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللاردىن ئالىدىغان تاموژنا بېجى 27.5 پىرسەنت بولغاچقا، خىتاي ئاپتوموبىللىرى ئامېرىكا بازىرىغا ئالدىراپ كىرەلمەيدىكەن. ئەمما ياۋروپانىڭ ئالىدىغان بېجى تۆۋەن بولغاچقا، خىتاي شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بېسىلىپ قالغان ئاپتوموبىللىرى، بولۇپمۇ توكلۇق ئاپتوموبىللارنى ياۋروپاغا سېتىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. بۇنىڭدىن گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالغان. نەتىجىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ئېكسپورت مىقدارىغا چەك قويۇش ھەمدە تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرىنى ئويلاشماقتا ئىكەن. دېمەك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن سودا جېڭىگە كىرىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى ئىش ئىكەن.

رايموند كو مۇنداق دەيدۇ: «كوممۇنىستىك خىتاي ياسىمىچىلىق سانائىتى بىلەن مال ئېكىسپورتىغا بەك كۆپ پۇل خەجلىدى. ئەمما بۇ، ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ مال ئېكسپورت قىلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ كارخانىلىرىغا تولۇقلىما بېرىش ۋە تەڭسىز رىقابەتلىشىشتەك سىياسەت يۈرگۈزىدۇ. خىتايغا قارىغاندا باشقا دۆلەتلەردە، تاشقى سودىنىڭ ئىقتىسادتا ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى ئاز. شۇڭا ئۇلار خىتايدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ زىيان تارتىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار تاشقى سودىنى ئۆز ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ قىسمى قىلىۋالمىغان».

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياسىمىچىلىق سانائىتىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئورنىغا، بازار ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاي ئۇنداق قىلمايدۇ، ئاقىۋەتتە ئىقتىسادى تېخىمۇ ئېغىر پاتقاققا پېتىپ قالىدۇ».