خىتاينىڭ يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى ئىقتىسادىي كرىزىسقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان خىتايدا قايتىدىن ئەۋج ئالغان كورونا ۋىرۇسىغا قارىتا يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. بۇ قاتتىق كونتروللۇق خىتاينىڭ ئىستېمال زەنجىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

CNBC خەۋەر قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق ئاساسلىق سودا مەركەزلىرىدىمۇ ئىشى-خىزمەتچىلەر كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار پورتلاردا بېسىلىپ قالغان. خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىمۇ ئاستىلاشقان، ھەتتا ئاقساپ قالغان بولۇپ، تېسلا ۋە ئايفون قاتارلىق شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىدا ئاپتوماتىك ئايلىنىش سىسىتېمىسىنى يولغا قويغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئېسىپ كېتىشى، ئىشلەپچىقىرىش كىرزىسى ۋە بىنورمال ئېھتىياج ئەندىزىسى قاتارلىق ئامىللارمۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

CNBC خەۋەر قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە باش شتابى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ئامېرىكا دۆلەت ھالقىغان مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى گولدمان ساكس (Goldman Sachs)، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 2022-يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %3.3 تىن %3.0 كە چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولسا، ياپونىيە پۇل-مۇئامىلە، پاي چېكى كونترول شىركىتى نومۇرا (Nomura) بولسا خىتاينىڭ 2022-يىللىق ئىقتىسادىنىڭ %3.3 تىن %2.8 كە چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

ھەر ئىككى بانكىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرى خىتاينىڭ ۋىرۇسقا قارىتا قوللانغان يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ خىتايدىكى ئىستېمالنىڭ ئايلىنىشىنى تۆۋەنلىتىپ، 7-ئايدىكى ئۆي-مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار يەنە بېيجىڭنىڭ بۇنىڭغا قارىتا توغرا تەدبىر قوللىنىش ئىمكانىيتىنىڭ چەكلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ۋە ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مىجىت ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ يۇقۇمنى ‹نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتى ئىشسىزلىقنى ئاشۇردى. خىتاي بانكىدىن قەرز ئالسا، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ دەل ئىقتىسادنىڭ چۆكۈشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن قوللىنىدىغان تەدبىرلەرنىڭ بىرىدۇر.»

گولدمان شىركىتى خىتاينىڭ تۇيۇقسىز ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنىڭ خىتايدىكى ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەرياندا ئىقتىسادىي چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر قاتار سىياسىي مەسىلىلەرگىمۇ دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارىتا يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى ۋە تەيۋەن توغرىسىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا پوپۇزا قىلىشىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۈشۈشىدە ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىقتىسادىنڭ % 3. 0 كە چۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. بۇ خىتايغا نىسبەتەن بەكمۇ تۆۋەن. بۇ ئەلۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىندىن بۇيان خىتايغا مەبلەغ سالغان چەت ئەل شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئۇلار شىركەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى مەجبۇرى ئەمگەكتىن خالىبولغان بىخەتەر دۆلەتلەرگە يۆتكەۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىكىسپورت بازىرى بولغان دۆلەتلەردىكى شىركەتلەر خىتايدىن يېنىپ چىقىۋاتىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھەر خىل شەكىلدە ئىقتىسادىي كىرزىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، لېكىن شى جىنپىڭنىڭ قوللانغان سىياسەتلىرى نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ چۆكۈۋاتقان ئىقتىسادىنى قۇتقۇزالايدىغاندەك قىلمايدۇ.»

گولدمان شىركىتىنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى پات يېقىندا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيدىن ئىلگىرى پۈتۈن دىققەت نۇقتىسىنى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ خىتايدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنى تۈگىتىش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىپ، خىتاي خەلقىنى تىنچلاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش؛ شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم «ئەڭ ئالىي رەھبەر» بولۇپ ئۇدا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا قاراتماقتا ئىكەن.

ئاندېرس كور ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ئېنىقلا 3-قېتىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سىكىرتارلىق ۋەزىپىسىدە ئولتۇرۇشنى، ھەتتا خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۆمۈر بويى ئىدارە قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئۇ خىتايغا ئىمپىراتور بولماقچى، مانا بۇ مەسىلىنىڭ تۈگۈنى. ئۇ بارلىق ھوقۇقلارنى ئۆزىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ كويىدا بولىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇ ئىقتىساد، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئالدىغا جايىدا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، خىتاي ئۆزىنى قوغداشنى ئەمەس، چېگراسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ، دۇنياغا تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ. ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا ئورگانلارنىڭ سىياسەتلىرىگە بويسۇنمايۋاتىدۇ. ب د ت دا قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەرنى مەبلەغ پۇلى ئارقىلىق ئۆز يېنىغا تارتىۋاتىدۇ. لېكىن خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەرنىمۇ قوللاۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئېچىدىكى كىشىلەرمۇ دىكتاتور ھاكىمىيەتنى خالىمايدۇ. ھەر قانداق بىر كىشى ئىرقىي قىرغىنچلىقتا ۋە يۇقىرى تىخنىكىلىق نازارەت ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدۇ، بەلكى ئەركىن ھالدا شەخسى ھاياتىنى خاتىرجەم ياشاشنى خالايدۇ. مانا بۇ ختاينىڭ مەسىلىسى، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ مەسىلىسى، يەنە كېلىپ ئىقتىسادىي كرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەردۇر.»

قەيسەر مىجىت ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ قاتتىق كونتروللۇقىنىڭ يالغۇز ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى يەنە خىتاي خەلقىنى كونترول قىلىش ئۈچۈنمۇ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالامەتسىز يۇقۇمدارلارنىڭ ئومۇمى سانى ئۈچ مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇيغۇر رايونىدىكى نۇرغۇن جايلاردا قاتتىق تەقىب ۋە كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي قامال داۋام قىلماقتىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ۋە رادىيومىز ئۇيغۇر رايونىدىن ئىگىلىگەن نەق مەيدان مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چېقىشى چەكلەنگەن، كۈندىلىك تۇرمۇشى قىيىنلاشقان. بازارلاردا كۆكتات ۋە مېۋىلەر سېتىلماي سېسىپ كەتكەن. شاڭخەيدە يولغا قويۇلغان 3 ئايغا سوزۇلغان كارانتىن ۋە قاتتىق قامال تەدبىرى سەۋەبلىك، شاڭخەي شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىش توختاپ، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىگەنلىكى ھەتتا ئاچارچىلىق پاجىئەلىرى يۈز بەرگەنلىكى، بۇ جەرياندا شاڭخەينىڭ ئىقتىسادى قاتتىق چېكىنگەنلىكى مەلۇم.