مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاينىڭ ‹ئالتۇن دەۋرى› تۈگىدى!»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «ئەگەر بىز چارە كۆرمىسەك ئاغزىمىزدىكى لوقما ئۇلارنىڭ بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن سۆزىدىن كېيىن ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى كىشىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن «لوقما» تالىشىۋاتقان ئەڭ چوڭ رەقىبنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئاساسەن تونۇپ يەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى (GDP) 1978-يىلىدىكى سەۋىيەدىن 40 ھەسسە ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ئاساسىي رەقىب بولۇۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ «ھەممىگە قولى سوزۇلغان ئىقتىسادىي قۇۋۋەت ئىگىسى» بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە كېلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىش بەدىلىگە بەرپا قىلىپ چىققان ئافغانىستاندىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنىشى بىلەنلا خىتاينىڭ «ئەڭ سادىق دوستلىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان تالىبانلار ھاكىمىيىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈشى بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن رىۋايەتسىمان ئۇچۇرلارنىمۇ پەيدا قىلىشقا ئۈلگۈرگەنىدى. ئەمما ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان تافتىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل بېكلېي ۋە جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خال براندس ئىمزاسىدىكى «بېيجىڭنىڭ دۇنيانى قايتا قۇرىدىغانغا ۋاقتى قالمىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇمكىن بولغان «ئەڭ يۇقىرى چوققا» غا چىقىپ بولغانلىقى، ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇ چوققىدىن قانداق دومىلىشىنى كۆرىدىغان پەيتنىڭ كېلىۋاتقانلىقى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، 1839-يىلىدىكى «ئەپيۈن ئۇرۇشى» دىن تارتىپ تاكى 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغۇچە بولغان مەزگىلدە خىتاي تەپرىقىچىلىك، نامراتلىق ۋە ئۇرۇشنىڭ دەردىنى تارتىپ كەلگەن. تاكى 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان بۇ ھالەت خىتاي رەئىسى ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» دەۋرىدە ئاندىن چەتئەل مەبلىغىنىڭ كىرىشى بىلەن ئۆزگىرىشكە باشلىغان. خىتايدىكى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش باسقۇچى تامام بولغاندا غەرب دۇنياسى 2001-يىلى خىتاينى «دۇنيا سودا تەشكىلاتى» غا ئېلىپ كىرگەن. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ «ئالتۇن دەۋرى» رەسمىي باشلانغان. ھالبۇكى خىتاينىڭ بۇ «ئالتۇن دەۋرى» ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمەيلا باشقىچە مەقسەتكە خىزمەت قىلغانلىقى كىشىلەر تولىمۇ كېچىكىپ بايقىغان بىر تارىخىي ساۋاق بولغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور مايكىل بېكلېي مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي قۇدرەت تېپىشقا باشلىغاندىن كېيىنلا ئوچۇق، ئەركىن ۋە دۇنياۋى بولغان ئىقتىسادى سىستېمىنى، شۇنىڭدەك بۇ سىستېما مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەركىن دۇنيانىڭ تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم نىشان قىلىشقا باشلىدى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق خىتاي يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك خەلقئارالىق سودا ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلار ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدىن سانسىزلىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئوغرىلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلارنى (قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى) ‹ترويان ئېتى› ھىيلىسىنى ئىشلەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىنلا خىتاي يىلىغا نەچچە يۈز مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بايلىقنى شۈلۈپ ماڭماقتا. بۇ پۇللار بولسا تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە قىلمىغان دۆلەتلەرنى ‹قەرز دىپلوماتىيەسى›گە قىستاشقا سەرپ قىلىنىپ، خىتاينى دۇنيادا زور ‹نوپۇز ئىگىسى›گە ئايلاندۇرۇپ قويدى. يەنە بىر ياقتىن بولسا ئۇلار ‹ئۇرۇش بۆرىسى دىپلوماتىيەسى› ئارقىلىق ئەركىن جەمئىيەتكە تەھدىت سېلىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئاۋسترالىيە بۇنىڭ دەردىنى كۆپ تارتتى. تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ۋاكسىنىسى چىققاندىن كېيىن بۇ ھال تېخىمۇ كۈچەيدى».

پروفېسسور مايكىلنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «قۇدرەت ساھىبى» دېگەن نامغا ئېگە بولغاندىن كېيىن غەرب دۇنياسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى ئەڭ تۈپلۈك ئامىللارنىڭ بىرى بولغان دېموكراتىيەنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلغان. شۇنداقلا خىتايدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ھاكىممۇتلەقلىقنى دۇنيا مىقياسىدا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان. بۇ بولسا نۆۋەتتە خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ھاڭنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي يىلىغا نەچچە مىليارد دوللار سەرپ قىلىش بەدىلىگە دۇنيا مىقياسىدا ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيەگە قارشى ئېتىقاد سىستېمىسىنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار تۈرلۈك-تۈمەن چارىلەر ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەركىن دۇنيادىكى دېموكراتىك تەرتىپنى بۇزىدىغان قىلمىشلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنى ئاشۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتۈۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ھاكىممۇتلەقلىقنى كېڭەيتىش، دېموكراتىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ. ئاددىي بىر مىسال ئالساق، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق بىر دىكتاتورنى كۆزەتسەك ئۇنىڭ ئارقا تىرىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپ چىقىدۇ. ئەمدى بولسا خىتاي بۇ خىل ھاكىممۇتلەقلىقنى رەقەملىك (دىگىتال) تېخنىكا، بولۇپمۇ كۆزىتىش كامېراسى، چىراي تونۇش تېخنىكىسى، بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكە توپلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق تېخىمۇ كېڭەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆزىگە تەۋە ھېچقانداق شەخسىي بوشلۇق بولماسلىقتەك ۋەزىيەتنى يارىتىپ بولدى. يەنە بىر ياقتىن ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىل ھاكىممۇتلەقلىقى دۇنيادىكى دىكتاتورلار ئەڭ ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئۈستۈنلۈك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، شىنجاڭنى ئېلىپ ئېيتساق ئۇ جايدىكى لاگېرلار سىستېمىسى ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇندا بۇ ھال بەكمۇ روشەن ئەكس ئەتتى. ھازىر ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەممۇ مىدىرلىيالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى. بۇ يۈزلىنىش دۇنيا دېموكراتىيەسى ئۈچۈن بەكمۇ زور تەھدىت».

ھالبۇكى پروفېسسور مايكىل بېكلېينىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يوسۇندىكى ئەركىن دۇنيانى ھەمدە ئۇنىڭ دېموكراتىيە سىستېمىسىنى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى ئاساسىدىكى «ئالتۇن دەۋرى» نۆۋەتتە خارابلىشىشقا يۈز تۇتماقتا ئىكەن. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق تۈگەشكە يۈزلەنمەكتە ئىكەن. بىرىنچىدىن، خىتايدىكى پۈتكۈل يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 60 پىرسەنتى سانائەت پەيدا قىلغان بۇلغىنىشتىن پۈتۈنلەي كاردىن چىققان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سۇنى «ئىنسانلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان. ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلغۇچى قىلىپ قويغان. ئۈچىنچىدىن، خىتايدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ 40 پىرسەنتى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىمپورت قىلغۇچى بولۇپ قالغان. تۆتىنچىدىن، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتى تۈپەيلىدىن غايەت زور ساندا كۆپەيگەن نوپۇسى ھەمدە ئۇنىڭدىكى ياشلار بىلەن ياشانغانلارنىڭ نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق 2050-يىلىغا بارغاندا خىتايدىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ 30 پىرسەنتىنى «يەپ كېتىدىغان» ۋەزىيەت ئاللىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلغان رېئاللىق بولۇپ قالغان. بەشىنچىدىن، خىتايدىكى ئىقتىسادنىڭ غايەت زور قىسمىنى شەخسىي شىركەت-كارخانىلار ياراتسىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ دىكتاتورلۇقى ئاستىدا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى شەخسىي شىركەتلەرگە ئەمەس، ئەكسىچە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى «تەييارتاپ» شىركەتلەرگە بېرىلىدىكەن. خىتاي ئىقتىسادىدىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ 2007-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان تەرەققىياتى ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا تۆۋەنلەش يۆنىلىشىدە داۋام قىلغان. ئەمما تەشۋىقاتلاردا بۇ خىلدىكى «سەلبىي ئىقتىسادىي خەۋەرلەر» قەتئىي «مەخپىي» تۇتۇلغان.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەنمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا غايەت زور ئىقتىسادىي جۇغلانما ھاسىل قىلىشى خىتاينىڭ پەن-تېخنىكىدا يۈكسەلگەنلىكىدىن ئەمەس، ئەكسىچە مىليونلىغان ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەلگە ئاشقان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئ‍ۈچۈن خىتاينىڭ پەن-تېخنىكىدا غەرب دۇنياسىغا تايىنىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىگەن. .

پروفېسسور مايكىل بېكلېينىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت قەرزى 2008-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سەككىز ھەسسە ئ‍اشقان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىكى ئاز دېگەندىمۇ 50 نەچچە شەھەر «ئەرۋاھلار ماكانى» غا ئايلىنىپ قالغان: تاشيوللار ۋە قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەر سېلىنغان چوڭ شەھەرلەر ئ‍ئەمەلىيەتتە ئادەمسىز بوش تۇرماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلىغىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى «خەجلىگەن پۇلنى تاپالماس» ھالەتتە ئىكەن. بۇ خىلدىكى قەرزنىڭ زورىيىشى ۋە كۆپۈكسىمان مەبلەغ سېلىش ئاللىقاچان ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ تارىخىدا ئۆتكەن ئەسىردە غايەت زور تەسىر قوزغىغان ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقنى ۋە كاساتچىلىقنى پەيدا قىلغان. ئەمما رېئاللىق ئاشۇنداق بولسىمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى بۇنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا سىياسىي مۇقىملىق ئۈچۈن ھەممىلا نەرسىنى قۇربانلىق قىلماقتا ئىكەن. خىتاي گەرچە ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۈرىكى بولغان مىكرو ئىچكى ساقلىغۇچ ياساشقا مىلياردلاپ دوللار خەجلىگەن بولسىمۇ يەنىلا بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجنىڭ 80 پىرسەنتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن ئ‍ئىمپورت قىلىشقا تايىنىپ قالماقتا ئىكەن؛ تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋاكسىنىسى ئۈچۈن مىلياردلاپ دوللار خەجلىگەن بولسىمۇ بۇ ۋاكسىنىنىڭ قانداقلىقىنى دۇنيا ئوچۇق كۆرمەكتە ئىكەن.

ئاپتورلار بىردەك تەكىتلىگەن بىر مۇھىم نۇقتا خىتاينىڭ ئەتراپىدا «چىشلىرىنى بىلەۋاتقان» بەكمۇ كۆپ رەقىبلەرنىڭ پۇرسەت كۈتۈپ يېتىشى خىتاي ئۈچۈن زور خەتەر ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرماقچى بولۇشى، ئەمدىلىكتە تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا زومىگەرلىك قىلىشىنى بۇنىڭدىكى تىپىك مىساللار، دېيىش مۇمكىن ئىكەن. مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان «دۈشمەنلەر» سېپىنىڭ كۈچىيىشى نۆۋەتتىكى ھەممىگە ئايدىڭ رېئاللىق ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ سەپكە ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «خىتاي دۈشمەنلىكى» بىر ئومۇمى ئېقىمغا ئۆزگىرىشكە يۈزلەنمەكتە ئىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەنمۇ خىتايدىكى بۇ خىل چېكىنىشنىڭ ئاقىۋىتى كۆپىنچە تارىختىكىگە ئوخشاش دىكتاتورلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماس بولۇپ قالغاندا ئەڭ خەتەرلىك بولغان ئۇرۇشنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق «غەلىبە» تەنتەنىسى يارىتىشتىن خالىي بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. .

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكى گېرمانىيە ۋە ياپونىيەنىڭ «قەدەم ئىزى» ئىكەن. ئاپتورلار مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «شى جىنپىڭ بەلكىم تاجسىمان ۋىرۇسى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى سىياسىي مۇقىملىقنى تەۋرىتىۋەتتى. بۇ بولسا بىزنىڭ ئالغا مېڭىشىمىزغا پۇرسەت يارىتىدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمما خىتاي شۇنى ئۇنتۇغانكى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلغۇدەك ھېچقانچە ۋاقتى قالمىدى» دەيدۇ.