مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي ئىقتىسادى «چۆكۈش دەۋرى» گە قەدەم باستى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.08.13
hengda-evergrande-peshtaq-xerite-ayal-AP بىر ئايال ئېۋىرگرەند (خېڭدا) ئۆي-زېمىن شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تەرەققىيات تۈرلىرىنى كۆرسىتىدىغان خەرىتە بار تامنىڭ يېنىدىكى پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈش.2023-يىلى 18-سېنتەبىر، بېيجىڭ.
AP

يېقىندا گېو-سىياسىي ئىستراتېگىيەچى پىتېر زېيخان «تۈز ئوقيا خەۋەرلەر» (Straight Arrow) تورىنىڭ «زېيخاننىڭ گىئو-سىياسەت ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى» ناملىق سەھىپىسىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىدىن ئاللىقاچان مۇقەررەر خۇلاسە چىقارغىلى بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئانالىز ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ، خىتاينىڭ ھازىر «چېكىنىش ھالىتى» ۋە «چۆكۈش دەۋرى» دە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشنىڭ مۇبالىغە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىتېر زېيخاننىڭ 6-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ۋىدىيولۇق ماقالىسىدە، خىتاي ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىدىكى چۆكۈش ۋەزىيىتى خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشى ھەمدە بانكا سىستېمىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان كىرىزىس ۋە بوھراندا ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. پىتېر زېيخان ئۆزىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ «چۆكۈش دەۋرى» گە قەدەم باسقانلىقى ھەققىدىكى ئانالىز ماقالىسىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتە «ئەخلەت ۋاقىت» ۋە بۇزۇلغان سىستېمىغا قەدەم قويغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن؛ «‹ئەخلەت ۋاقىت› ئادەتتە بىر تەنھەرىكەت ئاتالغۇسى بولۇپ، ئاللىقاچان ئۇتتۇرۇپ قويغان كوماندىنىڭ ئۇتۇش پۇرسىتى بولمىغان بىر مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئويۇن يەنە چوقۇم داۋاملىشىشى كېرەك. شۇڭا بىز بۇنى خىتاي ئىقتىسادىغا تەتبىقلىساق، بۇ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە بىرى خىتاي ئىقتىسادىنى ‹تەكشى ياتتى› دېگەن ئاتالغۇغا تەتبىقلىساق بولىدۇ. چۈنكى بۇ، ئىشلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، بۇزۇلغان سىستېمىدا ھەر قانچە بەدەل تۆلىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇ، بۇنىڭدىن بەرىبىر مەنپەئەت ئالالمايدۇ.»

ئامېرىكادىكى راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، دوكتور رېيموند كونىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە بىر قاتار ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھالبۇكى، بۇ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چوقۇم چۆكۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ئىقتىسادى ئۇ پەقەت ئاستىلاۋاتىدۇ. بۇنى تەكىتلەش تولىمۇ مۇھىم. ئەمما، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ 21-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى قوش خانىلىق %10 لىك ئېشىشتىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز. ئەلۋەتتە ھەممىگە مەلۇمكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئىستېمال ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ئېغىر تەڭپۇڭسىز ھالەتتە بولۇپ، نوپۇس مەسىلىسىمۇ بۇنىڭغا ھېچقانداق ئۆزگىرىش كۆرسىتەلمەيدۇ. پرايد (Pride) نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ نوپۇسى ئازىيىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەرزان باھالىق ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ قىيىنلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. يەنى، خىتاي ھازىر ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، خىتاي ئېكسپورت ساھەسىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، بۇنى دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى نىسبەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى دەپ قارىماقتا.»

ھالبۇكى، پىتېر زېيخان ماقالىسىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ «توختاش» ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى مۇنداق شەرھلەپ ئۆتكەن؛ «ئەگەر سىز خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنسىڭىز، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ توختاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، نوپۇس ئەھۋالىنىڭ ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى بايقايسىز. ئەگەر سىز خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا گۇمان بىلەن قارىسىڭىز، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس ۋەزىيىتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھالەتتە تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. شۇڭلاشقا، ھازىر خىتاي «زاۋاللىققا يۈزلەندى» ۋە ئۇ «ئەخلەت دەۋرى» دە تۇرۇۋاتىدۇ، دېيىش مۇبالىغە ئەمەستۇر.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور گوردون چاڭ (Gordon Chang) خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئارقىلىق ئىستېمالنى قوزغىتىشقا ئۇرۇنمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئېكسپورتقا تايىنىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ دەھشەتلىك جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئېكسپورتىنى بايقۇت قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا خىتاي ئىقتىسادى ھازىر تاق يۆنىلىشلىك يولدا تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. يەنى، بۇ تاق يۆنىلىشلىك يولدا ئۇ تۆۋەنگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، مەن خىتاينىڭ ئۆز ئىقتىسادىنى قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتە ئامال قىلالايدىغان ئۇسۇل-چارىلىرىنى ئىنتايىن ئاز دەپ قارايمەن.

ۋاھالەنكى، ئۇلار ئىقتىسادىي چۆكۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەررەرلىكنى كېچىكتۈرەلەيدۇ، ئەمما ئۇلار بۇ مۇقەررەرلىكنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادى تاق يۆنىلىشلىك تۆۋەنلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى روشەن ئۆزگىرىش، يەنى، خىتايدىكى تۇغۇش نىسبىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى، يەنى، نوپۇس ئازىيىشىنى كۆرۈۋاتىمىز. دېمەككى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ نوپۇسى ھازىرقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىشى، ھەتتا بۇ ئۇرۇش ياكى كېسەللىك بولمىغان شارائىتتا تارىختىكى ئەڭ كۆپ نوپۇس ئازىيىش بولۇپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئۇ ئوخشىمايدىغان بىر نۇقتىغا بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ دۆلەت تېز سۈرئەتتە چۆكۈشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ.»

پىتېر زېيخان مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك خەلقئارا سودىنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ھالبۇكى ئۇنىڭ قارىشىچە، بەختكە قارشى نۇرغۇن دۆلەتلەر ھازىر خىتاي بىلەن بولغان سودىدىن چېكىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى يوققا چىقارغان.
دوكتور رېيموند كو خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە بەزى مۇھىم ئۆزگىرىش ۋە داۋالغۇشلار يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئۆز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، لېكىن، خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئاستىلاش ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ بىراقلا گۇمران بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى مۇنداق شەرھلەپ ئۆتتى:

«مېنىڭچە بۇ پەقەت خىتايدىلا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلە ئەمەس. چۈنكى، ئادەتتە بىز ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىلا ئەمەس، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ سودا توسۇقلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، خىتاي ئىقتىسادى غايەت زوردۇر. ئېنىقكى، خىتاي ئىقتىسادى يەنىلا ئىنتايىن ھاياتىي كۈچكە تولغان. چۈنكى، بىر پۈتۈن سىستېما ئىچىدىكى قۇرۇلما ئامىللىرىنى ئاساس قىلغان ئومۇمىي ئاستىلاش خىتاي ئىقتىسادىنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مېنىڭچە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر داۋاملىق يۈز بېرىدۇ، ئەمما ئىقتىسادىي چۆكۈش يۈز بەرمەيدۇ، بەلكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىشى ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.»

لېكىن، دوكتور گوردون چاڭنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادى يۈزلىنىشى ھەققىدىكى قارىشى رېيموند كودىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھازىر تۈرلۈك كىرىزىس ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قايتىدىن گۈللىنىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدىن مال ئىمپورت قىلىشنى بايقۇت قىلماقتا. ھەتتا نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش، تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش ۋە باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ھالبۇكى، خىتاي دەھشەتلىك جىنايى سودا قىلمىشلىرىنى توختىتىشنى قەتئىي رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە، ھازىرقى شارائىتتا خەلقئارا سودا مۇناسىۋەتلىرى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئۇ، خىتاي ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇشتىكى بىردىنبىر رېئال تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بۇ تەرەپتىكى ئۈمىدىنىڭ ئىنتايىن كىچىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەمدە خىتاينىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئەركىن ئېكسپورت قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي ھازىر 2008-يىلدىكى كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە، 2008-يىلدىن كېيىن يىغىلغان قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى ھاسىل قىلغىنى يوق.»

ئۇ يەنە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھالاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«شى جىنپىڭ بىر ئىدېئولوگ. ئۇ دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ جەمئىيەتنى مونوپول قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقىلا بېرىلىپ كەتتى. ئۇ پەقەت ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەينىگە سۈرۈۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىسىنى ياراتقان بارلىق سىياسەت ۋە ئۇسۇللارنى بۇزۇۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنى ھالاك قىلىش يولىغا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مانا بۇلار ھازىر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بولۇپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئۆزىنى ئۆزى يوقىتىۋاتىدۇ.»

دەرۋەقە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كىرىزىس ۋە بوھرانغا دۇچ كېلىنىۋاتقانلىقى قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان پەيتتە، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىمۇ تۈرلۈك شەكىلدە بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.