ئۆتكەن ھەپتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەركەزگە قاراشلىق بىر قانچە ساھەلەرگە قارىتا يېڭى يىللىق خىزمەت نىشانى ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ۋاھالەنكى، ما شىڭرۈينىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، نېفىت-رەڭلىك مېتال، ئۇچۇر-مۇلازىمەت، خەۋەرلىشىش، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق مەركەزگە قاراشلىق كارخانا-ئورۇنلارنىڭ دۆلەتنىڭ دۆلەتنىڭ كۈچى ۋە ئومۇمىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى تەكىتلىشى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولماقتا.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 22-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ما شىڭرۈي ئۇيغۇر رايونىدىكى مەركەزگە قاراشلىق ساھەلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈشتە، مەركەز بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ نۇقتىلىق ھالدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «شىنجاڭنىڭ توك، كۆمۈر، نېفىتلىرىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، كان بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
«دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى شېڭ شۆ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ما شىڭرۈينىڭ مەركەزگە قاراشلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، كان-نېفىت بايلىقلىرى ساھەسىدىكى كارخانا-ئورۇنلارغا بۇ يېڭى يوليورۇقنى تەكىتلىشى ماھىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى پەيدىنپەي ناچارلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى. شېڭ شۆ خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ھازىر خىتاي ئىقتىسادىنى چېكىنىش باسقۇچىدا دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى، پاي-چەك بازىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتىدۇ. خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ سېتىش ۋە سېتىۋېلىش كۈچىمۇ ئاجىزلاۋاتىدۇ. چەتئەل شىركەتلىرىمۇ مەبلەغ سېلىشتىن ئاستا-ئاستا چېكىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ما شىڭرۈينىڭ بۇ خىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك تەلىپىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ بايلىق، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ۋە ئىقتىسادىنى قاتتىق كونترول قىلىش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يادرولۇق كۈچىدۇر. بولۇپمۇ خىتاي نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىش دەۋرىدە ئۆزىنىڭ يەرلىك رايونلارغا قارىتا بېسىم ۋە كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ. »
شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى چېكىنىشكە قاراپ مېڭىۋاتقاندا ئۇلار بۇ خىل ھالەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا «بىكارلىق تەبىئىي بايلىقلار» نى قېزىشنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ئاتالمىش ‹غەربتىن شەرققە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش› ، ‹غەربتىن شەرققە توك يەتكۈزۈش› ، ‹غەربتىن شەرققە كۆمۈر توشۇش› ، ‹غەربتىن شەرققە نېفىت ئاققۇزۇش› قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، بىڭتۈەن ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى قوللىنىپ كەلدى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، مەركەزگە قاراشلىق كارخانا-ئورۇنلارنىڭ كۈچىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنى تالان-تاراج قىلىشنى يەنىمۇ جىددىي رەۋىشتە تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ۋەزىيەتتە قېلىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىغا بولغان بۇلاڭ-تالاڭنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. »
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۈي بۇ قېتىملىق خىزمەت تەكشۈرۈشىدە يەنە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەقەملىك ئۇچۇر مۇلازىمەت، خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ قوللاپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە كۈچلۈك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچى خې ئەنچۈەننىڭ پىكرىچە، ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىم مەركەزگە قاراشلىق بىر قانچە ساھەگە قارىتا تەكىتلىگەن يېڭى سىياسەتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىرى خىتاي ئىقتىسادى بىلەن باغلىنىشلىق بولسىمۇ، ئەمما بىۋاسىتە سەۋەب نەتىجىلىك مۇناسىۋەت بولالمايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەسلى مەقسىتى رايوندىكى مەركەزگە قاراشلىق كارخانا ۋە ئورۇنلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتۇر. چۈنكى خىتاي بۇ مەركەزگە قاراشلىق كارخانا ۋە ئورۇنلارنى بىۋاسىتە كونترول قىلالايدۇ. شۇڭا بۇ ئورۇنلار خىتايغا نىسبەتەن ئۇلار ئەڭ ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان قوراللاردىن پايدىلىنىپ، بىرى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يەنە بىرى ئومۇمىي خەلق ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنى كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مېنىڭچە بۇ بىر تەرەپتىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان بايلىقىنى مۇنقەرز قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەركەز ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا بولغان باستۇرۇشىنى ۋە كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مېنىڭچە، كەلگۈسىدە بۇ مەركەزگە قاراشلىق كارخانا ۋە ئورۇنلار خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن ھۆكۈمەتتىن باشقا يەنە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تايانچلىق ھەربىي كۈچ رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، بىز بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز ۋە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. »
مەزكۇر خەۋەردە يەنە، ما شىڭرۈينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پۇل-مۇئامىلە نازارەتچىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، شۇ ئارقىلىق سىستېمىلىق پۇل-مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇستەھكەم ئاخىرقى لىنىيەسىنى بەرپا قىلىپ، «جۇڭگوچە ئۇسلۇب» تىكى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىمۇ تەكىتلەنگەن.
شېڭ شۆ خانىم بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى قەشقەردە قۇرۇلغان ئاتالمىش «ئەركىن سودا رايونى» نى مىسالغا ئېلىپ، ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىملىق جەنۇبىي رايونلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە قاراتقان يېڭى يوليورۇقىنىڭ ماھىيەتتە، خىتاينىڭ ناھايىتى مەككارلىق بىلەن «يۇمشاق» ۋە «قاتتىق» كۈچلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا بولغان ئىقتىسادىي كونتروللۇقنى قولغا كىرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«خىتاي كومپارتىيەسى بۇ خىلدىكى سىياسەت يوليورۇقلىرىنى يۈرگۈزۈشتە، بىر قىسىم ئاددىي كىشىلەرگە ئازراق مەنپەئەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قارىماققا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بەزى يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن نەپ ئالغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. ھالبۇكى، مېنىڭچە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەرلىكتىكى ‹ئەركىن سودا رايونى› غا ئوخشاش بۇ خىلدىكى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ كېڭىيىشى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەرەققىي قىلغان زامانىۋى نۇسخىدىكى ‹جازا لاگېرىنى باشقۇرۇش› سىستېمىسىنىڭ تاشقى دۇنياغا كۆرسىتىلىشى دەپ قارايمەن. »
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇللىرى نۆۋەتتە تارىختىكى مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ مۇستەملىكە رايونلىرىدىن بايلىق قېزىش ھەمدە ئىقتىسادىي تالان-تاراجنى كۈچەيتىش قىلمىشلىرىغا سېلىشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور ئوخشاشلىقلار ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.