خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ئالداش تاكتىكىسى

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 29-ئاپرېل كۈنى «خىتايدىكى ‹ئىسلامدىن قورقۇش› ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلام بىلەن خەلقئارادىكى ئىسلامغا تۇتقان قوش ئۆلچىمى ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىكى ئەتراپلىق ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا شەرھلەنگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتايدىكى ‹ئىسلامدىن قورقۇش›، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشى، خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئېلىپ بارغان خاتا ۋە يالغان ئۇچۇر تەشۋىقاتى ھەمدە بۇنىڭغا ئىشەنگەن ياكى ئىشىنىشنى تاللىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا پەرۋا قىلماسلىقى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلار يورۇتۇپ بېرىلگەن.

«خىتايدىكى ‹ئىسلامدىن قورقۇش›» دېگەن تېمىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىن قارىشى، ئىسلامنى چەت ئەللىكلەرنىڭ دىنى دەپ قاراپ مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشى ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنغان؛

«خىتاينىڭ ئىسلامغا ئاچقان ئۇرۇشى» دېگەن تېمىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي مائارىپنى چەكلىشى، دىنىي ئالىملارنى باستۇرۇشى، قۇرئاننى كۆيدۈرۈشى، مەسچىت-مازارلىقلارنى ۋەيران قىلىشى، ناماز سۈرىلىرى ۋە دۇئالارنى ئۆزگەرتىشى، دىنىي قائىدىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى يوق قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئېلىپ بارغان خاتا ۋە يالغان ئۇچۇر تەشۋىقاتى» دېگەن تېمىدا، خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن دۇنيادا كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغانلىقى، مۇسۇلمان ئەللىرىگە خىتاي ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنى خىتايغا تەكلىپ قىلغانلىقى، ھەج دىپلوماتىيەسى ئېلىپ بارغانلىقى، ئافرىقا ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىگە قانداقتۇر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى «خىتايدىكى ‹ئىسلامدىن قورقۇش› ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 29-ئاپرېل.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى «خىتايدىكى ‹ئىسلامدىن قورقۇش› ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 29-ئاپرېل.

«مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ پوزىتسىيەسى» دېگەن تېمىدا، دۇنيا ئىسلامىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەغلۇبىيىتى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى ئارقىلىق مۇسۇلمان ئەللىرىنى جىمىقتۇرغانلىقى، خىتاينىڭ تۈرك-ئىسلام ئەللىرى، ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى، جەنۇبى ئاسىيا مۇسۇلمان ئەللىرى (پاكىستان، مالايسىيا، ھىندۇنېزىيە) گە سىڭدۈرگەن غايەت زور تەسىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان پاسسىپ پوزىتسىيەسى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 29-ئاپرېل كۈنى ھىندۇنېزىيە ياشلىرى كومىتېتى، ئىسلامىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندۇنېزىيە ياشلار شۆبىسى بىلەن بىرلىكتە تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ بىر ياقتىن ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارسا، بىر ياقتىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ئالداۋاتقانلىقىنى، بۇ دوكلاتنى تەييارلاش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى پاش قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايغا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتىش ۋە خىتايدىن ھۇشيار بولۇشقا ئۈندىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش ناھايىتى قىيىن، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا نەچچە ئون مىليارد دوللار سەرپ قىلىدۇ. بىز خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئاچقانلىقىنى تولۇق پاكىتلىرى بىلەن كۆرسەتتۇق ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدۇق».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروجېكت مەسئۇلى ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇردى ۋە خىتايدىكى ئىسلام قورقۇنچىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئىسلامدىن قورقۇش ئەمەلىيەتتە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ قورقۇنچنىڭ خىتايدا تارىخىي ۋە سىياسىي ئاساسى بار. چۈنكى خىتايغا كۆرە، خىرىستىيان دىنى ۋە باشقا بارلىق دىنلار چەت ئەلگە مەنسۇپ، ھەتتا چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ خىتايغا تاجاۋۇز قىلغىنىنىڭ بەلگىسى. 2017-يىل خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئىسلام يۇقۇملۇق كېسەل دەپ ئاتالدى، يەنى ئىسلام بىر روھىي كېسەللىك، ئۇنى داۋالاش كېرەك دەپ جاكارلاندى. ئاندىن خىتاي كومپارتىيەسى ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش، يەنى ئىسلامنىڭ دىنىي قىممەتلىرى ئورنىغا كوممۇنىزم ئىدىيولوگىيەسىنى قويۇش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، دۆلەت تاراتقۇلىرىنى ئىشقا سالدى».

ئىسلامىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندۇنېزىيە ياشلار شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئاسترىد نادىيە رىزقىتا (Astrid Nadya Riziqta) بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تەكىتلەپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «خىتايلار ئۇيغۇرلارنى دىنىي جەھەتتىنلا ئەمەس، مىللىي جەھەتتىن كەمسىتكەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھادىسە ‹ئىسلامدىن قورقۇش› لا ئەمەس، بەلكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدۇر. شۇڭا بۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى، بولۇپمۇ ھىندۇنېزىيەلىك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئىشتا چوڭ مەسئۇلىيىتىمىز باردۇر».

جاكارتادىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، دوكتور ئاسەپ سېتىۋان (Asep Setiawan) خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سېلىپ، چەت ئەلدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشىچاق بولۇۋېلىش تاكتىكىسىغا دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئىسلامدىن قورقۇش» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى، بۇ دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە دىنىي باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتقا كۆرە، خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنىي باستۇرۇش. بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنغان ئىشلار خىتاينىڭ ئۇ يەردىكى ئىسلام ئۈممىتىگە يۈرگۈزۈۋاتقان تۈپ سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىلىشىمچە، خىتاي يەنە ئىسلامنى تەشۋىقات ئورنىدا پايدىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە ‹ئىسلامدىن قورقۇش» ئەمەس، بەلكى دىنىي باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىك. مەنچە، بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرغىچە باشتىن كەچۈرگەن ئىشلىرى كۈچلۈك پاكىتلىرى بىلەن تىزىملىك قىلىپ تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك».

ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 2020-يىل 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پائالىيەتلىرىنى بىللە ئېلىپ بارىدىكەن؛ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى باشقىلارغا تونۇتۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۇ مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىدىكەن.