گېرمانىيەنىڭ يېڭى «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2023.07.14
Annalena-Baerbock.jpg گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك(Annalena Baerbock) خانىم گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلدى. 2023-يىلى 19-ئاپرېل، بېرلىن.
AP

13-ئىيۇل كۈنى مەركىزى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» نىڭ ساھىپخانلىقى بىلەن گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوك خانىم، گېرمانىيەنىڭ يېڭى «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلغان.

«مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 2021-يىلى قارا تىزىملىككە ئېلىنغان ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئورگاننىڭ پارلامېنتتا گېرمانىيەنىڭ يېڭى «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلىش يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىشى دىققەتنى تارتىدىغان بىر نۇقتا بولسا، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوكنىڭ بۇ يېڭى «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى ئۆزى بىۋاستە ئېلان قىلىشى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدىكەن.

13-ئىيۇل كۈنى سائەت 12:00 دىن 13:15 گە قەدەر داۋاملاشقان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان تور ئارقىلىق قاتناشقان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى گېرمانىيەنىڭ بۇ قېتىملىق «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» دە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. بۇ ئىستراتېگىيەدە ئۇيغۇر نامى ئېنىق تىلغا ئېلىنىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالقىشلاشقا تېگىشلىك زور بىر ھادىسە ئىكەن.

گېرمانىيەنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن:

«كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياننامىسىدە ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ بارلىق ئىنسانلارغا تالىق ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە، بىز كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ھۆرمەتنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تېرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇمىز، بۇ كونكىرېت ھادىسىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى. بۇ ھەقتە ب د ت مۇ دوكلات ئېلان قىلدى. تىبەتنىڭ ۋەزىيىتى، خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى، ئېتنىك ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ناچارلاشقان. بىز پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ تور ياكى ئوچۇقچىلىقتا كاپالەتكە ئىگە بولۇشى، شۇنداقلا پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. 2020-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق جازا قانۇنىنى يولغا قويدى. بىز بۇ قانۇننى خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تەدبىقلاشنى قوللايمىز.»

غەيۇر قۇربان ئەپەندى تېخى ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىدە دەل مۇشۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پىكىر ئېلىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئىككى يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان گېرمانىيەنىڭ مەزكۇر «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن، د ئۇ ق نىڭ يىللاردىن بېرى ئوينىغان رولىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، گېرمانىيەنىڭ «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مۇھىم ئورۇننى تۇتۇشى خىتايغا بېرىلگەن چوڭ بىر سىگنال ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.