ئامېرىكا دىپلوماتى: «بىز خىتاي بىلەن جاكارلانمىغان ئۇچۇر جېڭى ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەر يىلى مىلياردلارچە دوللار پۇل سەرپ قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇچۇر ۋە پىكىر يۆنىلىشىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

28-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «خىتاي يەر شارى ئۇچۇر مۇھىتىنى قانداق شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىپ، يەر شارىدىكى ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ يامان خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشىغا دىققەت تارتقان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەسىر كۆرسىتىش، تەشۋىقات، ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشتەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، خەلقئارادا خىتاي خالىغاندەك پىكىر ئېقىمى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتىكەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ يەر شارى ئۇچۇر مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتتى. ئۇ خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، چەت ئەللەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. »

بۇ دوكلاتنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمى (Global Engagement Center) تەييارلىغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ۋە مەزكۇر بۆلۈم دىرېكتورى جەيمى رۇبىن (Jamie Rubin) دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ۋە سېنزور كونتروللۇقىدىن پايدىلىنىپ، رەقەملىك مۇستەبىتلىكنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە ئۆزىگە پايدىلىق ئۇچۇرنى يېيىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن».

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى سەزگۈر دەپ قارىغان مەسىلىلەردە تور ئىچى ۋە سىرتىدا تەھدىت ئىشلىتىش ئارقىلىق، پەرقلىق پىكىرلەرنى جىمىقتۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىنى سىنزورلاشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە شىنجاڭ ۋە تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا ئۆزلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقان ھېكايىلەرگە قارشى تۇرغانلارغا تەدبىر قوللانغان. »

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاراتقۇلارنىڭ پايلىرىنى سېتىۋېلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، بىر ياقتىن بۇ ئاخباراتلارنىڭ خىتاي ھەققىدە ئىجابىي ھېكايىلەرنى ئېلان قىلىشىنى قولغا كەلتۈرسە، يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى مەسىلىلەرنى قوچۇپ، كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغان. بېيجىڭ يەنە نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەرگە ئىنتېرنېتنى سېنزورلاش تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىپ، تور مۇستەبىتلىكىنى كېڭەيتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئافرىقا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ، بۇ دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭ ياقتۇرمايدىغان ئۇچۇرلارنى توسۇپ قېلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

جەيمى رۇبىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن:

«ئۇلار رەقەملىك مۇستەبىتلىك باش كۆتۈرگەن بىر دۇنيا بەرپا قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تور دۇنياسىدىكى مۇستەبىتلىكىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلدى. ئۇلار بولۇپمۇ يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۇچۇرنى كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. »

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى مىساللار ۋە باشقا نۇرغۇن مىساللارنى نەزەردە تۇتقاندا، خىتاينىڭ «يەر شارىدىكى ئۇچۇر مۇھىتىنى قايتا قۇرۇشتىن ئىبارەت يوشۇرۇن كۈچى» بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار، «خىتاي ھەربىي جەھەتتىنلا ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا مىقياسىدىكى ئىدىيە ۋە ساختا ئۇچۇر جېڭىدىمۇ ئاساسلىق رەقىبىمىز بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، ئەگەر بۇ ۋەزىيەت ئۆزگەرتىلمىگەن تەقدىردە خىتاينىڭ يەر شارى ئۇچۇر ئېقىمىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ، بىر تەرەپلىمە قاراشقا ۋە كەمتۈكلۈككە يول ئاچىدىغانلىقى، بۇنىڭ ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى بېيجىڭغا بويسۇندۇرىدىغان قارارلارنى چىقىرىشىغا يېتەكلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

جەيمىس رۇبىنمۇ ئاخبارات يىغىنىدىكى سۆزىدە بۇنىڭ ئاددىيلا بىر ھېكايە بايان قىلىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ۋە مەنپەئەتىمىز خەتەر ئىچىدە تۇرماقتا. ئەگەر مۇشۇنداق ماڭسا، خىتاينىڭ ئۇچۇر كونتروللۇقى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا بېيجىڭنى تەنقىد قىلىدىغان پىكىرلەرنىڭ ئەركىن بايان قىلىنىشىنى ئاياغلاشتۇرۇشى مۇمكىن» .

جەيمى رۇبىن ئاخبارات يىغىنىدىكى سۆزىدە كىشىلەرنى ھەرقانداق ئۇچۇرنى كۆرگەندە بۇ ئۇچۇرنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە چاقىرغان. ئۇ خىتايغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن باشقا ھېچقانداق ئوبيېكتىپ خەۋەر مەنبەسى بولمىغان بىر دۆلەت بىلەن ئامېرىكادەك ئەركىن ئاخباراتچىلىق مەۋجۇت دۆلەتلەردە تارقالغان ئۇچۇر ئوتتۇرىسىدا غايەت زور پەرق بارلىقىنى تەكىتلەپ، كىشىلەرنى بۇ ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىققا دەۋەت قىلغان.

ئۇ، يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن 20 نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇچۇر دەۋرىنى دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە پايدىلىق، دەپ ئويلىغان ۋاقىتلار ئىدى. بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، 24 سائەتلىك خەۋەرلەر، ئۇچۇر دەۋرى ۋە يەر شارىلىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان ئىدۇق. بىراق كۆرگىنىمىز شۇ بولدىكى، يەر شارىلىشىشنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى بار ئىكەن. ئەگەر بىز بۇ ئۇچۇرنى قامال قىلىشنى توختاتمىساق، ئۇ ھالدا بىز ئىشىنىپ كەلگەن دېموكراتىك قىممەت قارىشى، بىخەتەر دۇنيا قائىدىلىرى ۋە ھوقۇقلار ئاستا-ئاستا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ماڭىدۇ» .

جەيمى رۇبىن سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇچۇرنى قامال قىلىش، ساختا تەشۋىقات تارقىتىش، سېنزور ۋە تەقىبلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىز تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمىسەك، جەمئىيىتىمىزنىڭ نورمال فۇنكسىيەلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۇچۇر بوشلۇقىنى زەھەرلەپ ماڭىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ۋە مۇقىم ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. بىز ئورۋېل تەسۋىرلەنگەندەك، پاكىت بىلەن توقۇلمىلار ئارىلاشقان دۇنيانى كۆرۈشنى خالىمايمىز، بۇ ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرى تايىنىپ كەلگەن بىخەتەر قائىدە ۋە ھوقۇق دۇنياسىنى ۋەيران قىلىدۇ. »

بۇ دوكلات ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەخسۇس خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان تۇنجى دوكلاتى. مەزكۇر دوكلات ھەرقايسى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلار بۇ دوكلاتنى دۇنيا ئۈچۈن مۇھىم بىر ئويغىنىش سىگنالى، دەپ باھالىماقتا.