ئامېرىكا پۇقراسى ۋاڭ شۇجۈن خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئامېرىكا گىراژدانى ۋاڭ شۇجۈننىڭ دېلوسى ئۈستىدىن نيۇ-يوركنىڭ برۇكلىن رايونىدا ئېچىلغان سوت 6-ئاۋغۇست كۈنى ئاياغلاشقان. مەزكۇر سوت ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەگەر ۋاڭ شۇ جۈننىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى بېكىتىلسە، ئۇنىڭغا 25 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 6-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، سوتتا زاسېداتېللار ئۆمىكى ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى گۇمان قىلىنغان ۋاڭ شۇجۈننى چەتئەل ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرمىغان ۋاكالەتچىسى بولۇش، ئامېرىكا فېدېراتىپ ئورگانلىرىغا يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىگە قارىغاندا، سوتتا ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارى بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن ۋاڭ شۇجۈننىڭ 2005-يىلدىن باشلاپ بېيجىڭ دائىرىلىرىنى جاسۇسلۇق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ شۇ جۈن ئۆزىنىڭ شەرقىي قىسىم ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيەنى قوللايدىغان ھەرىكەت چەمبىرىكىدىكى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى، شۇنىڭدەك دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلىدىغان تەشكىلات «خۇ ياۋباڭ ۋە جاۋ زىياڭ فوندى جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى بولۇشتەك قولايلىقتىن پايدىلىنىپ خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆكتىچىلەرنىڭ كىملىك ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى ھىمايە قىلغۇچىلار، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا 2015-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ۋاڭ شۇجۈن ھەر يىلى كەم دېگەندە ئۈچ قېتىم خىتايغا بارغان، بۇ جەرياندا كەم دېگەندە ئۇنىڭ بىر قېتىملىق ساياھەت خىراجىتىنى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەمىنلىگەن.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، نيۇ-يورك شەھىرىدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ شۇ جۈن 2006-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى «خۇ ياۋباڭ ۋە جاۋ زىياڭ فوندى جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە كۆرسىتىلگەن. خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ شۇجۈن بۇ سالاھىيىتى بىلەن نيۇ-يوركتا خىتاي دېموكراتلىرى تەشكىللىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا پائالىيەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىش ۋە يىغىن كۈن تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتەك خىزمەتلەرنى قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى خىتايغا قارشى سەپتىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ كىملىك ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى زادىلا سېزىلمىگەن ئىكەن.

خۇ پىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «2006-يىلى ‹خۇ ياۋباڭ ۋە جاۋ زىياڭ فوندى جەمئىيىتى› قۇرۇلغان مەزگىلدە، ئەينى چاغدىكى جەمئىيەت باشلىقى چېن يىزى ئەپەندى ئۇنى بۇ جەمئىيەتكە ئېلىپ كىرىپ باش كاتىپ قىلغان ئىدى. كېيىن چېن يىزى ئەپەندى سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن جەمئىيەتتىن چېكىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا لى جىنجىن جەمئىيەت باشلىقى بولغاندىن كېيىنمۇ، ۋاڭ شۇجۈن داۋاملىق باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدە بولدى. ئۇ باش كاتىپ بولغىنى ئۈچۈن يىغىن-پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قىلاتتى. بىز بىرقانچە قېتىم چوڭ تىپتىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇلارغا چەت ئەللەردىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئاز بولمىغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر كېلىپ قاتناشتى. ئەلۋەتتە خىتاي ئىچىدىنمۇ تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭدا ئەلۋەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى بار ئىدى. ھەر قېتىمقى تەكلىپ خەتلىرىنى ئۇ ئەۋەتەتتى. ئەمما ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى بىزگە نامەلۇم ئىدى.»

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۆزىگە ئوخشاش چەت ئەللەردىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان «قۇلاقلار» نىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش، ماقالە ئېلان قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشكارا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىگەنلىكىنىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتتى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ شۇجۈن تەكشۈرۈش جەريانىدا دەسلەپ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خادىملىرىغا ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن قەرەللىك كۆرۈشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ جاسۇسلۇق دېلوسىدا ۋاڭ شۇجۈندىن باشقا، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باشقا تۆت نەپەر ئەمەلدارىمۇ ئامېرىكا تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن، ئەمما ئۇلار خىتايغا قېچىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇمۇ ئىلگىرى نيۇ-يورك شەھىرىدە خىتاي دېموكراتچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان يىغىنلاردا ۋاڭ شۇجۈننى كۆرگەن. ھەتتا بىر قېتىملىق يىغىندا ۋاڭ شۇجۈن شۇ يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىلشاتقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ يىغىنغا كېلىش ياكى كەلمەسلىكىنى سۈرۈشتە قىلغان.

ۋاڭ شۇجۈن دېلوسىغا قارىتا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلۇق ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان. خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۇ رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە تاراتقۇلىرى دائىم ‹خىتاينىڭ جاسۇسلۇقى› تېمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن ئەيىبلەشلەر ئاساسسىز بولۇپ چىقتى» دېگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا گىراژدانى بولغان ۋاڭ شۇجۈننىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەسكى، قەسەم بېرىپ ئامېرىكا گىراژدانى بولغان نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئېرىشىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچەلمەيدىكەن. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشتە ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلەر ئارقىلىق ئۈندەككە كەلتۈرۈش ئوبيېكتلىرىغا ئايلىنىدىكەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ۋاڭ شۇجۈنگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، رادىيومىز ۋە باشقا تاراتقۇلار ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى جاسۇسلىرى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەقەت نيۇ-يوركنىڭ برۇكلىن رايونىدىكى ئامېرىكا تەپتىش مەھكىمىسى يېقىنقى يىللاردا خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ئون نەچچە ئادەمنى جاسۇسلۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

ۋاڭ شۇجۈن 2022-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئەينى چاغدا ئۇ 300 مىڭ دوللار تۆلىگەندىن كېيىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىتا ۋاڭ شۇجۈن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى كۆپ قېتىم رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاڭ شۇجۈننىڭ ئادۋوكاتى يەنە سوت ھۆججىتىدە ۋاڭ شۇجۈننىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ غەربنىڭ سىياسىي ئىدىيەسىنى تارقىتىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە «سىڭىپ كىرىش ۋە ئاغدۇرۇپ تاشلاش» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئامېرىكا تەپتىش مەھكىمىسى ۋاڭ شۇجۈننىڭ جاسۇسلۇق دېلوسىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى مەجبۇرلاش ھەرىكىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇندىن باشقا، ۋاڭ شۇجۈن بىلەن ئالاقىلەشكەن خىتاينىڭ تۆت نەپەر دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمى ھازىرمۇ قېچىپ يۈرگەنلىكى مەلۇم.