15-دېكابىردىن بۇيان يالغۇز بېلگىيە تاراتقۇلىرىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ياۋروپادىكى بارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي جاسۇسى دانىيال ۋۇ بىلەن خىتايغا سېتىلغان بېلگىيەلىك سىياسەتچى فرانك كرېيېلمان (Frank Creyelman) توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە كەڭ سەھىپە ئاجراتتى. بۇ جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ تەركىبىدىن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى پاش قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا تونۇتۇش بىلەن شۆھرەت قازانغان دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ يۈز-ئابرويىنى تۆكۈش ۋە بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قارارى» نى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنۇشتەك ئۇيغۇرلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇنى «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان تەھدىتلىرىنىڭ يەنە بىر تۈرى» دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى جاسۇسلۇق دېلوسى نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.
خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، مەلۇم بىر غەرب دۆلىتى خىتايغا سېتىلغان بېلگىيەنىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى فرانك كرېيېلمان بىلەن خىتاي دۆلەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستېرلىقىنىڭ جاسۇسى دانىيال ۋۇ ئارىسىدا 2019-يىلى 6-ئايدىن 2022-يىلى 11-ئايغىچە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسىنى قولغا چۈشۈرگەن. گېرمانىيەنىڭ «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلى، فرانسىيەنىڭ «دۇنيا» گېزىتى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بىراق خىتاي جاسۇسى دانىيال ۋۇ ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا ئانچە كۆپ جاۋاب بەرمىگەن. خىتاينىڭ بېرلىن ۋە بىريۇسسېلدىكى ئەلچىخانىلىرىمۇ بۇ خۇسۇستىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا بۇنداق ئىشنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن.
ھالبۇكى، خىتاي جاسۇسى دانىيال ۋۇنىڭ دەسلەپكى ئىقرارلىرىدا بەزى جىددىي ھەم نازۇك مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان. خىتايغا سېتىلغان بېلگىيەنىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى فرانك كرېيېلمانغا خىتاي تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرگە دائىر سۆھبەت خاتىرىسىگە نەزەر ئاغدۇرساق، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ تاشقىي سىياسىتىدە نەقەدەر مۇھىم كۈنتەرتىپنى ئىگىلىگەن زور بىر مەسىلە بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، فرانك كرېيېلمان خىتايغا جاسۇس بولۇپ ئىشلىگەن 3 يىل ئىچىدە، ئاز دېگەندە تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا بۇيرۇلغان:
بىرىنچى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى چارلېس مىشېلنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئېنىقلاپ، مىشېلنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر خۇلاسە دوكلاتى ھازىرلاش؛
ئىككىنچى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەيۋەننى قوللاپ قارار ماقۇللىشىغا توسالغۇ بولۇش ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛
ئۈچىنچى، كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىللەردە ۋاتىكانغا تەسىر كۆرسىتىپ، بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارادا سىياسىيلىشىپ كېتىپ، خىتايغا ئېغىر بېسىم شەكىللەندۈرۈپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
تۆتىنچى، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولتزنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىدىن ئىلگىرى-كېيىنكى ئىجتىمائىي مۇھىتنى تەڭشەش. يەنى ‹ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ياۋروپادا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش قىيىنچىلىقىنى تۇغدۇرۇپ، مۇقىمسىزلىق ياراتتى› دەيدىغان جامائەت پىكرىنى پەيدا قىلىپ، خەلقنى قۇترىتىش، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ كەيپىياتىنى بېيجىڭغا پايدىلىق تەرەپكە بۇراش؛
بەشىنچى، خوڭكوڭلۇق سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ‹رادىكال كۈچلەر› دەپ تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىغا توسالغۇ يارىتىش؛
ئالتىنچى، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنزگە مۇناسىۋەتلىك سەتچىلىكلەرنى قېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭ يۈز-ئابرويىنى تۆكۈش؛
يەتتىنچى، بېلگىيە پارلامېنتى قوبۇل قىلماقچى بولغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قارارى» نى توسۇپ قېلىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قالايمىقان قىلىش.
مەلۇم بولغىنىدەك، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قارارى» 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ماقۇللانغان. خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، خىتايغا سېتىلغان بېلگىيەنىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى فرانك كرېيېلمانغا بۇ قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى توسۇپ قېلىش ۋەزىپىسى بولسا 2021-يىلى 6-ئايدا تاپشۇرۇلغان. بىراق، ئۇ ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، ئۇنىڭ بېلگىيە پارلامېنتىدىكى تېرىشچانلىقى نەتىجە بەرمىگەن. ئوخشاشلا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى جىنايىتىنى پاش قىلىپ خەلقئارادا تونۇلغان دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشى 2021-يىلىدىن ئېتىبارەن ئەۋج ئالغان بولسىمۇ ھەمدە خىتاي تەرەپ ئۇنى «سوتقا بېرىش» تەھدىتلىرى ئارقىلىق جىمىقتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە بۇ ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولغان.
نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى چەت ئەللىكلەردىن جاسۇس سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غايەت زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ كەلگەن بولۇپ، سېتىۋېلىنغانلارنىڭ بىر قىسمى خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى ئۈچۈن كۈچىسە، يەنە بىر قىسمى ئادرىيان زېنزگە ئوخشايدىغان تەتقىقاتچىلارنى ۋە د ئۇ ق خادىملىرىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشتەك ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
«جاسۇس ۋە يالغانچىلىق» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئالېكىس يوسكې (Alex Joske) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «قانچە 10 يىلدىن بۇيان، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستېرلىقى دۇنيانىڭ خىتايغا قارىتا سىياسىتىگە ۋە خەلقئارادىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۇلار ئىلىم ئادەملىرىنى، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنى، سودا دۇنياسىنىڭ رەھبەرلىرىنى، ھەتتا سىياسەت ساھەسىنىڭ ئەربابلىرىنىمۇ خىزمەتچىلىككە قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئىشقا سېلىپ كەلدى.»
خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ فرانك كرېيېلمانغا ئوخشايدىغان خىتايغا سېتىلغان يۇقىرى قاتلامدىكى غەربلىك جاسۇسلارغا بېرىدىغان مائاشى 6000-10000 ياۋرو ئەتراپىدا بولغان. خىتايلار كۆپرەك ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئوڭچىل پارتىيەلەرنىڭ ئەزالىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيەدىكى «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» ناملىق يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ئوڭچىل پارتىيەمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىتېفان كويتېر (Stefan Keuter) ئىسىملىك بىر ئەزاسى مەزكۇر دېلوغا چېتىلىپ قالغان. بىراق ئۇ بۇ ھەقتە ئاخبارات ساھەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي جاسۇسى ۋۇ بىلەن تونۇشلۇقى يوقلۇقىنى ھەمدە خىتاي تەرەپتىن پارا ئالغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئەمما خەۋەرلەردە، بۇ دېلونىڭ خېلى كۆپ غەربلىك كىشىلەرنى خىتايغا ئىشلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئاخبارات سەھنىسىگە سۆرەپ چىقىپ، ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالدا قويىدىغانلىقىدىن بېشارەتلەر بېرىلمەكتە.