خىتاي جاسۇسى نېمە ئۈچۈن 15 يىلدىن كېيىن خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى ئاشكارىلىدى؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.05.20
kamera-bayraq-beijing-tiananmen-AP بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى يول چىرىغىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئورنىتىلغان كۆزىتىش كامېراسىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى لەپىلدەۋاتىدۇ.2019-يىلى 15-مارت، بېيجىڭ
AP

خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئۈچۈن 15 يىل خىزمەت قىلغان بىر خىتاي جاسۇس يېقىندا ئاۋسترالىيەگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى (RFA) نىڭ كارتونىستى ۋاڭ لىمىڭغا يىللار ئىلگىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن تۇزاق قۇرغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارنى ئاشكارىلانغانىدى. دەرۋەقە، بۇ مەخپىيەتلىكلەر ئاۋسترالىيە ABC قانىلىنىڭ «تۆت بۇلۇڭ» پىروگراممىسىنىڭ مەخسۇس خەۋىرى ئارقىلىق تارقالغاندىن بۇيان، جىددىي دىققەت قوزغىماقتا.

«ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرساق، ھامان بىر كۈنى تاڭ ئاتىدۇ! »

«ئىسيانكار مۇچ»، يەنى [ «رېبېل پېپپىر» (Rebel Pepper) ] نامى بىلەن تور دۇنياسىدا تونۇلغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ كارتونىست مۇخبىرى ۋاڭ لىمىڭ رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ۋەقەنىڭ ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئىشلەشتىن بۇرۇنقى ياپونىيەدە ياشاۋاتقان مەزگىللىرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا كامبودژادىكى بىر شىركەت ئۆزىنىڭ كارتون ھەجۋى رەسىم سىزىش ۋە ماركا لايىھەلەش جەھەتتىكى تالانتلىرىنى جارى قىلدۇرالايدىغان يۇقىرى مائاشلىق بىر خىزمەتكە تەكلىپ قىلغانىكەن. ئۇ سۆزىدە، ئەينى چاغدىكى ئۇ ئاتالمىش «جەلپكار» خىزمەتنىڭ ماھىيەتتە، خىتاينىڭ ئۆزىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر تۇزاق ئىكەنلىكىدىن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئاشكارىلىنىشى ھەمدە بۇنىڭ تولىمۇ بىر قورقۇنچلۇق ۋە ۋەھىمىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

ۋاڭ لىمىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2017-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنى، بۇ تۇتقۇن قىلىش سۇيىقەستى مەن ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن ياپونىيەدىكى چاغلىرىمدا يۈز بەرگەن ئىش. ئەسلىدە شياۋ ياڭ ئىسىملىك بۇ خىتاي جاسۇسى بولغان كىشى ئاۋسترالىيە ABC قانىلى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىدا 15 يىل ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتىپ، كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. مۇخبىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىلگىرى ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق بىر دېموكراتىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئەينى چاغدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە ‹خىتاي ئۆكتىچىسى› بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلانغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ جەمئىي 15 يىل ئەتراپىدا خىتاي جاسۇسى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ خىتاي جاسۇسىنىڭ مەزكۇر مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ يەنە چەت ئەللەردىكى باشقا كىشىلەر بىلەنمۇ ئالاقىلەشكەن.»

ۋاڭ لىمىڭ بۇ خىتاي جاسۇسىنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۆزىنى تۇتقۇن قىلىش سۇيىقەستىنى شۇنچە يىللاردىن كېيىن ئاشكارىلىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنۇلارنى دېدى.

 «ۋاھالەنكى، بۇ كىشى 15 يىل جەريانىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىدە رەھبەرلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ماتېرىياللارنى يىغىپ توپلىغان. ئەمما ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ خەتەر ئىچىدە قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئالدى بىلەن تايلاندقا، ئاندىن ئاۋسترالىيەگە قېچىپ بارغان. ئۇ ئاۋسترالىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات ئورگىنى بىلەن ئالاقىلەشكەن ۋە ئۆزى توپلىغان بارلىق ئۇچۇرلار بىلەن ئۇلارنى تەمىنلىگەن. كېيىن ئۇ يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ ABC رادىيو قانىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئىشلاردىن ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرگەن ۋە قانال مۇخبىرلىرى ئۇنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرى ئىچىدە مېنىڭ ئىسمىم بارلىقىنى بايقىغان. شۇڭا ئۇ قانالنىڭ مۇخبىرى مەن بىلەن ئالاقىلەشتى. »

 «خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قانۇنىي يول بىلەن زەربە بېرىش كېرەك»

 «ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ئالاھىدە مۇخبىرى بىل گىرتىس (Bill Gertz) رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىنكاسىدا، يېقىندا يۈز بەرگەن بۇ قاچقۇن خىتاي جاسۇسنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى ئاشكارىلىشى ھەققىدە ئۆزىنىڭمۇ «ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

 «ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارايدىغان بولساق، بۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ قاچقۇن جاسۇسى تەرىپىدىن خىتاي ئۇچۇر-مەلۇماتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بولۇپ، بۇ، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئىش. چۈنكى، ئۇ جاسۇس خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ چەت ئەلدىكى ھەرىكىتىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى. بولۇپمۇ چەت ئەلدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىشنى نىشان قىلغان مەخپىي ھەرىكىتىنى پاش قىلدى. شۇڭا، بىز ئۇچۇرلارنى كۆپرەك تارقىتىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ قاچقۇن جاسۇس بىلەن سىن تور ئارقىلىق بولسىمۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ئىشلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى چەت ئەللەردىكى جاسۇسلار ئارقىلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. »

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئىستىخبارات ئورگىنى دەپ تونۇلىدىغان بىرلىكسەپ مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە پائالىيەتلىرىنى قانۇنىي يول ۋە ئۇسۇل-تەدبىر، شۇنداقلا ئاۋام خەلقنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا زەربە بېرىش كېرەك. »

ۋاڭ لىمىڭ زىيارەت داۋامىدا، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت سىزغان سىياسىي خاراكتېرلىك ھەجۋىي رەسىملىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشتىكى سەۋەبلىرى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2014-يىلى ئۇ ئايالى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيەگە 3 ئايلىق ساياھەتكە بارغان ۋە ئۇ چاغدا ياپونىيەدە تۇرۇپ قېلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان. ئۇلارنىڭ ياپونىيەدىكى ساياھىتى ئاخىرلىشىپ خىتايغا قايتىشقا ئاز قالغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە قارىتا ئېلىپ بارغان بىر يۈرۈش تەھدىت خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇ، خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ «‹ئىسيانكار مۇچ› قا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ سوتقا تارتىلىشى ۋە قاتتىق جازالىنىشى كېرەك» دەپ يېزىلغان بىر ماقالىسىنى بايقىغان. ئۇندىن باشقا، ياپونىيەدىكى ساياھەت مەزگىلىدە ئۇنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتى تاقىتىۋېتىلگەن. شۇنداقلا يەنە، توردىكى بانكا ھېساباتى بىكار قىلىنىپ، تور دۇكىنىمۇ توڭلىتىۋېتىلگەن. مانا بۇ بىر قاتار ھۇجۇملار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان ۋە خىتايغا قايتماسلىقنى قارار قىلغان.

«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى داۋاملىق دەستەك بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. »

ۋاڭ لىمىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۆزىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك تۇزاق، سۇيىقەست، تەھدىت ۋە باستۇرۇشلىرىنىڭ بىر قورقۇنچلۇق ئىش بولسىمۇ، ھالبۇكى بۇنىڭ ھەجۋى رەسىم سىزىش ئىجادىيىتى ئۈچۈن بىر قۇدرەتلىك كۈچ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.

 «مەن سىياسىي ھەجۋىي رەسىم سىزىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، تەيۋەنلىك بىر كارتونستنىڭ ‹سىياسىي ھەجۋىي رەسىملەردىكى بىر پارچە رەسىم مىڭ سۆزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ› دېگەن سۆزىنى ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭغا ناھايىتى قايىل بولغانىدىم. ئەلۋەتتە مەندە بىر قورقۇش ھېس-تۇيغۇسى بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۇيغۇ يەنە داۋاملىق ئىجادىيەت قىلىشىم ئۈچۈن ماڭا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ. مەن ھازىر شۇنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدىمكى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشى قانچە كۆپ بولسا، ئۇ ماڭا بېرىلگەن مېدال ۋە شان-شەرەپكە باراۋەر دەپ قارايمەن. شۇڭا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ھەجۋىي رەسىم ئىجادىيەتلىرىم ئارقىلىق خىتايدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى داۋاملىق دەستەك بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. »

ۋاڭ لىمىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 1960-يىللىرى «چېگرا رايونلارنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش» دېگەن نامدىكى سىياسەت نەتىجىسىدە شاڭخەيدىن «تۆۋەنگە چۈشكەن زىيالىي ياش» دېگەن ئاتاق بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان ۋە ئۇ جايدا 20 نەچچە يىل ياشىغان. ئۆزىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ، بالىلىق چاغلىرىنى شۇ زېمىندا كەچۈرگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تەبىئىي شەكىللەنگەن مانا بۇ خىل باغلىنىش 2017-يىلىدىن بۇيان، ئۇنىڭ ھەجۋىي رەسىم ئىجادىيەت تېمىسىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى پاش قىلىشقا قاراتقان. ئۇ سۆزىدە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، بىر مۇخبىر ئۈچۈن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى.

 «مېنىڭچە، بىر مۇخبىرغا نىسبەتەن ھەقىقەتنى دوكلات قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىر كارتونىست مۇخبىرى ئۈچۈن بولسا ھەقىقەتنى سىزىشتا چىڭ تۇرۇشنى زۆرۈر دەپ ئويلايمەن. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەقسىتى ئاغزىمىزنى ئېتىش ئارقىلىق بىزنى باستۇرۇشتۇر. ئەگەر بىز سۈكۈت قىلساق ئۇنىڭ غەلىبە قازانغانلىقى بولىدۇ. شۇڭا، ھەقىقەتنى سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ ئۇنى داۋاملاشتۇرساق، ھامان بىر كۈنى تاڭ ئاتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!»

ئامېرىكا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ۋەكىلى (CPJ's China representative) ئايرىس سۇ (Iris Hsu) خانىممۇ ئېلخەت ئارقىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خېتىدە، خىتاينىڭ ئۆكتىچىلەر ۋە تەنقىدىي ئاخباراتچىلىقنى زورلۇق بىلەن باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، بۇنىڭ بىر نومۇسسىزلىق ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ئەخلاقىي ۋىجداننى يىمىرىش ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.